- تىزىملاتقان
- 2014-3-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1114
- نادىر
- 0
- يازما
- 82
ئۆسۈش
  11.4%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئەركىن سىددىق ئاكا !
ئىرىشكەن مۇۋەپپىقىيەتلىرىڭىز گەرچە ئۆز تىرىشچانلىقىڭىزنىڭ نەتىجىسى بولسىمۇ ، ئۆز مىللىتى بىلەن تەڭ بەھىرلىنىش ئۆزى بىر پەزىلەتتۇر . مۇبارەك بولسۇن ! بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن !
مەن ئاسـتىرۇنۇمىيەگە شۇنداق قىزىقىمەن ، چۈنكى ئۇمۇ ئاللاھقا ئىشەنگەن مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسى ئىدى . بىراق بىز ئىلىم-پەننى خۇراپاتلىق دەپ دىن بىلەن ئىككىسى ئارىسىغا چەك -چىگرا ئايرىغان كۈندىن باشلاپ زامان بىزگە كۈلۈپ باقمىدى . ئەمەلىيەتتە ئىسلامىيەتنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى ئىلىم-پەننى دىننىڭ بىر مۇھىم قىسمى دىگەن شۇ 10-ئەسىرلەرنىڭ ئالدى كەينى ئىدى .
ئارستۇتىلنىڭ ئۇنتۇلۇپ كەتكىنى تۇرغان قاراشلىرىنى تىرىلدۇرگەن ھەم تولۇقلىغان , ھاياتى تەقۋادارلىق ئىچىدە ئۆتكەن ئەنە شۇ فارابى بوۋىمىز ئىدى . بۇنداق مىساللىرىمىز كۈرمىڭ ئەلۋەتتە . كۆپچىلىكىمىزنىڭ خەۋىرى يوق بىر ئىش بار . 1030-يىللىرى ياشاپ ئۆتكەن ئىرانلىق ئىبنى مىسكەرەبى دىگەن بوۋىمىز ئۇنىڭدىن 750 يىل كىيىن ياشىغان دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات قانۇنىنىڭ ئەسلى بەرپاچىسى بولۇپ ، « ئەل فەۋزۇل ئەسقەر » دىگەن كىتابى بۇ قانۇنىيەتنى دارۋىندىنمۇ بەكرەك سىستىمىلىق ھەم پاكىتلىق قىلىپ يىزىپ چىقىلغان ( نۇرغۇن ھەدىسلەردىنمۇ دەلىل ئالغان ) . بۇ كىتاپنىڭ ئەرەپچىسى ھەم ئىنگىلىزچىسى باركەن. بىلگەجان ئاكىمىزدەك ھەقىقىي قاسساپلىرىمىزنىڭ ئىزدىنىپ بىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . غەرپ ئىلىم-پەندىكى يۈكسەك ئورنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن بۇ كىتاپنى ئۆز ۋاقتىدا چەكلەپ شۇ ئىرانلىق ئالىمنىڭ كۆز قارىشىنى دارۋىن دەپ بىر ئوبرازنى يارىتىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان دىگەن قاراشلار مەۋجۈد . |
|