- تىزىملاتقان
- 2011-8-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5605
- نادىر
- 1
- يازما
- 450
ئۆسۈش
  12.1%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kuxlan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-7 15:21
بىر قسىم ھۆنەرۋەنلەرنى تەنقىدلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ۋاقتىدا ئۆزىنى تونۇۋىلىشى ،توغرا يولغا ھەق ئىنسابقا قايتىىشى ئۈچۈن ئاز تولا تەنقىدلەشنىڭ ئەھمىيتى زور دەپ قارايمەن،بۇ ماھىيەتتە ئۇلارغا كۆيۈنگەنلىكتۇر شۇڭلاشقا تۆۋەندە مەن قوشاق توقۇپ ئاز تولا پىكىر بېرەي،توغرا چۈشەنگەيسىزلەر ھەممسى شۇ ھۆنەرۋەنلەرنىڭ ياخشى بولۇش ئۈچۈندۇر!
ھۆنەرباللا
ھۆنەر بالىلار ھۆنەر بالىلار،
ھۆنەردىن ئەتىۋا بالىلار،
ۋاقتىدا قىلىپ بەرمەي
ئىشنى ئاقستىپ قويغان بالىلار،
تۆمۈردىن دارۋازا ياساتقان ئۆينىڭ
قەلەيىنى قېقىىپ مىقى تۇتمىغان بالىلار،
پۇلنى ئېلىپ زاكالەتكە رازى بولماي
خەپ ئەجەپ ۋەدىگە ۋاپا قىلمىغان بالىلار.
ئويۇن ئەمەس ھۆنەر بەك ئۇلۇغ ئىشتۇر،
پۇلى مەيلى تۈجۈپلەپ ئىشلەش شەرتتۇر.
قولمۇ قول توختام يازدۇق ئادىللىق ئۈچۈن،
قول قويۇپ ئاغىرىدا سەل غىڭىشىغان باللا.
مىڭ ئۆي ياساپ تاپقان پۇل قېنى؟ تۈگەپتۇ بەرىكەت،
ئەسلىدە كۈندۇز ھۆنەر كېچىدە قىمار ئىكەن ئوقەت.
تەنقدىلەش ئەمەس مەقسەت باردۇر ھەر قىسىم ئادەم،
شۇڭلاشقا ئەخلاق ۋە ئىمان بولار ئىكەن كاپالەت.
ھۆنەرنى قىلساڭ تۈزۈك قىل خېرىدارىڭ سۆيۇنسۇن،
قىلغان ئىشىڭ ئەلگە ياراپ قىلنى قىرىق يارسۇن،
بىز ئەمەس خوشنا مىللەتلەرگە نامىڭ تارالسۇن،
نەسىھەتىم بولۇپ قالسۇن گەپ تىڭشىماس بالىلار.
|
|