- تىزىملاتقان
- 2014-2-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2589
- نادىر
- 0
- يازما
- 144
ئۆسۈش
19.63%
|
تۆگىگە ئايلانغان چۆجە
خەلق ئىشلىرىغا مەسئۇل جا جۈيجاڭ دادۈيجاڭلارغا يىغىن ئېچىپ تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.
-يولداشلار! مۇشۇ ئايدا ئىشلەيدىغان ئەڭ موھىم خىزمىتىمىز ئائىلىلەردىكى بارلىق چۆجىلەرنى تۆگىگە ئايلاندۇرۇش.دادۈيجاڭلار شىياۋدۈيجاڭلارنى ھەركەتلەندۈرۈپ،چۆجىلەر
نىمىنى يىسە شۇنى كۆپ يىگۈزۈپ،تىز سەمرىتىپ ھەم چوڭايتىپ چۆجىلەرنى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرغىچە تۆگىگە ئايلاندۇرمىساق ئىشلىگەن خىزمەتلىرىمىز نۆلگە تەڭ بولۇپ قالىدۇ.-دەپ
كۆپچىلىككە سۈرلىك قارىدى.يىغىنغا قاتناشقانلار ئۆز-ئارا پىچىرلىششقا باشلىدى .ئارىدىن بىرەيلەن:
-جا جۈيجاڭ؟! چۆجىنى تۆگىگە ئايلاندۇرۇشتىكى مەخسەت نىمە،زادى چۆجىنى تۆگىگە
ئايلاندۇرۇشنىڭ ئىلمى ئۇسۇلى بارمۇ يوقمۇ؟-دەۋاتقاندا،جا جۈيجاڭ كەسكىن ھالدا؛
-يولداشلار،ئالدىنقى قاراردىكى خەلق ئىشلىرىغا مەسئۇل جىڭ جۈيجاڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ،يۇقۇردىن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بەرگەن تۆگىنى چۆجىگە ئايلاندۇرۇپ
يېڭىلىق ياراتقان،-دەپ تۇرشىغا يەنە بىر دا دۈيجاڭ سۇئال سورىدى؛
-نىمە ئۈچۈن ئۇ چاغدا جىڭ جۈيجاڭ تۆگىنى چۆجىگە ئايلاندۇرغان؟ نىمە ئۈچۈن ھازىر
چۆجىنى تۆگىگە ئايلاندۇرمىز؟-جا جۈيجاڭ بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىپ مۇنداق دىدى.
-ئىلگىركىلەرنىڭ تۆگىنى چۆجىگە ئايلاندۇرىشى خەلققە كۆيۈنگەنلىكى، يەنى:خەلق
تۇرمۇشىدىكى بېسىمنى يەڭگىللەتكەنلىكى،مەسلەن؛تۆگە بەك چوڭ،كۆپ يەيدۇ، بويى ئىگىز
ئىگىز قوتان سالمىسا بولمايدۇ.شۇڭا،خەلقنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ،تۆگىنى مەركەزدىن يىتىلەپ تۆۋەنگە كەلگىچە چۆجىگە ئايلاندۇرۋەتكەن.بۇ تەرەققىيات، ئىلمى بولمىغاچقائۇلار تەنقىتلەنگەن.شۇڭا بىز يېڭىلىق يارتىشىمىز كىرەك.بىز چوقۇم ئىلگىركىلەر قىلالمىغان ئىشلارنى قىلىشىمىز كىرەك.مەسىلەن:ئىلگىركىلەر تۆگىنى چۆجىگە ئايلاندۇرۇپ تەنقىتلەنگەن بولسا،ئەمدى بىز، چۆجىنى تۆگىگە تەرەققى قىلدۇرۇپ پارتىيمىزنىڭ ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنى ئىپادىلەپ چوقوم تەقدىرلىنىشىمىز كىرەك.شۇڭا ئىككىلىنىپ تۇرماي قانداق ئۇسۇللارنى قوللانساق خەلقنىڭ كاتەكلىرىدىكى چۆجىلەرنى تۆگىلەرگە ئايلاندۇرايلى.ئۇنىڭ مۇكاپاتىدىن سىلەرنى چوقۇم بەھرىمەن قىلىمەن.
جا جۈيجاڭ دادۈيجاڭنى رىغبەتلەندۈرۈپ،دادۈيجاڭ شۆدۈيجاڭنى ھەركەتلەندۈرۈپ
خەلقنىڭ دان يەيدىغان چۆجىللىرىنى پاخال يەيدىغان تۆگىلەرگە ئايلاندۇرۇپ تۇرىشىغا،
خىزمەت تەكشۈردىغانلارمۇ كىلىشكە باشلىدى. ئالدى بىلەن جا جۈيجاڭ ئىشلىگە خىزمەتلەرنى دۆكلات قىلدى.
-جانابى ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر ،بىز ئاساسى قاتلامدىكىلەر جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن
خىزمەت قىلىدىغان ئالىجاناپ روھنىڭ يىتەكچىلىگىدە،ھەرخىل چارە-تەدبىرلەرنى قوللۇنۇپ
خەلقنىڭ ئىختىسادىنى ئەسلىدىكىدىن بىر قانچە ھەسسە يۇقۇرى كۆتەردۇق.مەسىلەن:خەلقنىڭ
كىتەكلىرىدىكى چۆجىلەرنى تۆگىلەرگە ئۆزگەرتتۇق.
تەكشۈرۈش گوروپپىسىدىكىلەر بۇ ئۆزگۈرۈشلەرنى ئەمىلى كۆزدىن كۆچۈرۈشكە باشلىدى.
«چۆجىنىڭ كىتەكتىن قوتانغا چىققانلىقى راس،توقام توقولغان ئەمما تاپان ئۆزگەرمىگەن،پۇتى ئۇزۇن، بوينى قىسقا،قانات-قۇيرىقى ماسلاشمىغان»دەك غەيرىلىكلەرنى ھىس قىلىشتى.خىزمەت
تەكشۈرۈش ئۈمىكىنىڭ باشلىقى سۆز باشلىدى؛
-يولداشلار!بۇ چۆجىلەرنىڭ تۆگىلەرگە ئۆزگۈرشى ئەقىلغا مۇۋاپىق ئەمەس،ئۇنىڭ شەكلى
تۆگە،ماھيىتى يەنىلا چۆجە.بۇ يەردىكى نىگىزلىك مەسىلە خەلقنىڭ ئىختىسادى بېسىمىنى كۆتۈرەلەيدىغان تۆگىلەر بارلىققا كەلسە بولاتتى. قېنى مۇشۇ تۆگىلەرگە يۈك ئارتىپ باقايلى؛-
دىيشىگە ئۇ تۆگىلەر توقاملىرىنى تاشلاپ ناھايتى تىزلىكتە ئەسلىدىكى كىتەكلىرىگە كىرىپ
كىتىشتى.-يولداشلار!خەلقنىڭ تۇرمۇش بېسىمى خېلى ئېغىر.شۇنداق بولغاچقا يۇقۇردىن خەلققە
تۆگىنى يەنى؛تۆگىدەك قىممەتتىكى غەمخورلوقنى بەرسە چۆجىگە ئۆزگەرتىۋەتسەك،چۆجىللىرىنى
يالغاندىن توقام توقۇپ تۆگىگە ئايلاندۇۋەتسەك،خەلىقنىڭ تۇرمۇشتىكى بۇ ئېغىر يۈكىنى كىم
كۆتۈرەر،بۈگۈنكى تەكشۈرۈش پاكىتلىرغا ئاساسەن شۇنى ئاگالاندۇرمىزكى:خەلىقنىڭ مەنپەتىگە
كۆيۈنمگەنلەرنىڭ بولۇپمۇ ،مانا مۇشۇنداق خەلقنىڭ ئىختىسادىنى تەرەققى قىلدۇرمايدىغان،قانۇنىيەتنى ھۆرمەت قىلمايدىغان كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيتى خەلىق مەيدانىداسۈرۈشتە قىلىنىدۇ.شۇڭا، ھەممىمىز خەلىق مەيدانىدىكى تەكشۈرۈشكە قاتنىشايلى.
جا جۈيجاڭ ھىلى كىتەكتىكى چۆجىگە،ھىلى قوتاندىكى تۆگىگە قارىغىنىچە كىتەكنىڭ تۈيدە
تۇرۇپلا قالدى. يولداشلار جا جۈيجاڭ نىمىلەرنى ئويلاۋاتقاندۇ؟
ئاپتۇرى:مەخەت ئابدۇرېھىم
|
|