- تىزىملاتقان
- 2012-7-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14879
- نادىر
- 19
- يازما
- 608
ئۆسۈش
12.2%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-10 14:18
خېلى كۆپ قېرىنداشلار مۇنداق بىر سوئالنى سوراۋاتىدۇ:
يەر يۈزىدىن كائىناتتىكى باشقا بىر ئالەم جىسىمىغا ماڭدۇرۇلغان ئالەم ئۇچقۇرى ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىپ بولغىچە قانداق يېقىلغۇغا ياكى قانداق ئېنېرگىيىگە تايىنىدۇ؟
ئەگەر سىز يەر يۈزىدە ئاسمانغا قارىتىپ بىر تاشنى ئاتسىڭىز، ئۇ تاش مۇنداق ئىككى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ:
1. ھاۋانىڭ سۈركۈلۈش كۈچى پەيدا قىلغان توسقۇنلۇق كۈچى.
2. يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى
ئاشۇنداق 2 كۈچنىڭ تەسىرى بىلەن تاش ئاسمانغا قاراپ داۋاملىق ئۇچۇۋەرمەي، يەر يۈزىگە قايتىپ چۈشىدۇ.
ئەمدى يەر يۈزىدىن باشقا بىر كائىنات جىسىمىغا، مەسىلەن، مارسقا قاراپ ماڭدۇرۇلغان ئالەم ئۇچقۇرى يۇقىرىقى 2 كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. يەنى، يەر يۈزىدىن 80 كىلومېتىر ئىگىزلىككە چىققاندىن كېيىن ئاساسەن ھاۋا يوق. شۇنداقلا يەر شارىدىن يىراقلاشقانسېرى، ئالەم ئۇچقۇرىنى كەينىگە تارتىپ تۇرىدىغان يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىمۇ ئاجىزلاپ ماڭىدۇ. شۇڭلاشقا ئالەم ئۇچقۇرىنى روكېتالار بىلەن بىر قېتىم قاتتىق ئىتتىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئالەم ئۇچقۇرى ئۆزى ئىتتىرىلگەن يۆنىلىشكە قاراپ كېتىۋېرىدۇ. يەر يۈزىدىن مارسقىچە بولغان ئاساسلىق سەپەرگە ھېچ قانداق ئېنېرگىيە كەتمەيدۇ. يەنى ئالەم ئۇچقۇرلىرىنى داۋاملىق بىر يونىلىشكە قاراپ ئىتتىرىپ تۇرىدىغان ماتور يوق.
ئەمدى ئاشۇنداق سەپەر جەريانىدا ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ مېڭىش يۆنىلىشىنى تەڭشەپ تۇرمىسا بولمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇ ئالەم ئۇچقۇرى يەر شارى ۋە قۇياشقا ئوخساش كائىنات جىسىملىرىنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە داۋاملىق تۈردە ئازراقتىن ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ يۆنىلىشىنى تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدىغان كىچىك تىپتىكى پارتىلاپ ئوت چىقىرىدىغان قۇرۇلمىلار بار. ئۇنى ئىنگلىزچە «thruster» دەپ ئاتايدۇ. ئادەتتە بىر ئالەم ئۇچقۇرىدا مۇشۇنداق قۇرۇلمىدىن كەم دېگەندە 6 دائىنىسى بار بولىدۇ.
بىر ئالەم جىسىمى يەنە بىر ئالەم جىسىمىنى ئايلىنىپ ئوربىتلىغاندا، ئۇ ئوربىتلاۋاتقان جىسىمغا تەسىر قىلىدىغان ئىككى كۈچ ئۆز-ئارا يىيىشىپ كېتىپ، بىر تەڭپۇڭلۇق ھالغا كىرىپ قالغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇنى ئىتتىرىپ تۇرىدىغان بىرەر ماتور بولمىسىمۇ، بىر جىسىم يەنە بىر جىسىمنى ئايلىنىۋېرىدۇ. بۇ ئەھۋال تۆۋەندىكى رەسىمدە چۈشەندۈرۈلگەن. ئاي شارىنى ئىتتىرىپ تۇرىدىغان ماتور يوق، ئەمما ئۇ يەر شارىنى توختىماي ئايلىنىپ تۇرىدۇ.
|
|