- تىزىملاتقان
- 2014-5-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2797
- نادىر
- 0
- يازما
- 235
ئۆسۈش
  26.57%
|
مەن بىلىدىغان كىچىك بالىلىرى بار يەھۇدىلارنىڭ ھەممىسى بالىلىرىنى شەخسىي مەكتەپتە ئوقۇتىدۇ. مەن بىلىدىغان يەھۇدىلارنىڭ ھەممىسى ئاتا-ئانىسى 2-3 خىزمەت ئىشلەپ، ھەر كۈنى 15 سائەتتىن كۆپرەك ئىشلەپ، تاپقان پۇلى بىلەن ئۇلارنى ئەڭ قىممەت ۋە ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقان كىشىلەر. مېنىڭ ھازىرقى بىر يەھۇدى خىزمەتدىشىمنىڭ 10 يىلدەك تۇتقان ئويى ئەسلىدە ئىدارىگە 5 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر شەھەردەئىدى. لېكىن ئۇ 2 يىلنىڭ ئالدىدا ئىدارىگە 55 كىلومېتىر كېلىدىغان بىز تۇرىدىغان شەھەرگە يېقىن بىر شەھەرگە كۆچۈپ كەلدى. مەن ئۇنىڭدىن ئوي كۆچۇشتىكى سەۋەبنى سورىسام، ئۇ ماڭا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «بالام شەخسىي مەكتەپتە ئوقۇيتتى. بىز بۇرۇن تۇرغان شەھەردىكى شەخسىي مەكتەپنىڭ ئوقۇش سۈپىتى سەل تۆۋەنلەپ كەتتى. ھازىرقى شەھەرنىڭ ئوقۇش سۈپىتى مۇشۇ پۈتۈن رايون بويىچە ئەڭ ياخشى ئىكەن. بىز شۇڭا كۆچتۇق.» دېمەك، بۇ يەھۇدى خىزمەتدىشىم بالىسىنىڭ ئوقۇشىنى دەپ، بالىسىنى بىر شەخسىي مەكتەپتە ئوقۇتىۋاتقىنىغىمۇ رازى بولماي، ئۇنى ئەڭ ياخشى شەخسىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن، كۈنىگە 5 كىلومېتىر ماشىنا ھەيدەپ ئىشقا بارىدىغان يەردىن، كۈنىگە 55 كىلومېتىر ماشىنا ھەيدەپ ئىشقا بارىدىغان يەرگە كۆچۈپ كەلگەن. بالىنىڭ ئوقۇشىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ئېڭى جەھەتتە بىز ئۇلاردىن قانچىلىك ئارقىدا تۇرىمىز؟
يەھۇدىلار ئىچىدە ئەڭ قىيىن كەسىپلەردە ئوقۇيدىغانلار، ۋە ئەڭ قىيىن ۋە پۇلنى ئەڭ كۆپ تاپقىلى بولىدىغان كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار كۆپ. ئالىي مەكتەپنى ئەڭ يۇقىرى ئۇنۋانغىچە ئوقۇيدىغانلارمۇ كۆپ.
***********************************************************************
بۇ قۇردىكى مەزمۇنلار مىنى بەكمۇ تەسىرلەندۈردى. بىزدىمۇ مائارىپقا مۇشۇنچىلىك قىزىقىش ۋە ئىنتىلىش بولغان بولسا نىمە دىگەن ياخشى بۇلاتتى؟
|
|