- تىزىملاتقان
- 2013-1-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5060
- نادىر
- 9
- يازما
- 129
ئۆسۈش
  1.2%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyhguray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-14 23:26
«نۇقتىلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار بىر بولسا ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى ، بىر بولسا ئارقا تىرىكى بار ئوقۇغۇچىلار بۇ يەردە ئوقىيالىسا بالامنىڭ كېيىنكى مۇناسىۋەت چەمبىرىكى ئېسىل بولىدۇ ، جەمئىيەتكە چىققاندا پايدىسى بار ، شۇڭا نەچچە پۇل كەتسە ئەرزىيدۇ »
يېقىندا بېيجىڭ 2-تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئەتراپىدىكى ئۆيلەرنىڭ ھەر كۋادرات مېتىرىنىڭ باھاسى 280مىڭ يۈەنگە ئۆرلىگەن ، يۇقارقىسى بالىسى ئۈچۈن ئۆي سېتىۋالماقچى بولغان بىر يولداشنىڭ گېپى .
«سەن بىزنىڭ ئىشىمىزغا توسالغۇ بولدۇڭ !»
شەنشىدىكى بىر نەپەر دېلو بېجىرىۋاتقان ساقچى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئادەمنى خاتا ھالدا جىنايەتچى دەپ تونۇۋېلىپ ، ماشىنىغا مەجبۇرى ئېلىپ چىقىپ ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان ، خاتا تۇتۇپ قويغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن شۇنداق دېگەن .
«بىر ئايال ماڭا تېلېفون قىلىپ ئۇچۇق قىلىپلا سىزنىڭ بۇيىڭىزمۇ پاكار ئىكەن يەنە تېخى مېيىپ ئىكەنسىز ، مەن شۇ پۇلىڭىزنى دېمىسەم .....»
سىچۈەنلىك ۋاڭ تۈرمىدە ناھەق 18 يىل ياتقانلىقى سەۋەبلىك دۆلەتنىڭ 1مىليون 500 مىڭ يۈەن تۆلىمىگە ئېرىشكەن ، تۈرمىدىن چىقىپ ھەپتە بولماي 8 نەپەر ئايال تويلىشىش تەلىپىنى قۇيۇپ ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن ، ئىچىدىكى بىرى سەمىمىيلىك بىلەن يۇقىرىقى سۆزنى ئېيتقان .
«ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە بېيجىڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى قاسساپ بولسا ، چىڭخۇانىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئامانلىق خادىمى بولسا ھەم بۇنىڭغا قىلچە ساختىلىق ئارىلاشمىغان بەلكى جەمئىيەتتىكى ھەرقانداق خىزمەت ئورنىنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا قىلغان بولسا ئاندىن بۇ جەمئىيىتىمىز نورمال بولغان بولىدۇ »
بېيجىڭ ئۇنۋېرستىتىنى پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچى بېيجىڭدا كالا گۆشى ئۈگرىسى ساتقان ، ئۇ مۇخبىرنىڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قانداق ئىگىلىك تىكلىشى كېرەك دېگەن سوئالىغا مۇشۇنداق جاۋاب بەرگەن .
|
|