قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1581|ئىنكاس: 11

بىلىمخۇمار: بوۋاقنى كېچىسى ئوزۇقلاندۇرۇش زۆرۈرمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

151

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 608
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1159
تۆھپە : 4165
توردىكى ۋاقتى: 1559
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 09:45:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىلىمخۇمار

2014-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى

      يېقىندا بىر قېرىندىشىمىز ماڭا توردا ئىنكاس يېزىپ، مەندىن مۇنداق بىر سوئال ئۈستىدە ئىزدىنىپ بېقىشنى ئۆتۈنۈپتۇ: بوۋاقنى كېچىسى ئوزۇقلاندۇرۇش زۆرۈرمۇ؟ مەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بەزى قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشتىم. تۆۋەندە مەن شۇ ئۇچۇرلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
      ئىنگلىزچە «بوۋاقلار مەركىزى» (Babycenter.com) دەپ ئاتىلىدىغان بىر تور بەت بار بولۇپ، ئۇ تور بەت ھامىلىدار بولغان، يېڭىدىن ئانا بولغان چوكان ۋە ئانىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىكەن. ئۇنىڭ ھازىر 39 مىليون ئەزاسى بار بولۇپ، ئامېرىكىدىكى 70 پىرسەنت ھامىلىدار بولغان، يېڭىدىن ئانا بولغان چوكان ۋە ئانىلار ئاشۇ مەركەزنىڭ مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ تەھرىر بۆلۈمى تۆۋەندىكى ئۇچۇرنى ئۆزىنىڭ تور بېتىگە چىقىرىپ قويۇپتۇ [1]:
      نورمال تۇغۇلغان بالىلار 6 ئايلىق بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنى كېچىسى ئوزۇقلاندۇرمىسىمۇ بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ نېۋادا شتاتى رېنو شەھىرىدىكى بالىلار كېسىلى دوختۇرى سۇزان سورىنسېن (Susan E.C. Sorensen) نىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، 6 ئايغا توشقان بوۋاقلار بىر قېتىم ئوزۇقلىنىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم ئوزۇقلانغۇچە 6 سائەت ۋاقىت ئويغىنىپ كەتمەي، راھەت ئۇخلىيالايدىكەن.
       سىز كېچىسى قوپۇپ بالىڭىزنى ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئېغىر كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ، ئەڭ ياخشىسى بالىڭىز 6 ئايلىق بولغاندىن كېيىن بالىڭىزنى كېچىسى ئوزۇقلاندۇرماڭ.
       سۇزاننىڭ قارىشىچە، بالىڭىز 2 ئايلىق بولغاندىن كېيىنلا ئۇنى ئۆزى ئۇخلايدىغان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. يەنى بالا 2 ئايلىق بولغاندىن كېيىن، بالىڭىزنىڭ ئۇيقۇسى كېلىپ، تېخى ئۇخلىمىغان ۋاقىتتىلا ئۇنى ياتقۇزۇپ قويۇپ، ئۇنى ئۆزى ئۇخلايدىغان قىلىشنىڭ ھېچ قانداق زىيىنى يوق. ئىككى ئايلىق بالىنى كېچىسى ئوزۇقلاندۇرمىسا بولمايدۇ. ئەمما، بالىنى ئۆزى ئۇخلايدىغان قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئوزۇقلىنىش ھەرىكىتى بىلەن ئۇيقۇغا كىرىش ھەرىكىتىنى ئايرىۋەتكىلى بولىدۇ. يەنى سىز ھەر قېتىم بالىڭىزنى ئۇخلىتىش ئۈچۈن ئۇنى ئېمىتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. شۇنداقلا بالىڭىز كېچىسى ئويغىنىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇنى قايتا ئۇخلىتىش ئۈچۈن ئۇنى ئېمىتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
      بالىڭىز كېچىسى ئوزۇقلانمىسىمۇ بولىدىغان بولغاندا، ئۇنىڭدا مۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ: سىزنى بەك ئۇزۇن ئېمىپ كەتمەيدۇ، قۇتىدىكى سۈتنى ئىچىپ تۈگەتمەيدۇ، ھەمدە سىزنى ئېمىۋېتىپ ئۇخلاپ قالىدۇ.
      ئەگەر بالىڭىز ئەت ئالالمىغان بولسا، ياكى ئۇنىڭدا باشقا نورمالسىزلىق كۆرۈلۈۋاتقان بولسا، كېچىسى ئوزۇقلاندۇرۇش ئىشىنى قانداق قىلىش توغرىسىدا سىز چوقۇم دوختۇردىن مەسلىھەت ئېلىڭ.
      ئۇيقۇ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ نەزىرىدە، بىر بوۋاقنىڭ ئاخشىمى ئويغانماي 5 سائەت ئۇخلىغىنى، ئۇنىڭ پۈتۈن بىر ئاخشامنى ئويغانماي ئۆتكۈزگەنلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ [2].
قوشۇمچە: تۇرمۇشنىڭ 18 قائىدىلىرى (ھېكمەتلىك سۆزلەر)
ئامېرىكىدا بىر داڭلىق گۈزەل ئەخلاق تەشەببۇسكارى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى مايكۇل جوسېفسون (Michael Josephson). ئۇ داۋاملىق «ئەخلاق ئىنتايىن مۇھىم» (Character counts) دېگەن تېمىدا قىسقا ماقالىلەرنى يازىدۇ. ھەمدە مەكتەپ ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى قاتارلىق نۇرغۇن جايلارغا بېرىپ، ئەخلاق ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەيدۇ. مەن ئۇنىڭ يازغانلىرىنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن. 2014-يىلى 29-ئىيۇل كۈنى ئۇ ئۆزىنىڭ تور بېتىدە «تۇرمۇشنىڭ 18 قائىدىلىرى» (18 random rules of life) دېگەن بىر تىزىملىكنى چىقىرىپ قويدى. گەرچە بۇ قائىدىلەر مەزكۇر ماقالە بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولمىسىمۇ، مەن قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ يازغىنىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، بۇ يەرگە قوشۇپ قويدۇم. مەن ئەسكەرتىپ قويمىسام بولمايدىغان بىر ئىش شۇكى، ئامېرىكا جەمئىيىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە زور پەرقلەر بار، شۇڭا بۇ ھېكمەتلىك سۆزلەردىن جانلىق پايدىلىنىڭ.


تۆۋەندىكىسى مايكۇل جوسېفسوننىڭ يازغىنى [3]:
مەن دۇنياۋى ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن. ئۇلارنى توپلايمەن، يېزىپ قويىمەن، ھەمدە ئۇلارنى باشقىلار بىلەن ھەمبەھرىمان بولۇشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن. تۆۋەندىكىسى تۇرمۇشنىڭ 18 قائىدىسى بولۇپ، ئۇلار سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىكى ئەينىكىڭىزگە چاپلاپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ. ئەگەر ئۇلارنى كەچلىك تاماق ۋاقتىدىكى ئائىلە مۇزاكىرىسىنىڭ باشلىنىش تېمىسى قىلسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
1. ھەر قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا، ئۇنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەڭ. شۇنداق قىلسىڭىز بۇنىڭدىن كېيىن مەغلۇپ بولمايسىز.
2. ئۆزىڭىزنىڭ بىر ئىشنى توغرا قىلغانلىقىڭىزغا بولغان قايىللىقىڭىزنىڭ كۈچىيىشى ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ئاشۇ ئىشنى توغرا قىلغانلىقىڭىزنىڭ ئېھتىماللىقىنى ئۆستۈرمەيدۇ.
3. ھەقىقىي دوستىڭىز سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە نىسبەتەن «مەن بىر ياراملىق ئادەم» دېگەن ھېسسىياتقا كېلىشىڭىزگە ياردەم قىلىدۇ، ھەمدە سىزنى تېخىمۇ ياخشىراق بولۇشقا ئىنتىلدۈرىدۇ.
4. ئەگەر سىز بىر ئورەكنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغان بولسىڭىز، ئۇنى كولاۋېرىشنى توختىتىڭ.
5. نەتىجىگە ئېرىشىش بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى، ھەمدە خۇشاللىق بىلەن بەختنى ئارىلاشتۇرۇپ قويماڭ.
6. ئۆزىنى قىزغانچۇقلۇقتىن يىراق تۇتۇشنى رەت قىلىش ئۆزىنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان ئاچقۇچنى رەت قىلىش بىلەن ئوخشاش.
7. بىر ئادەمگە ئۆچ بولۇش ئۆچ كۆرگەن كىشىگە قارىغاندا ئۆزىنى بەكرەك ئازابلايدۇ.
8. تەلەيگە تايىنىش بىردەم بار بولۇپ، بىردەم يوق بولىدىغان پۇرسەتكە تايىنىشتۇر. ئەگەر سىز پىلان تۈزۈپ قاتتىق تىرىشسىڭىز، سىزنىڭ غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقىڭىز زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
9. باشقىلارغا يېقىنلىق قىلىش ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن قويۇشتىن ياخشى.
10. بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىمىغىچە توختاپ قالماسلىقنىڭ قۇدرىتىنى تۆۋەن چاغلىماڭ.
11. ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل كۆپىنچە ۋاقىتتا ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بولۇپ چىقمايدۇ.
12. باشقىلارنىڭ ماغزىپىنى ئېتىلدۇرۇۋېتىش ئۆزىڭىزنىڭكىنى ئېتىلدۇرۇۋېتىشتىن كۆپ ئاسان.
13. سىز ئاغرىقتىن ساقلىنالمايسىز، ئەمما دەرد چېكىشتىن ساقلىنالايسىز.
14. ئۆزىگە ئىچ ئاغرىتىش يېڭىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان ئىستراتېگىيە. ئۇ باشقىلارنى سەسكەندۈرىدۇ، ھەمدە ئۆزىڭىزنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.
15. قىسقىراق يول كۆپىنچە ۋاقىتتا كەمتۈكرەك غەلىبىگە ئېلىپ بارىدۇ.
16. ئۆزىڭىزنىڭ پوزىتسىيىسىنى كونترول قىلىڭ. بولمىسا ئۇ سىزنى كونترول قىلىدۇ.
17. ئەھمىيەتلىك بولۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشتىن مۇھىمراق.
18. دۇنيا سىزنىڭ ساقايتىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ.
بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] When can my baby go through the night without a feeding?
http://www.babycenter.com/408_wh ... -feeding_1368537.bc
[2] 10 Tips for Night Feedings
<http://www.askdrsears.com/topics ... -night-feedings>
[3] Eighteen Random Rules of Life
<http://whatwillmatter.com/2013/0 ... dom-life-rules/>
بالا تەربىيىسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە تور بەتلەر:
http://www.aybalam.com
http://anabala.com/
<http://www.parzant.com/>
<http://www.ewlat.net/>
بالا تەربىيىسى بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەتلەر:
<http://bbs.izdinix.com/thread-58054-1-1.html>
www.qarluq.com

بالا تەربىيىسى ھەققىدىكى مېنىڭ بۇرۇنقى تېمىلىرىم:
1. ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىكى «كەسىپ تاللاش» پائالىيىتى
2. مەكتەپ تاپشۇرۇقلىرى قانچىلىك بولسا ئەڭ مۇۋاپىق؟
3. ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ دەرسى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى
4. تۇغۇلمىغان بوۋاققا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ پايدىلىرى
5. بۆشۈكنىڭ بوۋاققا زىيىنى بارمۇ؟
6. كىچىك بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ 10 چوڭ پايدىسى
7. بىر-ئىككى ياشلىق بالىلار تەربىيىسى
8. ئىككى-ئۈچ ياشلىق بالىلار تەربىيىسى
9. ئۈچ-تۆت ياشلىق بالىلار تەربىيىسى
10. تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلار تەربىيىسى

1-رەسىم

1-رەسىم

0

تېما

2

دوست

2313

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22136
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 736
توردىكى ۋاقتى: 133
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 14:49:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك ۋاقىتىڭىزنى چىقىرىپ يازغان يازمىللىرىڭىزغا كۆپ رەھمەت . ئۇلۇغ ئاللاھ سىزگە تېخىمۇ چوڭ مۇۋاپىقىيەتلەرنى ئاتا قىلغاي. !
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

1661

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   66.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26211
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 494
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 22:52:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى بىزدە ناخشا-مۇزىكا، ئەخلەت توربېكەتلەر شۇنچە كۆپكى ، كىشىگە ئەمەلىي نەپ بېرەلەيدىغان «بوۋاقلار مەركىزى» دەك ياكى پەننى ئومۇملاشتۇرىدىغان توربېكەتلەر يوقنىڭ ئورنىدا . نۇرغۇن تور بەتلەر قۇرۇلۇپ ئوزاق ئۆتمەيلا « جان بېقىش » ئۈچۈن ناخشا مۇزىكا تورىغا ئۆزگىرىپ كېتىدىكەن . يۇقارقى يوللانمىڭىزدا تولىمۇ مۇھىم تۇرمۇش ياردەملىرى باركەن . ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر !

ھەقىقەت ئارقىلىق ئادەمنى تونۇ!

0

تېما

4

دوست

3432

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18936
يازما سانى: 231
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1052
توردىكى ۋاقتى: 246
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-9 01:44:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

0

تېما

4

دوست

1488

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   48.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30602
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 434
توردىكى ۋاقتى: 85
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-9 13:36:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ئەھمىيەتلىك تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز، رەھمەت ئەركىنكا. سىز شۇنداق ئالدىراش تۇرۇپمۇ مۇنبىرىمىزدە بىزگە يىڭلىقلارنى، مۇھىم ساۋاتلارنى چۈشەندۈرۋاتىسز .مەنمۇ بەزىدە ھورۇنلۇق قىلىپ، ئۇ ئىشنى قىلاي دىسەم ۋاقتىم چىقمىدى، بۇنى قىلاي دىسەم ۋاقتىم يوق دەپ بەك ھورۇنلۇق قىلاتتىم، مۇنبەردە سىزنىڭ تىمىلىرىڭىزنى كۆرگەندىن كىيىن مەندىكىسى ۋاقىت مەسىلىسى ئەمەس ھورۇنلۇق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەندەك بولىۋاتىمەن.
ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن، مەن سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزغا بەك قايىل.

6

تېما

7

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   24.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22736
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 6486
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-9 15:31:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تېما بوپتۇ بۇ !  بىزنىڭ بالا تەربىيلىشىمىزگىمۇ چوڭ پايدىسى تەگكىدەك ! جاپا چەكتىڭىز !

0

تېما

0

دوست

214

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   71.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30500
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 10:56:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئكەن ...


1

تېما

0

دوست

1039

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21233
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 316
توردىكى ۋاقتى: 68
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 16:20:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن ،پايدىلىنىشىمىزغا ئەرزىيدىكەن ،رەخمەت سىزگەئەركىنكا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )