- تىزىملاتقان
- 2014-8-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 384
- نادىر
- 0
- يازما
- 9
ئۆسۈش
  42%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇزدىل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-25 18:13
ەۇنيا بويىچە ئەڭ تەس تىللارنىڭ بىرى ئەرەب تىلى بىلەن خەنزۇ تىلى . خەنزۇ تىلى دۆلەت تىلى بولغانلىقتىن بۇ تىلنى ئۈگەنگۈچىگە ئېغىز تىلى ۋە يېزىق تىلى جەھەتتىن (بولۇپمۇ ئېغىز تىلى جەھەتتە) نۇرغۇنلىغان قولايلىقلار بار.
مەن ئەرەب تىلى ئۈگۈنۈش جەريانىدىكى تەجىربىلىرىمگە ئاساسەن ئىككى كەلىمە سۆز قىلىپ باقاي.
مېنىڭچە ھەرقانداق بىر تىلنى ئۈگەنگۈچى دەسلەپتە تېكىسلەرنى يادلاش ۋە تەلەپپۇز قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك(ئەلۋەتتە سۆز ۋە جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى بىلىش بىلەن بىرگە)
ئاندىن بارا-بارا تەرجىمىگە ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا جۈملىلەرنى بىرمۇ بىر يادلىماستىن بىربەتتىكى سۆزلەرنى مەلۇم بۆلەكلەرگە بۆلىۋىلىپ ھەربىر بۆلەكنى بىرقانچە قېتىم ئۈنلۈك ئوقۇپ بېرىش كېرەك .
شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۆزلەرنى ئەمەلىي ئىشلىتىشكىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك يەنى ئوقۇغان بىر كىتابىنى قايتا-قايتا ئوقۇۋەرمەستىن بىر كىتابنى كۆپ بولغاندا ئىككى قېتىم ئوقۇپ ئاندىن باشتا ئوقۇغان كىتابىغا قارىغاندا يۇقىرراق سەۋيەدە يېزىلغان كىتابلارنى كۆرۈش كېرەك...
ئاندىن ۋاقىت يار بەرسە ئۇيغۇرچە جۈملىلەرنى شۇ ئۈگۈنىۋاتقان تىلىغا ئۆرۈپ بېقىش كېرەك ئۆرەلمىگەن يەرلىنى باشقلاردىن سوراپ ئۈگۈنۈشى كېرەك .
تىل ئۈگۈنۈش مۇشەققەتلىك بىر يول شۇڭا بەل قويۇۋەتمەي ئاز ئۈگەنسىمۇ ئۈزۈپ قويماي داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك.
ھەم شۇنداقلا خەنزۇچە كىنۇ-فىلىملەرنى كۆپرەك كۆرۈپ بەرسۇن............. |
|