- تىزىملاتقان
- 2014-2-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1661
- نادىر
- 0
- يازما
- 132
ئۆسۈش
  66.1%
|
تۇرپان سالقىن ئەمەس ، 2014-يىل7-ئاينىڭ 5-كۈنى يالقۇنتاغ ساياھەت نۇقتىسىدىكى 12 مېتىرلىق تېرمومېتىر كۆرسەتكەن سان 80 سېلىتسىيە گىرادوس ( ئادەتتە يەر تۈزى تېمپىراتورىسى دەپ ئۇقتۇرىدۇ ، ئەمما توردىن رەسىمىنى كۆرسەڭلەرلا چۈشىنىسىلەر ، تېرمومېتىر سىماپ شىكالىسى يەر يۈزىدىن ئەمەس ، ئېگىز بوشلۇقتىن باشلىنىدۇ ، كۆزى كور بولمىسىلا تېرمومېتىر شىكالىسىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى كۆرۋالالايدۇ ، بۇ قانداقمۇ يەر يۈزى تېمپىراتورىسى بولسۇن ؟ ) 80 سېلىتسىيە گىرادوسنى سالقىن دېسەك ، باشقا يۇرتلارنى ئانتارىكتىكا دېسەك بولار ئەمدى؟ !
ئۈزۈم تەكلىرىنى سۇغۇرۇش ئەھۋالى ئىلگىرىكى يىللار بىلەن ئوخشاش ، پەرۋىش ۋە ئوغوتلاش ئەھۋاللىرىمۇ ئوخشاش ، بۇ خىل كېسەللىكنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شامالنى بويلاپ تارقىلىدىغاندەك قىلىدۇ . يامغۇر مەسىلىسى ئەمەس ، تۇرپاندا ئەسلىدىنلا يامغۇر ئاز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يامغۇردىن بولغان يېرىلىش ياكى سېسىش ئەھۋالىغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ . مەنمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ، بىۋاستە ھېس قىلغىنىم شۇكى تۇرپان ئۈزۈملىرى مەلۇم خىل ۋېروس ياكى زەمبىروغ بىلەن يوقۇملىنىۋاتقان بولۇشى ئېھتىمال ، ئەمما تۈپ يىلتىزىدىن مۇداپىيەلىنىشكە ئامالسىز قالدۇق ، كېسەللىك ۋە ئۇرۇلىدىغان دېھقانچىلىق دورىسى ئېنىق ئەمەس .
قەشقەر ، ئاتۇشتىكى يامغۇردىن كېيىنكى غەلىتىلىك بولسا بەلكىم سىلەر تەرەپتە مەلۇن خىل گاز ياكى توزان قۇيۇپ بېرىدىغان سانائەت كارخانىسى بولۇشى ، بۇخىل سانائەت كارخانىسىنىڭ ئورنى شامال يۆنىلىشى بىلەن بىردەك بولۇشى مۇمكىن ( بۇ پەقەت مېنىڭ پەرىزىم ، مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ يامغۇر تەركىبى ۋە سۈپىتىدە ئۆزگىرىش بولۇپ نەچچە ئون ھەتتا نەچچە يۈز كىلومېتىردىكى ئۆسۈملۈككە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ ) |
|