- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71012
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
  0%
|
مەن كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئابۇنىت ، مۇنداقچى ئېيتقاندا بىر ئسىتمالچى . بۇگۇن 1008611 غا تېلفۇن قىلىپ تېلفۇن ھەققىمنى سۇرۇشتۇرۇپ باقتىمدە . يامان چىرايلىق مۇڭلۇق سۆزلەيدىغان بىر تىلگىراف خانىم ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ماڭا تېلفۇن ھەققى ۋە باشقا ھەقلەرنى چۈشەندۇرۇپ كىلىپ تەپسىلى ھىساۋات تالۇنىڭىزنى يان تېلفۇنىڭىزغا قىسقا ئۇچۇر قىلىپ يوللۇدۇق ، دىققەت بىلەن تاپشۇرۇپ ئالغايسىز دەپتى ماقۇل دىدىم .
تېلفۇنۇمغا ھايال ئۆتمەي 10086دىن قىسقا ئۇچۇر كەلدى ، ئەمما قىسقا ئۇچۇر ئۇيغۇرچە ئەمەس ئىدى .مەن بىر كۆچمە خەۋەرلىشىش ئسىتىمالچىسى بولۇش سۇپۇتىم بىلەن تېخنىكا ئاللىقاچان يېڭىلانغان بۇ دەۋىردە ئۇيغۇرچە ئانا تىلىمدا ھىساۋەت تەپسىلاتىنى كۆرەلمىگەنلىكىمدىن قۇرسۇقۇم كۆپتى .
.مېنىڭ تېلفۇن ھەققىمنى ھۆكۆمەت ئاتچۇت قىلمايدۇ ، يا كۆچمە خەۋەرلىشىش كۆتۇرۋەتمەيدۇ ، ھەر ئايدا ياۋاشلىق بىلەن تۆلەيمەن . بىراق نىمە ئۇچۇن 10086 دىكى ھىساۋەت تالۇنى قىسقا ئۇچۇردا ئانا تىل يېزىقىمدا قىسقا ئۇچۇر كىلىشتىن بەھىرلىنەلمەيمەن ، تورداشلار دەپ بېقىڭلارچۇ ، مەن قانداق قىلسام ئۆزەمگە ۋە باشقا ئون مېليۇن قېرىندىشىمغا 10086دىن كىلىدىغان ئۇيغۇرچە ئانا تىل يېزىق ئۇچۇر مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولىدىغان قىلالايمەن .
بۇ ئىشىنى بولۇدۇ مۇمكىن دەپ قارىساق قانداق يوللارنى بېسىشىمىز كېرەك . كىملەرگە مەلۇم قىلىشىمىز ، كىملەر بۇ ئىشقا مەسئول بولۇدۇ ؟
|
|