قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 8103|ئىنكاس: 26
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تاشپولات: ئىراندا تۇغۇلغان ماريام مىرزاخانى فىلدىز مېدالىنى ئالدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

200

تېما

63

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 22
مۇنبەر پۇلى: 495
تۆھپە : 3700
توردىكى ۋاقتى: 259
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 08:29:00 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-14 08:27  

ئىراندا تۇغۇلغان ماريام مىرزاخانى فىلدىز مېدالىنى ئالدى

تاشپولات روزى

maryam4.jpg

ماتېماتىكىدا نوبېل مۇكاپاتى دەپ ئاتىلىدىغان 40 ياشتىن توۋەن ماتېماتىكلارغا بېرىلىدىغان فىلدىز مېدالى  (Fields Médal)  ئىراندا تۇغۇلغان ھازىر دۇنياغا داڭلىق كالىفورنىيەدىكى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى ماريام مىرزاخانى ۋە ئۇنۇڭدىن باشقا 3 ماتېماتىكقا 8-ئاينىڭ 13-كۈنى كورېيەنىڭ پايتەختىدە ئېچىلىۋاتقان خەلقئارا ماتېماتىكا يىغىنىدا بېرىلدى. بۇ مۇكاپات 1936-يىلدىن بېرى بېرىلىۋاتقان بولۇپ ئاياللارنىڭ بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشى بۇ قېتىم بىرىنچى قېتىم بولىدۇ.

maryam2.jpg

فىلدىز مېدالى دېگەن قانداق مۇكاپات؟ نوبېل مۇكاپاتىدا ماتېماتىكا مۇكاپاتى بىلەن گۈزەل سەنئەت مۇكاپات يوق. يەنى نوبېل مۇكاپاتى ماتېماتىكلارغا بېرىلمەيدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن كانادالىق ماتېماتىك John Charles Fields نىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1936-يىلى بۇ مۇكاپات يەنى فىلدىز مۇكاپاتى قۇرۇلۇپ چىقىدۇ. نېمە ئۈچۈن نوبېل مۇكاپاتى ماتېماتىكلارغا بېرىلمەيدۇ دېگەن سوئاللار كۆپ سورالغان بولسىمۇ نوبېلنىڭ بۇنىڭغا ئائىت بېرە قالدۇرغان نەسىھىتى يوق ئىكەن. بىراق كۆپلىگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا نوبېل ھايات ۋاقتىدا ئۇ تونۇيدىغان بىر ماتېماتىك بىلەن ئۆشلىشىپ قالغان مىش.

بۇ فىلدىز مۇكاپاتى ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان خەلقئارا ماتېماتىكلار يېغىنىدا (IMU)، ماتېماتىكىدا ئالاھىدە نەتىجە ياراتقان 40 ياشتىن تۆۋەن 4 نەپەر ياش ماتېماتىكلارغا تارقىتىلىدۇ. بۇ مۇكاپات ھازىر ماتېماتىكىدىكى نوبېل مۇكاپاتى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. نوبېل مۇكاپاتى كۆپىنچە نەتىجە ياراتقان مەلۇم ساھەگە قارىتىلىپ بېرىلىدۇ. ئەمما فىلدىز مۇكاپاتى ھازىر ماتېماتىكا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياش ماتېماتىكلارغا تارقىتىلىدۇ. نوبېل مۇكاپاتىنى قايتا ئېلىشقا بولىدۇ. بىراق فىلدىز مۇكاپاتىنى پەقەت بىرلا قېتىم ئېلىشقا بولىدۇ. بۇ مۇكاپاتنى ئەڭ كۆپ ئالغان دۆۋىلەت ئامېرىكا بولۇپ ھازىرغىچە 12 مېدال، فىرانسىيە 11 مېدال، رۇسىيە 9 مېدال، ئەنگلىيە 7 مېدال، ياپونىيە 3 مېدال، بېلگىيە 2 مېدال ئالغان.

پروفېسسور ماريام مىرزاخانى 1977-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىران پايتەختى تېھراندا تۇغۇلغان. ئۇ ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا يەنى 1994- ۋە 1995-يىللىرى خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، 1994-يىلى بىر نومۇر كەم ئالتۇن مېدالغا، 1995-يىلى مۇسابىقىدە تولۇق نومۇر ئېلىپ ئالتۇن مېدالنى ۋە بىرىنچىلىكنى ئىككى يىل قولدىن بەرمەيدۇ. ماريام، تېھراندىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن شارىپ تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كېرىپ، 1999-يىلى ماتېماتىكىدىن باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالىدۇ. ئۇ 2004-يىلى دۇنياغا داڭلىق خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالىدۇ. ئۇ ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن دۇنياغا داڭلىق پرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى بولۇپ ئىشلەپ ھازىر ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى. ئۇ يەنە 2009-يىلى ۋە 2013-يىللىرى ئامېرىكا ماتېماتىكا جەمئىيىتى تەرىپىدىن بېرىلىدىغان Blumenthal ۋە Satter مۇكاپاتىنىمۇ ئالىدۇ. ئۇنتۇڭ تەتقىق قىلىدىغىنى  ھېپىربولالىق يۈز، دىنامىكىلىق سىستېما،  يۈزنىڭ گېئومېتىرىيىلىك قۇرۇلمىسى ۋە رىمان يۈزىنىڭ مودىلىق ئۆلچەم تېئورېمىسى قاتارلىق گېئومېتىرىيىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئىبارەت.

maryam3.jpg

پروفېسسور ماريام مىرزاخانىنىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن جاۋابلىرىدا، ئۇنۇڭ كىچىكىدىن باشلاپ يازغۇچى بولۇش ئارزۇسى بارلىقىنى ماتېماتىكا بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى خىيالىغىمۇ كىرىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقاندا ماتېماتىكىدا كوپ ناچار بولۇپ نەتىجىسى توۋەن ئىكەن. ئۇنۇڭ شۇ چاغدىكى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭدا بىر ئالاھىدە تالانت بار دەپ قارىمىغان ئىكەن. بىراق ئۇنۇڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى تولۇقسىزنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئۇنۇڭ ماتېماتىكا ئۆگىنىشىگە كوپ ياردەم قىلىش ۋە ماتېماتىكىغا قىزىقتۇرۇشى نەتىجىسىدە ئۇ سىنىپىدا بىر يۇلتۇزغا ئايلانغان. ئۇنۇڭ ئاكىسىنىڭ ماتېماتىكا ئاساسى ياخشى بولۇپ، ئۇ ھەر قېتىم سىڭلىسى بىلەن مەكتەپتىن قايتقاندا، سىڭلىسىغا ئۆزىنىڭ ماتېماتىكىنى قانداق ئۆگىنىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپ ئۇنى ماتېماتىكىغا قىزىقتۇرغان ئىكەن. ئاكىسى يەنە سىڭلىسىغا ئاتاقلىق گېرمان ماتېماتىكا ئالىمى گائۇسنىڭ كىچىك ۋاقتىدا 1 دىن 100 بولغان سانلارنىڭ يىغىندىسىنى قانداق ئەپچىللىك بىلەن ھېسابلاپ چىققانلىقىنىمۇ سۆزلەپ بەرگەن. شۇنداق قىلىپ ئۇ ماتېماتىكا ئۆگىنىشكە قىزىققان. ھازىر دىيارىمىزدا ماتېماتىكىغا قىزىقماسلىق ۋە ئۇنى ئۆگەنسۇنمۇ ياخشى بولالمايدىكەنمەن دېگەن ناچار كۆزقاراش مەۋجۇت ئىكەن. مېنىڭچە ئوقۇغۇچى ئۆزىگە ئىشىنىشى، ماتېماتىكىنى چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ كېتەلەيمەن دەيدىغان ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇش بەكمۇ مۇھىم. ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچى قولىغا قەلەم ۋە قەغەز ئېلىپ بېرىلگەن مەسىلىنى باشقىلارنىڭ ياردىمىسىز ئىشلەپ بېقىش كېرەك. يۇقىرىدىكى ماريام مىرزاخانىنىڭ تارىخىغا قارىساق ماتېماتىكىغا قىزىقمىغان بىر ئادەمنىڭمۇ ماتېماتىكىدا داڭلىق ماتېماتىكا ئالىمى بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. ماريام مىرزاخانى تولۇقسىزنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدىن باشلاپ ماتېماتىكنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ قىيىن بولغان ماتېماتىكىدا ئالاھىدە ئوقۇغۇچى بولىدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچى تىنىم تاپماي تىرىشسا مېنىڭچە ھەرقانداق بىر كەسىپ ئۇستىدىن غەلىبە قىلىپ داڭلىق كەسىپ ئىگىسى بولالايدۇ. بولۇپمۇ بالىلارنى ماتېماتىكىغا قانداق قىلىپ قىزىقتۇرۇش تېخىمۇ مۇھىم دەپ قارايمەن. مېنىڭچە بالىلارغا ماتېماتىكىنىڭ ئەمەلىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ماتېماتىكىدىكى فورمۇلىلارنىڭ ئىشلىتىش ئورۇنلىرىنى ئەمىلى مەسىلىلەر ئارقىلىق چۈشەندۈرسە بالا ئۇنۇڭغا چوقۇم قىزىقىدۇ. بۇ توغرىلىق كېيىنچە بىر ماقالە يېزىش ئويۇم بار.

Maryam1.jpg

1936-يىلدىن باشلىنىپ بېرىلىپ كېلىۋاتقان بۇ فىلدىز مېدالىنى ئاياللارنىڭمۇ ئېلىشى، ئاياللارنىڭ ئىقتىدارى توۋەن دەپ ئاياللارنى توۋەن كۆرىدىغان جەمئىيەتكە ئېتىلغان ئوقتۇر. ئاياللار قابىلىيىتىنى ئىنكار قىلغان دۆلەتلەر دۇنياغا قاراپ باقساق ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ ئىپتىدائىي، ئەڭ قالاق دۆلەتلەردۇر. بىز قىزلىرىمىزغا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار تېخنىكا مائارىپلىرىنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك. مائارىپتىن ئايرىلغان باشقا ھەرقانداق بىر سەپسەتە ئۇچىغا چىققان ئالدامچىلىق. مېنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەتەن سەپىرىمدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئوز پەرزەنتلىرىنى قانداق تەربىيىلەش ۋە ئۇلارنى ھازىرقى تەرەققىيات دەۋرىگە قانداق ماسلاشتۇرۇش توغرىلىق باش قاتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆپلىگەن ئانىلاردىن ئۇقۇپ بەكمۇ خوش بولدۇم. مېنىڭچە مائارىپنى چىڭ تۇتقان ۋە ئانىلارنى ئەڭ يۈكسەك ھۆرمەتلىگەن  بىر مىللەت چوقۇم ئۆزىنى دۇنياغا تونۇتالايدۇ.

1

تېما

13

دوست

1226

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   22.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27059
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 364
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-23
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 10:56:31 |ئايرىم كۆرۈش
‏ئۇنىڭغا مۇبارەك بولسۇن ،قالتىسكەن !
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

13

دوست

1226

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   22.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27059
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 364
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-23
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 10:56:35 |ئايرىم كۆرۈش
‏ئۇنىڭغا مۇبارەك بولسۇن ،قالتىسكەن !

7

تېما

3

دوست

4835

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   94.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1351
توردىكى ۋاقتى: 293
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 10:57:07 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuxlan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-14 13:11  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئەتىگەن بامداتتىن كېېيىن يانفۇنمدا بۇ خەۋەرنى كۆرگەن ئىدىم.
خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىپ يوللايمكىن دەپ تۇرسام،تاشپولاتكام چاققان چىقىپ كېتىپتۇ ئەمەسما
[يەنىلا قۇشقاچ بولسمۇ قاسساپ سويسۇن دەپ خەنزۇچىدىكى خەۋەردىن تەپسلى يېزلىپتۇ.  (چاقچاق)]
مەن كۆرگەن خەۋەردىمۇ بۇ مۇكاپات تەسىس قىلىنغاندىن بىرى ئېرشكەن تۇنجى ئايال ماتىماتىك دەپتۇ.،،بۇندىن بۇرۇن پۈتۈنلەي ئەرلەر ئېرشىپ كەلگەچكەبۇ مۇكاپاتنى «ئەرلەر كۇلۇبى»دەپ قوياتتىكەن،قارىغاندا ئاياللارغا «شەرەپ»كەلتۇرگەن ئوخشايدۇ.
كورىيەنىڭ ماتىماتىكا تەرەققىياتى دۇنيادا سەل كېينرەك تۇرارمىش، ماتىماتىكنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولىۋتىپتۇ،،،،جۇڭگو يەنىلا ماتىماتىكادا ئالدىنقى تۆت، بەش دۆلەتنىڭ ئىچىدە بارمىش.

خەۋەرلەرندۇرگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت!

1

تېما

0

دوست

984

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   96.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21233
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 316
توردىكى ۋاقتى: 68
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-13
5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 11:00:52 |ئايرىم كۆرۈش
نادىر تىما ئىكەن ،رەخمەت سىزگە تاشپۇلاتكا،بۇ ماقالىنى ئوقۇغۇچىللىرىمغا ئوقۇپ بەرسەم بولغىدەك

7

تېما

3

دوست

4835

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   94.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1351
توردىكى ۋاقتى: 293
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 12:00:08 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuxlan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-14 13:17  

يەنە بىر ئىنكاسي يېزىۋىتىەي،،ھەممسى شۇ ماتىماتىكىنى ئۆگىنشىنىڭ مۇھىملىقى ئۈچۈن ئازتولا سۆزلەپ قويايلى،
تاشپولات ئەپەندىم يۇقىرىدا بىر مۇھىم گەپنى‹‹مېنىڭچە بالىلارغا ماتېماتىكىنىڭ ئەمەلىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ماتېماتىكىدىكى فورمۇلىلارنىڭ ئىشلىتىش ئورۇنلىرىنى ئەمىلى مەسىلىلەر ئارقىلىق چۈشەندۈرسە بالا ئۇنۇڭغا چوقۇم قىزىقىدۇ. بۇ توغرىلىق كېيىنچە بىر ماقالە يېزىش ئويۇم بار››دەپتۇ.
بۇ گەپلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندىكى ماتىماتىكا دەرسىگە بولغان بىر قېتملىق پىكىر قىلىش ئىشى ئېسمگە سالدى. ئۇ چاغدا بۇرۇختۇم بولغان ئوقۇغۇچىلار ھەقىقەتەن زور غەيرەتكە كەلگەن بولۇپ ،ئىككى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارسىدا ماتىماتىكىنى نېمە ئۈچۈن ئۆگەنگۈدەكمىز؟ دېگەن يەرگە يەتكەن ئىدى.

يەنى ماتىماتىكا دەرسى ھەقىقەتەن تەس بولۇپ ،ئادەمنى «ساراڭ» قىلاتتى،بالىلار بولۇپمۇ قىزلار ئاخىرى چىداپ تۇرالمىدى،شۇنىڭ بىلەن ماتىماتىكا مۇئەللىم كىرىپ دەرس ئۆتمەكچى بولغاندا ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرنىڭ ماتىماتىكا دەرسىگە پىكىرى بارلىقىنى ئېيتتى،قىزلاردىن بىرسى ئورنىدىن تىك تۇرۇپ :__ ماتىماتىكا دەرسنى ئۆگەنمسەك زادى بولمامدۇ؟دېسە بەزىلەر نېمە ئۈچۈن ماتىماتىكا ئۆگىنمىز،دەپ سوراپ تۇرۋالدى.ئەگەر مۇئەللىم چۈشەنچە بەرمسە بالىلار ماتىماتىكا دەرسكە قاتناشمايمىز دەپ خۇددى ئىش تاشلىماقچى بولغاندەك ئەلپازدا بولۇشتى،
شۇ قېتمىلىق ئوقۇغۇچىلار ئارسىدا بولۇنغان بەس مۇنازىرە بىلەن مۇئەللىم نۇرغۇن چۈشەندۇردى،بالىلارمۇ بىزگە چۈشنشلىك قىلىپ ئۆتۈشى كېرەك دېدى،مەكتەپ مۇدىرلىرىمۇ بۇ گەپلەردىن خەۋەر تېىپىپ بۇ ھەقتە ئۆگەنمسەڭلار بولمايدۇ دەپ ئاچچىقلىدى.ئەمەلىيەتتە ماتىماتىكىنى تەجرىبە قىلغىلى بولمايتتى،شۇڭلاشقا ئىرماش چىرماش فورمىلالارنى زادى بىزگە نېمە قىلپ بېرەلەيدۇ؟دەپ ئوقۇغۇچىلار پىكىر بېرىۋەردى. بۇ گەپ بىلەن بىر قېتملىق دەرس ئۆتۈلمەي مەخسۇس ماتىماتىكنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقى ھەققىدە ۋەز سۆزلەندى.
ئاخىرى شۇ بىز ماتىماتىكنىڭ قانچلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولدۇق،
شۇ قېتملىق قارشلىىقىمىز بولمىغان بولسا بىز مەڭگۈ چۈشەنمەي ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتۇق بۇ ماتىماتىكىنى

1

تېما

0

دوست

6091

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   21.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30578
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 1962
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-30
7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 16:06:32 |ئايرىم كۆرۈش
ئاياللارنىڭ چېچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا دەيدىغان، لىكىن بۇ قىزچاقنىڭ ئەقلى مەندىن ئۇزۇندەك قىلىدۇ جۇما.
يا شۇنىڭدىن قورقۇپ چېچىنى كەستۈرىۋەتكەنمۇ ، كالتا چاچ خېلى يارىشىپتۇ بولمىسا.

0

تېما

0

دوست

173

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   57.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30743
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 56
توردىكى ۋاقتى: 134
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-3
8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 16:51:55 |ئايرىم كۆرۈش
biterep يوللىغان ۋاقتى  2014-8-14 16:06
ئاياللارنىڭ چېچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا دەيدىغان، لىكىن بۇ  ...



   تازنىڭ   كالىسى  بەك  ىشلەيدۇ  دىسە   تاز  بۇلىۋالماڭ  يەنە  .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )