- تىزىملاتقان
- 2014-5-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2797
- نادىر
- 0
- يازما
- 235
ئۆسۈش
  26.57%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ilqi62 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-19 00:36
faruk11 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-18 18:20 
ئەلۋەتتە باشقا يۇرتتىكى كىشىنىڭ تەپەككۇرى باشقىچە بو ...
دىگىنىڭىز ئۇرۇنلۇق . لېكىن ئادەم تەربىيىلەش مەسىلىسى خاس مائارىپنىڭلا ئىشى بولماستىن ئائىلە، جەمىيەت ۋە مەكتەپنىڭ ئورتاق ئىشى. ئادەم تەربىيىلەشتە مۇشۇ ئۈچ تەرەپ زىچ بىرلىشىشى كىرەك. ھەر قانداق بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ. سىز بىلىسىز. ھازىر ئىختىزادى قۇرلۇش مەرگەز قىلىنىۋاتىدۇ. ئائىلە بىلەن جەمىيەت ئىختىزاد كاتاگۇرىيىسىگە كىرىپ كەتتى. خېلى كۆپ قىسىم ئائىلە ۋە جەمىيەت ئەزالىرىدا ئىختىزاد ئېڭى بىرىنچى ئۇرۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ دىگەنلىك بارلىق ئىشلار ئىختىزادنىڭ كەينىدە تۇرۇۋاتىدۇ. پەرزەنت تەربىيىلەش ۋە ئىزباسار تەربىيىلەشمۇ مۇشۇنىڭ ئىچىدە. ئائىلىنى مىسالغا ئالساق پەرزنتلىرىنى مەكتەپكە بىرىۋەتسە خۇداغا شۇكىرى دەپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ۋاختىدا ئىگەللىمەستىن ئۇقۇش پۈتتۇرگەندە بىرلا ھۇسۇل ئېلىشنى ئويلايدىغانلار خېلى كۆپ. بىراق بەزىدە بۇ ھۇسۇل كۈڭۈلدىكىدەك چىقماي قالىدۇ. ئاتا-ئانىلار يىغىنىغا قاتناشمايدۇ. ئۇقۇتقۇچى ئائىلىسىگە بېرىپ سۆھبەتلەشمەكچى بولسا ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ۋاختى يوق. تىلپۇن ئىشلىتىشنى چەكلىسە ئۇنى قوللاش ئۇياقتا تۇرسۇن ئۇقۇتقۇچىلار بىلەن سۇقۇشۇدۇ. (ئەمىلىيەتتە ياتاقلاشمىغان ئۇقۇغۇچىلارغا تىلپۇن بىكىرەك)ئۇقۇتقۇچى پەرزنتلىرىنى تەنقىت قىلسا ئائىلىدىكى بار يوق ھەممە ئادەمنى مەكتەپكە باشلاپ كىلىپ ئۇقۇتقۇچىنى ھاقارەتلەيدۇ. بالا ئەلبەتتە ئاتا-ئانىنىڭ بالىسى. بۇنى ئاتا-ئانىلار بىلىشى كىرەك ئىدى. ئاتا-ئانىلار ئۇقۇتقۇچىلارغا ئىشىنىشى، مەكتەپ تۈزۈمىگە بوي سۇنۇشى، مەكتەپكە ماسلىشىشى كىرەك ئەمەسمۇ.
ئۇقۇتقۇچىلارغا كەلسەك ئۇقۇتقۇچىلاردىمۇ مەسىلە يوق ئەمەس. بىر قىسىم ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئەخلاقىدا بىر قىسىم مەسىلىلەر بار. بىر قىسىم ياش ئۇقۇتقۇچىلاردىكى مەسىلىلەر . لېكىن مەكتەپتە تۈزۈم بار. بۇنى تۈزۈتۈپ كەتكىلى بۇلىدۇ. |
|