- تىزىملاتقان
- 2012-10-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 996
- نادىر
- 0
- يازما
- 63
ئۆسۈش
  99.2%
|
سوپىئېزىمنىڭ ئىخلاس مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان تەسەۋۋۇپ سۆزى گەرچە ئىسلام بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ تەرىقەت يوللىرى، بولۇپمۇ ئاساسسىز ھالەتتكى تەرىقەت دەرىجىللىرىگە بۆلىۋىلىشلىرى بۇددىزىم بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، چەتئەللىك شەرقشۇناسلار سوپىئېزىمغا «ئىسلامدىكى بۇددىزىم» دىگەندەك ناملارنى بەرگەن. ھالبۇكى، تەرىقەتچىلىك يەنى دۇنيا ئىشلىرىدىن ئايرىلىپ راھىب بولۇش ئىسلامنىڭ تەلىپى ئەمەس.
گەرچە سوپىئېزىمنى نۇرغۇن كىشىلەر ئەينى زاماندىكى قالايمىقانچىلىقتىن قېچىش دەپ ئاقلاشقا تىرىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كىيىنكى دەۋرلەردىكى شاخلاپ كىتىشى ۋە مەنتىقىدىن يىراقلاپ بىر دۆۋە چۈشىنىكسىز گەپلەر دۆۋىسىگە ئايلىنىپ قېلىشى، سوپىئېزىمنىڭ خاراكتىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كىشىلەرنى بەختسىزلىككە دۇچار قىلدىكى، ھەتتا سوپىئېزىمدىكى كىشىلەرنى نورمال تەپەككۈر ۋە مەنتىقىدىن ئېغىر دەرىجىدە يىراقلاشتۇرۇپ،سوپىئېزىم تەلىماتلىرىنى چۈشىنىش تۈگۈل ئۆزىنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمىگىدەك دەرىجىدىكى نادانلىق ھالىتىدە قالدۇرۇپ، بىلىمسىزلىك پاتقاقلىرىغا مەھكۇم قىلدى. تەلىماتلارنىڭ چۈشىنىكسىزلىكىنى ئىتراپ قىلغىسى كەلمىگەن سوپىئېزىم مۇرتلىرى، ئۆزى خالىغانچە تەبىرلەرنى بىرىپ، نەپسىنى پاكلىماكچى بولغان سوپىئېزىمنى يەنە نەپسىنى قاندۇرۇش يولىغا قايتۇرۇپ كەلدى. مەسىلەن، ئەينى زاماندىكى سوپىلارنىڭ مەن نەپسىمدىن پاكلىنىپ بولدۇم، ئەمدى زىنا قىلساممۇ قىلمىغان بىلەن ئوخشاش ھالەتتە بولىمەن دەپ باشقىلارنىڭ خوتۇن قىزلىرىنىڭ نۇمۇسىغا تەگكىنىگە ئوخشاش. |
|