- تىزىملاتقان
- 2013-3-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7552
- نادىر
- 12
- يازما
- 376
ئۆسۈش
  100%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
ھەممىڭلارنىڭ قىزغىن تەبرىكلىرى ۋە سالاملىرىدىن كۆپ مەمنۇن بولدۇم. تاشپولاتكام ۋە مۇنبەر ئەھلىگە كۆپ رەھمەت!
تاشپولات ئاكا، سىز ئىزچىل ھالدا ماڭا زور ئىلھام بەردىڭىز ۋە ھەر قېتىم ئۆزۈم ئۈچۈن ئاددىي بىلىنگەن ئۇتۇقلىرىمدىن ئالەمچە سۆيۈنۈپ مېنى رىغبەتلەندۈرۈپ تېخىمۇ تىرىشىشىقا ئۈندەپ كەلدىڭىز. سىز ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان ئالىملىرىمىزنى خەلىققە تونۇشتۇردىڭىز ۋە شۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ياشلارنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرسىڭىز يەنە بىر تەرەپتىن شۇ جاپالىق ئەمگەكلىرى بىلەن ھەر قايسى پەن ساھەلىرىدە ئىجتىھادچانلىق بىلەن ئىزدىنىۋاتقان مېھنەتكەش ئالىملارغا خەلقىمىزنىڭ دېققەت ئېتىبارىنى قوزغىتىپ كىيىنكى ئەۋلادلارغا ئۈلگە قىلىشتا تۈرتكىلىك رول ئويناپ كىلىۋاتىسىز. بۇ مېھنەتلىك، خالىسانە ئەمگەكلىرىڭىز ئۈچۈن سىزگە يەنە بىر نۆۋەت تەشەككۈر ئېيتىمەن. سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇنەۋۋەر ياش ئالىملىرىمىزنى داۋاملىق تونۇشتۇرۇپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
مېنىڭ قىلىۋاتقان تەتقىقاتلىرىم مىدىتسىنا ئەمەلىيىتىگە ناھايىتى يېقىن بولغاچقا، ئېرىشىلگەن نەتىجىلەر ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزى ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىش قىزغىنلىقىنى قوزغىتىدىغان قىزىقارلىق ئىلمىي يەكۈنلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. پات ئارىدا شۇ يىغىندا سۆزلىگەن ئىلمىي دوكلاتىمنى ئاممىباپ ئۇيغۇر تىلىدا چۈشىنىشلىك قىلىپ يېزىپ چىقىپ بارلىق قېرىنداشلارغا سۇنىمەن. ئاخىرىدا، ھەممىڭلارغا تەكرار تەشەككۈرلەر ئېيتىمەن!
-بىلگەجان (تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە) |
|