- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71012
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
  0%
|
بۇگۇن ئەتىگەن خىزمەتدىشىم جاڭ خانىم بىلەن ئسىمىنا ئالماشتۇرغاچ ئۇنىڭ شىزاڭ ساياھىتى توغۇرلۇق قىزغىن پاراڭلىشىپ كەتتۇق . مەن شىزاڭدىكى لىخاسا دىكى بۇددالار سارىيىغا بارغان بارمىغانلىقىنى ، ھەم لىخاسادىكى تۆت مۇسۇلمان مەسچىتىنى كۆرگەن كۆرمىگەنلىكىنى سوراپ كەتتىم . خىزمەتدىشىمنىڭ دىيىشچە ئۇلار بۇددالار سارىىيغا بېرىپتۇ ، ئەمما كۇندە پەقەت 2300 ساياھەتچىنى قوبۇل قىلىدىكەن ، شۇڭا چوقۇم بىر نەچچە كۇن بالدۇر بېلەت ئېلىشى لازىمكەن .گەپ ئارلىقىدا مەن بېلەت باھاسى نەچچە ئىكەن دەپ سورىشىمغا جاڭ خانىم تولغۇنۇپ كەتكەن ھالدا ئۇگۇلۇنىپ تۇرۇپ ئادەم كۆپ بېسىق چاغلاردا بىر بىېلەت 200 كوي ئىكەن ئادەم بېسققان چاغلاردا پەسىللەردە بىر بېلەت 100 كوي ئىكەن دەپ كىلىپ ئەمما لىخاسادىكى يەرلىكلەردىن پەقەت ئىككى يۇەنلا بېلەت ئالىدىكەن ، دەپ قاقشاپ كەتتى . جاڭ خانىم ئىككىمىز تەبىئلا قومۇل ۋاڭ ئوردىسىغا ئېلىنىدىغان مەيلى قومۇللۇق بولسۇن ياكى باشقا يەرلىك بولسۇن بەرىبىر بىر ئادەمگە 40 يۇەن ئالدىىغانلىقىنى ئويلاشقان بولساق كېرەك ، ھارامتاماق دەپ تاشلىدۇق . جاڭ خانىم قاتتىق ئەپسۇسلانغان ھالدا قارىغىنا شىزاڭدا يەرلىكلەر ئۇچۇن قانداق ياخشى سىياسەتلەر چىقىرىلغان ، بۇددالار سارىيىنىڭ بېلەت باھاسى باشقا يەرلىكلەرگە قارىغاندا ئۆزى ئىچدە 100ھەسسە ئەرزان ئىكەن دەپ ئېغىر خۇرسىنىپ قويدى . مەن دىدىم قومۇل ساياھەت ئىدارىسىدىكىلەر قومۇللۇقلار ئۇچۇن 100 ھەسسە ئەمەس ئون ھەسسە ئەرزان قىلىپ قومۇل ۋاڭ ئوردىسى ، قومۇل ۋاڭ ئالتۇنلۇقنىڭ بېلەت باھاسىنى قومۇل خەلقى ئۇچۇن 4 يۇەندىن قىلىپ قويغان بولسا قومۇلدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ رازىلىقىنى ئالغان بولاتتىدە بىز شۇنداق سۆزلەشكەچ قومۇل ساياھەت ئىدارىسىنى غايىبانا ئىنساپسىز دەپ غەيۋەت قىلغان پېتى ئىسمىنا ئالماشتۇرۇپ خوشلاشتۇق .
|
-
بۇددالار سار ىيى
-
قومۇل ۋاڭ ئوردىسى
|