قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1891|ئىنكاس: 8

«ئونتولوگىيەلىك مۇنازىرىنىڭ ئىككى ئوسمانلى مۇسۇلمان ئالىمى تەرى...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

182

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   60.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30531
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 13:13:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


«ئونتولوگىيەلىك مۇنازىرىنىڭ ئىككى ئوسمانلى مۇسۇلمان ئالىمى تەرىپىدىن قايتا زىيارەت قىلىنىشى»

ئۈمىت دەرىچوگلۇ (تۈركىيە)

Ontological Argument Revisited by TwoOttoman Muslim Scholars

Ümit Dericioglu (1998)

تەرجىمە قىلغۇچى ۋە ئىزاھلىغۇچى ئەكبەر ئەمەت

تەرجىماننىڭ ئىلاۋىسى: ئانسېلىم (Aselm) نىڭ ئونتولوگىيەلىك مۇنازىرىسى پەلسەپە ۋە تىئولوگىيە تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم مۇنازىرىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تارىختا بۇ مۇنازىرە توغرىلىق توختالمىغان داڭلىق مۇتەپەككۇرلار ھەقىقەتەن ئاز. مۇنازىرىنىڭ ئاپتورى كانتېربيۇرىيلىق ئانسېلىم (1033-1109) ئۆزىنىڭ«پروسلوگىيۇم ۋە مونولوگىيۇم» (Proslogiumet Monologium) ناملىق ئەسىرىدە ساپ ئەقىلنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ،ئاپرىيورى (تەجرىبىدىن مۇستەسنا) ھالدا خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان. بۇ مۇنازىرە ناھايىتى گۈزەل تىل بىلەن ئىنتايىن نەپىس بىر ھالەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغانغانلىقتىن، تا ھازىرغىچە مۇنازىرە ئوبىكتى بولۇپ كىلىۋاتىدۇ.گەرچە خرىستىيان ئۆلىماسى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما بەزى مۇسۇلمان پەيلاسوپلىرىمۇ بۇ مۇنازىرە توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزگەن. ئىككى ئوسمانلى پەيلاسوپى ئىسلام پەلسەپىسى شارائىتىدا بۇ مۇنازىرە توغرىسىدىكى باھا ۋەقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىلىشىمچە ئۇيغۇر تىلىدا تېخى بۇ مۇنازىرە تېخى تونۇشتۇرۇلغىنى يوق. شۇڭا مەن ئۈمىت دەرىچوگلۇنىڭ «ئونتولوگىيەلىك مۇنازىرىنىڭ ئىككى ئوسمانلى مۇسۇلمان ئالىمىتەرىپىدىن قايتا زىيارەت قىلىنىشى» دىگەن ماقالىسىنى تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق بۇمۇنازىرىنى ئۇيغۇرچىدا تونۇشتۇرۇشنى لايىق تاپتىم. (ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئىزاھات قىسمىنى تەرجىمە قىلمىدىم) بۇ ئىككى ئوسمانلى ئالىمى كىچىكىدە مەدرىس تەربىيىسى ئالغان ۋە كىيىن ئوسمانلىلار دەۋرىدىكى مۇھىم پەيلاسوپلاردىن بولۇپ چىققان. ئۇلارنىڭ بىرى ھەمدى يەزىر فرانسۇزچىدىن كىتاپ تەرجىمە قىلىپ شۇ كىتاپقا يازغان ئىزاھاتىدا ئونتولوگىيەلىك مۇنازىرە ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ ماقالىنى ئوقۇشتىن ئاۋال ئانسېلىمنىڭ مۇنازىرىسى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش زۆرۈردۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماقالىدىمۇ كىڭەيتىپ مۇھاكىمە قىلىنمىغان. شۇڭا مەن ئۆزۈمنىڭ تەھلىلى ۋە بۇ مۇنازىنى چۈشىنىش ئۈچۈن كىرەكلىك دەپ قارىغان مەزمۇنلارنى ماقالىنىڭ ئالدىدا تونۇشتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.بۇ مۇنازىرىدىن خەۋەردار ئوقۇرمەنلەر بۇ قىسىمنى ئاتلاپ ئۆتۈپ بىۋاستە ماقالىنى ئوقىسىمۇ بولىدۇ.

△ ئانسېلىم ئۆزىنىڭ ئونتولوگىيەلىك مۇنازىرىسىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان:

"ھەتتا بىرئەخمەقمۇ ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغراقىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان بىر مەۋجۇتلۇقنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغاندا ئاڭلىغىنىنى چۈشىنەلەيدۇ. ئۇنىڭ چۈشەنگىنى ئۇنىڭ چۈشەنچىسىدىدۇر. شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغراقىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان بىر مەۋجۇتلۇق چۈشەنچىدىلا مەۋجۇت بولمايدۇ. ئۇنى چۈشەنچىدىلا مەۋجۇت دەپ قارىساق،ئۇنى رىياللىقتا مەۋجۇت دەپ تەسەۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. ئۇ تېخىمۇ ئۇلۇغدۇر... شۇڭا، ئەگەر ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغراقىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان مەۋجۇتلۇق چۈشەنچىدىلا مەۋجۇت بولسا، بۇمەۋجۇتلۇق، يەنى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغراقىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان مەۋجۇتلۇق،ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغراقىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان بىر مەۋجۇتلۇقتۇر. ئەمما بۇ مۈمكىن ئەمەس. شۈبھىسىزكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغراقىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان بىرمەۋجۇتلۇق بار ھەم ئۇ چۈشەنچە ۋە رىياللىقتا مەۋجۇتتۇر. "

△ ئانسېلىمنىڭ قارىشىنى مۇنداق يىشىشكە بولىدۇ:

چۈشەنچە ۋە رىياللىقتا ئوخشاشلا مەۋجۇت بولغان نەرسەپەقەت چۈشەنچىدىلا مەۋجۇت بولۇپ رىياللىقتا مەۋجۇت بولمىغان نەرسىدىن ئۇلۇغراق بولىدۇ. چۈنكى چۈشەنچىدىلا مەۋجۇت بولۇپ، رىياللىقتا مەۋجۇت بولماسلىق مۇكەممەلسىزلىكتىن دىرەك بىرىدۇ. شۇڭا چۈشەنچە ۋە رىياللىقتا ئوخشاشلا مەۋجۇتبولۇش ئۇلۇغلۇقنىڭ زۆرۈر خۇسۇسىيىتىدۇر.

خۇدا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغراقىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان مەۋجۇتلۇق. شۇڭا خۇدا چۈشەنچىدىلا ئەمەس بەلكى رىياللىقتىمۇ مەۋجۇتتۇر. خۇدانى چۈشەنچىدىلا مەۋجۇت بولۇپ رىياللىقتا مەۋجۇت بولمايدۇ دىيىش زىدىيەتلىكتۇر. چۈنكى، باشتا ئېيتىلغاندەك، چۈشەنچىدىلا مەۋجۇت بولۇپ، رىياللىقتا مەۋجۇت بولماسلىق مۇكەممەلسىزلىكتىن دىرەك بىرىدۇ. ئەمما خۇدا مۇكەممەل مەۋجۇتلۇق.ئەگەر خۇدا چۈشەنچىدىلا مەۋجۇت بولۇپ رىياللىقتا مەۋجۇت بولمىسا، رىياللىقتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغراق بىر مەۋجۇتلۇقنىڭ بار دىگەنلىك بولىدۇ.

ئەمما خۇدا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغراقىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان مەۋجۇتلۇقتۇر. شۇڭا «ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغراقىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان مەۋجۇتلۇق»تىنمۇ ئۇلۇغراق مەۋجۇتلۇق بار دىيىش بىمەنىدۇر. «ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغراقىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان مەۋجۇتلۇق» ئۇلۇغلۇق خۇسۇسىيىتىگە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىگە بولغانلىقتىن، ئۇنىڭدىن باشقا بىر نەرسىنىڭ بۇ خۇسۇسىيەتتە ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشۈشى مۈمكىن ئەمەس.  شۇڭاخۇدا چۈشەنچىدىلا ئەمەس بەلكى رىياللىقتىمۇ مەۋجۇتتۇر.

ئونتولوگىيەلىك مۇنازىرە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا تەنقىدلەرگە ئۇچرىغان. شۇنداق تەنقىدلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىرىنى ئانسېلىمنىڭ زاماندىشى گاۋنىلو (Gaunilo) ئوتتۇرىغاقويغان:

          △ گاۋنىلونىڭ تەنقىدى:

ئەگەر براۋ ماڭا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغراقىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئارال مەۋجۇت دىسە مەن ئۇنىڭ سۆزىنى ئوڭايلا چۈشىنەلەيمەن. چۈنكى بۇنىڭدا ھىچقانداق قىيىنچىلىق يوق. ئەمما ئۇ مەنتىقىلىق خۇلاسە شەكلىدە داۋاملاشتۇرۇپ:"ھەممە ئارالدىن ئۇلۇغ بۇ ئارالنىڭ بىر يەردە مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىنگۇمانلىنالمايسىز، چۈنكى ئۇنىڭ چۈشەنچىڭىزدە ئىكەنلىكى شۈبھىسىزدۇر. ئەمما پەقەتچۈشەنچىدىلا مەۋجۈت بولۇپ توختاپ قالماي، بەلكى چۈشەنچە ۋە رىياللىقتا تەڭ مەۋجۇتبولۇش تېخىمۇ ئۇلۇغلۇققا باراۋەر بولغانلىقتىن بۇ ئارال چوقۇم مەۋجۇت. ئەگەر ئۇمەۋجۇت بولمايدىكەن، مەۋجۇت ھەرقانداق بىر ئارال ئۇنىڭدىن ئۇلۇغدۇر. شۇڭا سىزنىڭ چۈشەنچىڭىزدىكى تېخىمۇ ئۇلۇغ ئارال تېخىمۇ ئۇلۇغ ئەمەستۇر."

         △ گاۋنىلونىڭ تەنقىدىنى يەشسەك مۇنداق بولىدۇ:

چۈشەنچىدىلا مەۋجۇت بولۇپ رىياللىقتا مەۋجۇت بولماسلىق مۈكەممەلسىزلىكتىن دىرەك بەرگەنلىكتىن، چۈشەنچە ۋە رىياللىقتا ئوخشاشلا مەۋجۇت بولغان ئارال پەقەت چۈشەنچىدىلا مەۋجۇت بولۇپ، رىياللىقتا مەۋجۇت بولمىغان ئارالدىن ئۇلۇغدۇر.

ئەمما مىنىڭ چۈشەنچەمدىكى ئارال ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغراقىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئارالدۇر. شۇڭا بۇ ئارال مىنىڭ چۈشەنچەمدىلا مەۋجۇت بولۇپ قالماستىن يەنە رىياللىقتىمۇ مەۋجۇتتۇر. ئەگەر ئۇ ئارال چۈشەنچەمدىلا مەۋجۇت بولسا، رىياللىقتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغراق بىر ئارالنىڭ مەۋجۇت بولغان بولىدۇ. (چۈنكى رىياللىق ۋە چۈشەنچىدە تەڭ مەۋجۇت بولغان ئارال چۈشەنچىدىلا مەۋجۇت بولغان ئارالدىن ئۇلۇغدۇر.) ئەمما بۇنداق دىيىش بىمەنە. چۈنكى «ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغراقىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئارال» دىنمۇ ئۇلۇغ ئارال مەۋجۇت دىيىش زىددىيەتلىكتۇر.شۇڭا «ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغراقىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئارال» چۈشەنچىدىلا ئەمەس بەلكى رىياللىقتىمۇ مەۋجۇتتۇر.

گاۋنىلونىڭ قارىشىچە ئانسېلىم چۈشەنچىدىكى مەۋجۇتلۇقتىن رىياللىقتىكى مەۋجۇتلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا ئۇرۇنغان بولۇپ، بىر ئادەم ئانسېلىمنىڭ مۇنازىرە شەكلىدىن پايدىلىنىپ مەۋجۇت بولمىغان خىلمۇ-خىل نەرسىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپ چىقالايدۇ. شۇڭا گاۋنىلومۇ ئانسېلىمنىڭ تەپەككۈر يولىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، مەۋجۇت بولمىغان بىر ئەڭ ئۇلۇغ ئارالنىڭ چۈشەنچىدىلا ئەمەس بەلكى رىياللىقتىمۇ مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى خۇلاسىلەپ چىققىلى بولدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

△ ئەمما گاۋنىلونىڭ تەنقىدە يوچۇق مەۋجۇت بولۇپ، كېننېسھىمما بۇ نۇقتىنى كۆرسەتكەن:

خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇق سۈپىتى بىلەن ئارالنىڭ ئۇلۇغلۇق سۈپىتى ئوخشىمايدۇ. قانداق خۇسۇسىيەت بىر ئارالنى مۇكەممەل ئارال قىلالايدۇ؟ يەرمەيدانىنىڭ كەڭ بولۇشى، مىۋىنىڭ كۆپ چىقىشى ۋە ياكى ھاۋاسىنىڭ ياخشى، مەنزىرىسىنىڭ گۈزەل بولۇشىمۇ؟ بىر ئارال مەيلى قانچىلىك مۇكەممەل بولسۇن، ھەر دائىم ئۇنىڭدىن مۇمۇكەممەل بىر ئارالنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. چۈنكى بىر ئارالنى مۈكەممەل قىلغان خۇسۇسىيەتلەرنىڭ چىكى يوق.

ئەمما خۇدانىڭ مۇكەممەللىكى ۋە ئۇلۇغلۇقى ئارالنىڭ مۇكەممەل ۋە ئۇلۇغلۇقىغا ئوخشىمايدۇ. ئانسېلىم كۆرسەتكەن بىلىم، كۈچ-قۇدرەت ۋە ئەخلاقىي يۈكسەكلىك ئەڭ ئۇلۇغ بىرمەۋجۇتلۇق ھەققىدىكى ئۇقۇمنى تەشكىل قىلىدۇ، ھەم ئۇلارنىڭ يۇقىرى چىكى بار. مەسلەن،مۇكەممەل بىلىم بارلىق ھەم ھەقىقىي ھۆكۈملەرنى بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇقۇم جەھەتتىن ئالغاندا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپنى بىلىش مۈمكىن ئەمەس. مۇكەممەل قۇدرەت بارلىق مۈمكىن بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇقۇم جەھەتتىن ئالغاندا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپنى قىلىش مۈمكىن ئەمەس.


تەرجىمە:

«ئونتولوگىيەلىك مۇنازىرىنىڭ ئىككى ئوسمانلى مۇسۇلمان ئالىمى تەرىپىدىن قايتا زىيارەت قىلىنىشى»

ئۈمىت دەرىچوگلۇ (تۈركىيە)

سان ئانسېلىمنىڭ داڭلىق ئونتولوگىيەلىك مۇنازىرىسى غەرپ پەيلاسوپلىرى تەرىپىدىن تا بۈگۈنگە قەدەر تالاش-تارتىش قىلىنىپ كەلدى. تاكى مەن ئىككى ئۇلۇغ مۇسۇلمان ئوسمانلى ئالمىنىڭ قاراشلىرىنى ئۇچراتقانغا قەدەر بۇمۇنازىرە غەرپ پەلسەپىسى بىلەنلا چەكلەنگەندەك تەسىر بەرگەن. بۇ ئىككى ئالىم ئىسلامنىڭ مول پەلسەپىۋى ۋە تىئولوگىيەلىك مىراسلىرىنى ئۈگىتىدىغان قويۇق ئەنئەنىۋى ئىسلام مائارىپ تەربىيىسىدە چوڭ بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئونتولوگىيەلىك مۇنازىرە ھەققىدىكى قاراشلىرى ئادەمنى ناھايىتى قىزىقتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ قاراشلىرى غەرپتە ئانچە تونۇلمىغان. سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئاساسەن ئوسمانلى تۈركچىسى ۋە ئەرەبچىدە يېزىقچىلىق قىلغانلىقىدا بولۇشى مۈمكىن. بۇ ماقالىنىڭ مەقسىدى ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى ئېنگىلىز تىلى ئارقىلىق بۇ مۇنازىرىگە قىزىققۇچىلارغا تونۇشتۇرۇشتۇر.

ئىككى ئوسمانلى ئالىمىنىڭ بىرىنچىسى ھەمدى يەزىر. ئۇنىڭئونتولوگىيەلىك مۇنازىرە ھەققىدىكى مۇھاكىمىسى ئۇ فرانسۇزچىدىن ئوسمانلى تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلغان بىر كىتاپقا يازغان ئىزاھلاردىن ئېلىندى.

ئالىملارنىڭ ئىككىنچىسى مۇستافا سەبرى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەرەبچە يازغان ئۇلۇغ ئەسىرى «مەۋقىف ئەل ئەقىل» ناملىق ئەسىرىدە ئونتولوگىيەلىك مۇنازىرىنى تەنقىد قىلغان.

         △ بىرىنچى، ئانسېلىمنىڭ ئونتولوگىيەلىك مۇنازىرىسى:

خۇدا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغراقىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان مەۋجۇتلۇق. ئۇ ھىچ بولمىغاندا چۈشەنچىدە مەۋجۇت. ئەمما چۈشەنچىدىلا مەۋجۇت نەرسىدىن ئۇلۇغراق بىر مەۋجۇتلۇقنىڭ رىياللىقتىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تەسەۋۇر قىلىشقا بولىدۇ. شۇڭا خۇدا مەۋجۇتتۇر.

         △ گاۋنىلونىڭ ئونتولوگىيەلىك مۇنازىرە تەنقىدى:

سان ئانسېلىمنىڭ مۇنازىرىسى گاۋنىلو تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنغان. گاۋنىلو ئونتولوگىيەلىك مۇنازىرىنىڭ لوگىكىسىدىن پايدىلىنىپ يوقالغان(ئۇنىڭدىنمۇ مۇكەممەلرەكىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان) مۇكەممەل بىر ئارالنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ھەم مۇنازىرىنىڭ بىرىنچى ئاساسىنى تەنقىد قىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، چۈشەنچىدە ئۇنداق مەۋجۇتلۇق بولمايدۇ،چۈنكى خۇدانى خۇدانىڭ ئۆزى ئارقىلىق بىلگىلى بولمايدۇ. ئوخشىتىش ئارقىلىقمۇ خۇداتوغرىلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ھىچقانداق نەرسە خۇداغائوخشىمايدۇ.

          △ ئانېسېلىمنىڭ گاۋنىلوغا جاۋابى:

خۇدانىڭ ماھىيىتىنى بىلەلمەيمىز دىمەكچىمىسىز؟قوشۇلىمەن. شۇنداق بولسا نىمە بولىدۇ؟ قوياشقا قارىيالمايدىغانلىقىمىز بىزنىڭ ئەما ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرەمدۇ؟ ھەربىر مۇكەممەلسىز نەرسە مۇكەممەل بىر نەرسىنى كۆرستىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭدىنمۇ مۇكەممەل مەۋجۇتلۇق بولمىغان بولمىغان بىرمەۋجۇتلۇقنىڭ مەۋجۇتلۇقى زۆرۈردۇر.

          △ يەزىرنىڭ باھاسى:

توغرا قىلىپ ئالغاندا، سان ئانسېلىمنىڭ جاۋابىدىن ئۇنىتەنقىد قىلغۇچىنىڭ مۇنازىرىسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. چۈنكى ئۇ مۇكەممەلسىزلىكنىڭمۇكەممەللىكنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالغان بولۇپ، ئونتولوگىيەلىك مۇنازىرىدىكىگە ئوخشاش نوقۇل ئەقىلگە تايىنىشنىڭ ئورنىغا يارالمىش ئارقىلىقخۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلگىلى بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. نىمىلا بولسۇن،گاۋنىلونىڭ مەقسىدى خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىش ئەمەس، بەلكى ئونتولوگىيەلىك مۇنازىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىشتۇر. شۇڭا سان ئانسېلىمنىڭ يۇقىرىدىكى جاۋابى ئۇنىڭ مۇنازىرىسىنىڭ بىر مۇددىئاسىنىمۇ ھىمايە قىلالمايدۇ.قانداقلا بولسۇن تۆۋەندىكىدەك ئىزاھلاش مۈمكىن:

سېلىشتۇرۇش ۋە ئوخشىتىش ئارقىلىق يارالمىشتىن خۇدانىڭ ئۇقۇمىغا ئىرىشىش مۈمكىن. چۈنكى ئوخشىتىشنىڭ تەڭلىك ياكى بارلىق ۋە ھەممە تەرەپتىن ئوخشاشلىق بولۇشى زۆرۈر ئەمەس. يارىتىلىشتا ھەممە نەرسە مۇكەممەلسىز بولسىمۇ،ئەمما مۇكەممەلسىزلىكنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئېلىپ تاشلاش ئارقىلىق مۇكەممەللىكنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئەگەر مەن گۈزەل بىر نەرسىنى كۆرسەم ۋە تەسەۋۇر قىلسام، بۇھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئۇقۇمدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇ بىرناھايىتى ھەقىقى ئۇقۇم بولالايدۇ. بەلكىم ئۇ مۇكەممەلسىز گۈزەللىكنىڭ ئەڭ يۇقىرىچىكى بولۇشى، ئەمما ماھىيىتى بولماسلىقى مۈمكىن. مۇكەممەلسىزلىكنىڭ چىكى ئونتولوگىيەلىك مۇنازىرە ئۈچۈن يىتەرلىك بولۇشى مۈمكىن، چۈنكى مەن ئۇنىڭدىن بارلىقخۇسۇسىيەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمايمەن. ئەمما مەن ئۇنىڭ بەزى خۇسۇسىيەتلىرىنى ياكى ھىچ بولمىغاندا مەۋجۇتلۇقىنى يەكۈنلەپ چىقىرالايمەن. مۇشۇنىڭ ئۆزى يىتەرلىكتۇر.قوياش سىستىمىمىزدا بىزنىڭكىدەك قوياش مەۋجۇت ئەمەس ھەم مەن ئۇنىڭغا تولۇق قارىيالمايمەن. ئۇنداقتا قوياش ھەققىدىكى كەمتۈك تۇيغۇم ئۇنىڭ پەقەتلا ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەمدۇ؟ مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۇقۇمىمۇ شۇنىڭدەك. مەن ئېفېمېرال (ئۆمرىقىسقا) نەرسىلەر ئارقىلىق مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۇقۇمىغا ئىرىشىمەن. ئەگەر مەن "ئۆمرىقىسقا"نى تاشلاپ (ئۆتكەن زامانغا نىسبەتەن) "ئەبەدىي"نى قوشسامنوقۇل ئىسىمدىن تەركىپ تاپقان ئۇقۇمغا ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي ئۇقۇمغا ئىرىشىمەن.ئەگەر بىز مەۋجۇتلۇقنى ماھىيەتلىك بولمىغان خۇسۇسىيەت  ۋە ياكى نەزىرىيىۋى ئۇقۇم ئەمەس بەلكى ئومۇمى ئىسىم دەپ قارىساق مەسىلە تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ. ئاندىن گاۋنىلونىڭ ئارال مۇنازىرىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى ئارال مەۋجۇتلۇقنىڭ بىر قىسمى ياكى مەۋجۇتسىزلىقنىڭ بىرقىسمى بولۇشى مۈمكىن. ئەمما، مەۋجۇتلۇق دائىم مەۋجۇتلۇق، ئۇمەۋجۇتسىزلىق بولالمايدۇ. خۇلاسىلىغاندا، ئەگەر مەۋجۇتلۇق بارلىق ھەقىقەت ۋەرىياللىقنىڭ ئاساسى ھەم مۇتلەق كاتىگورىيە دىيىلسە (بىزنىڭ سۇفى تەپەككۈرىمىزمۇشۇنداق قارايدۇ)، نىسبىي ياكى ئىككىلەمچى خۇسۇسىيەت دىيىلمىسە، مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۇقۇمى باشقا ئۇقۇملارغا ئوخشىمايدىغان بولىدۇ.

مۇشۇ خىل مۇنازىرە ئارقىلىق، ئونتولوگىيە مۇنازىرىنىڭ يەكۈنىنى ھەقىقى، ھەم توغرا سېللوگىزىمدىكىگە ئوخشاش، ئاساسلاردىن مۇقەررەر ھالداكەلتۈرۈپ چىقىرىلغان دىيەلەيمىز. ئۇ ھەرگىزمۇ سۇئال تىلەيدىغان يەكۈن ئەمەس.يەنىمۇ ئېيىتقاندا، مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق كانتنىڭ تەنقىدىگىمۇ جاۋاپ بەرگىلى بولىدۇ. ئەمما ئانسېلىمنىڭ جاۋابى يىتەرلىك ئەمەس، بەلكىم ئۇ مەسىلىنى ئېنىق ھىسقىلغان بولسىمۇ ئەمما ئېنىق بىلەلمىگەن بولۇشى مۈمكىن.

مۇشۇ مەنتىقىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولغاندەك، ئونتولوگىيەلىك مۇنازىرە بىزنىڭ تەپەككۈرىمىزنىڭ سۇفى ۋە ئىشراق ئېقىمىغا تەۋە دەلىللەردىندۇر.ئىبىن سىنا ئۆزىنىڭ «ئىشارەت» دىگەن كىتاۋىدا سان ئانسېلىمدىن پەرقلىق ھالدابۆلۈنمە مۇنازىرىدىن پايدىلىنىپ زۆرۈر مەۋجۇتلۇقنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىغان.

△ توماس ئاكۇيناسنىڭ ئونتولوگىيەلىك مۇنازىرە تەنقىدى

"پۈتۈنلۈك قىسمەنلىكتىن چوڭ بولىدۇ" دىگەن ھۆكۈم ئۆز-ئۆزىدىن ئېنىق بولغاندەك، ئۇنى كۆرەلەيدىغانلارغا نىسبەتەن "خۇدامەۋجۇت" دىگەن ھۆكۈممۇ ئۆز-ئۆزىدىن ئېنىقتۇر. چۈنكى، خۇدانىڭ ماھىيىتى ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىدۇر. ئەمما بىز ئۇنى كۆرەلمىگەنلىكتىن، ئۇنى ئۇنىڭ ماھىيىتى ئارقىلىق ئەمەس بەلكى ئەسەرلىرى (ياراتقانلىرى) ئارقىلىق بىلىۋالالايمىز.

         △ يەزىرنىڭ باھاسى:
بىزنىڭ(مۇسۇلمان) پەلسەپە ۋە كالام ئەدەبىياتىدا مەۋجۇتلۇق ھەققىدە ئاساسلىق تۆت ئېقىمبار:
1.    مەۋجۇتلۇق بىر زۆرۈرىي مەۋجۇتلۇقنىڭ ماھىيىتى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ۋاقىتلىق مەۋجۇتلۇقنىڭ ماھىيىتىدىن پەرقلىنىدۇ. ۋاقىتلىق مەۋجۇتلۇقلارغا نىسبەتەن مەۋجۇتلۇق ئۇلارنىڭ ماھىيىتىگە قوشۇلغان بولۇپ،ئىككىلەمچى سۈپەتتىكى ماھىيەتسىز خۇسۇسىيەتتۇر. بۇ پەيلاسوپلار تەپەككۈرئېقىمىدۇر.
2.    مەۋجۇتلۇق ھەممە نەرسىنىڭ بىردىنبىر ھەقىقىتى. ئۇنىڭ شەكىللىرى پەرقلىق بولمايدۇ. چۈنكى، ۋاقىتلىق نەرسىلەرنىڭ ماھىيىتى يوقلۇق،ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى زۆرۈر مەۋجۇتلۇقنىڭ سىماسىدىن ئىبارەت. شۇڭا، ۋاقىتلىق نەرسىلەر ماھىيەتتە يوقلۇقتۇر. زۆرۈر مەۋجۇتلۇقتىن باشقا ھەقىقىي مەۋجۇتلۇق بولمايدۇ. مەۋجۇتلۇق ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن ئوخشاش. بۇ ئىشراق پەيلاسوپلىرى ۋەسۇفى تەپەككۈر ئېقىمى.
3.    ھەربىر نەرسنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۆزى، ئۆزىنىڭ رىياللىقى ۋەكىملىكىدۇر. شۇڭا، رىيال نەرسىلەر قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك مەۋجۇتلۇق مەۋجۇتتۇر.بۇ ئەشئەرىيلەر تەپەككۈر ئېقىمىدۇر.
4.    بىر مەۋجۇتلۇق زۆرۈر ياكى ۋاقىتلىق بولسۇن،مەۋجۇتلۇق  ئۇنىڭ ھەقىقى تەبىئىتىدىن باشقانەرسە. مەۋجۇتلۇق بىر قوشۇلما، ھەممە مەۋجۇتلۇقنىڭ ئومۇمى مەنىسى ۋە خۇسۇسىيىتى.
بۇكونتېكىستتا، بەشىنچى ئېقىم دەپ قاراشقا بولىدىغان يەنە بىر كۆز قاراش بار:مەۋجۇتلۇق ئىككى خىل بولىدۇ: ئالاھىدە مەۋجۇتلۇق ۋە ئادەتتىكى مەۋجۇتلۇق. ئالاھىدەمەۋجۇتلۇق ئۆز-ئۆزىدىن ھەقىقىيدۇر. ئۇ ھەمە نەرسىدە پەرقلىق بولىدۇ. ئاددىي مەۋجۇتلۇق بولسا ئابستراكىتلاشتۇرۇلغان مەنا بولۇپ ئىككىلەمچى ئالاھىدىلىكتۇر.مۇقەددەس ئالاھىدە مەۋجۇتلۇق بارلىق ئالاھىدە مەۋجۇتلۇقلار ئىچىدىكى دۇنياۋى رىياللىق رىياللىقتۇر.

ئەگەر مەۋجۇتلۇق سۇفى ۋە ئىشراق ئېقىمىدىكىگە ئوخشاش بىردىنبىر رىياللىق دەپ قارالغان بولسا، ئونتولوگىيەلىك مۇنازىرە توغرا بولغان بولاتتى. ئەمما، سان توماس كۆپلىگەن پەيلاسوپلار بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇپ  مۇقەددەس مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۇنىڭ ھەقىقى تەبىئىتى بىلەن بىردەك ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغان. شۇڭا خۇدانى بىلىش ئۈچۈن خۇدانىڭ ماھىيىتىنى، ھەقىقىي تەبىئىتىنى بىلىش لازىم. ۋاقىتلىق نەرسىلەرنى دەيدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى زۆرۈر مەۋجۇتلۇقتىن باشقا نەرسە.مەۋجۇتلۇق ئۇلارنىڭ ماھىيەتسىز خۇسۇسىيىتىدۇر. شۇڭا، توماسقا ئاساسلانغاندا،ۋاقىتلىق مەۋجۇتلۇقتىن مۇقەددەس مەۋجۇتلۇقنى بىلەلمەيمىز. ئۇنىڭ دىمەكچى بولغىنى،رىياللىقنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق بىلمەي تۇرۇپ، خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساپ ئەقىلگە تايىنىپدىدۇكسىيە ئارقىلىق يەكۈنلەپ چىققىلى بولمايدۇ. بۇ مۇنازىرە سان توماسنىڭ ئۆزپەلسەپە ئېقىمىنىڭ تەپەككۈرىنى ناھايىتى ئىلمى ھالدا ئۆز تەنقىتىدە تەدبىقلىيالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ تەپەككۈرىدىكى ھەقىقى مەسىلەمەۋجۇتلۇقنىڭ ھەقىقىتىدۇر.

         △ كانتنىڭ تەنقىدى:
بىر ئانالىتىك ھۆكۈمدە ئەگەر مەنئىگىنى ئېلىپ قېلىپ خەۋەرنى تاشلىۋەتسەم، ياكى خەۋەرنى ئېلىپ قېلىپ ئىگىنى تاشلىۋەتسەم شۈبھىسىزكى زىددىيەت كىلىپ چىقىدۇ. ئەگەر مەن ئىگە ۋە خەۋەرنىڭ ئىككىلىسىنىلا تاشلىۋەتسەم ھىچقانداق زىددىيەت كىلىپ چىقمايدۇ. شۇڭا، مەن"خۇدا مەۋجۇت" دىگەن ھۆكۈمدىكى ئىگە ۋە خەۋەرنىڭ ئىككىلىسىنىلا تاشلىۋەتسەم نىمە ئۈچۈن زىددىيەت كىلىپ چىققۇدەك.
        △ يەزىرنىڭ باھاسى:

كانت ئىگە ۋە خەۋەر ئۇقۇمى بىر-بىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈملەرنى "ئانالىتىك ھۆكۈملەر" دەپ ئاتىغان. ئۇ مۇشۇ خىل ئەڭ ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم ھۆكۈملەرنى تەھلىل قىلغان. بۇ خىل ھۆكۈملەر مۇسۇلمان مەنتىقىچىلەر تەرىپىدىن مەنەن ھۆكۈم (قادايا لەفزىييە)  دەپ ئاتالغان. مەسلەن، تەبىر ۋە تەبىرلەنگۈچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈم مەنەن ھۆكۈمدۇر. ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە ئانالىتىك ھۆكۈم چوڭ ھۆكۈم بولۇشى كىرەك: خۇدا مۇكەممەل مەۋجۇتلۇق. دېكار بۇ ھۆكۈمگە كىچىك ئاساس قوشۇپ لوگىكىلىق دىدۇكسىيە ئارقىلىق مۇنداق خۇلاسە قىلغان: مەۋجۇتلۇق مۇكەممەللىكتۇر. شۇڭا، كانتنىڭ رەددىيىسى سان ئانسېلىمنىڭ دەلىلىگە ئۇيغۇن كەلسىمۇ ئەمما دېكارنىڭ دەلىلىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. مۇشۇ سەۋەپتىن كانت ئۆزىنىڭ ئىككىنچى ۋەئۈچىنچى رەددىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان:

          △ كانتنىڭ ئىككىنچى رەددىيىسى:

مەۋجۇتلۇق خەۋەر ئەمەس. باشقىچە قىلغاندا، ئۇ بىرنەرسىنىڭ ئۇقۇمىغا قوشۇپ قويغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇ پەقەت بىر نەرسىنىڭ ھالىتى. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، تەسەۋۇردىكى نەرسىگە سېلىشتۇرغاندا رىياللىقتامەۋجۇت بولغان بىر نەرسىنىڭ يەنە قوشۇمچە سۈپەتلىرى بولۇشى كىرەك. بۇ مۈمكىن ئەمەس چۈنكى باشقىچە قىلغاندا تەسەۋۇردىكى نەرسە رىيال نەرسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.رىياللىقتىكى 100 دوللاردا تەسەۋۇردىكى 100 دوللاردىنمۇ كۆپ نەرسە بولمايدۇ.

         △ يەزىرنىڭ باھاسى:

ئۇنداقتا باي بولۇش ئۈچۈن باي بولۇشنى تەسەۋۇر قىلساقلا كۇپايەقىلمامدۇ؟ شۇڭا ھەقىقى 100 دوللاردا تەسەۋۇردىكى 100 دوللاردىكىدىن كۆپ نەرسىلەربولىدۇ. ئۇ نەرسە ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى. تەسەۋۇرنىڭ رىياللىققا ماس كىلىشى مەۋجۇتلۇقتىن باشقا تەرەپلەردىكى ماسلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇندىن سرىت، بىرنەرسىنىڭ ھالىتى دىگەن نىمە؟ بىر نەرسىنىڭ ئوخشىمىغان ھالىتى تەسەۋۇر بىلەن رىياللىقنىڭ بىر-بىرىگە ماس كىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلمامدۇ؟

         △ كانتنىڭ ئۈچىنچى رەددىيىسى:

"خۇدا مەۋجۇت" ياكى ئانالىتىك ياكى سېنتېتىك ھۆكۈم. ئەگەر ئانالىتىك ھۆكۈم بولسا، خەۋەر ئىگىگە ھىچقانداق يېڭى نەرسە قوشمايدۇ.شۇڭا، بىر نەرسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇنىڭ ئۇقۇمىنى چوڭايتمايدۇ. بۇ سىزنىڭ ئۇنى ئاللىقاچان مەۋجۇت ھەم ھەقىقى دەپ تەسەۋۇر قىلىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ ھەم ھۆكۈمنى تەسەۋۇرىڭىزنىڭ تەكرارلىنىشىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. نەتىجىدە سىزنىڭ دەلىلىڭىز ئىناۋەتسىز بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بۇ ھۆكۈم سېنتېتىك بولسا، كىممۇ خەۋەرنى ئېلىپتاشلىۋىتىش زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دىيەلەيدۇ؟ چۈنكى بۇ خىل ئەھۋال ئانالىتىك ھۆكۈمدىلا كىلىپ چىقىدۇ.

         △ يەزىرنىڭ باھاسى:

بىز بۇ مۇنازىرىنى قوبۇل قىلالمايمىز چۈنكى زىددىيەت ئانالىتىك ھۆكۈمدە بىۋاستە، سېنتېتىك ھۆكۈمدە ۋاستىلىق ھالدا پەيدا بولىدۇ.سېللوگىزىم ياكى دېدۇكسىيەنىڭ يەكۈنى سېنتېتىك ھۆكۈم بولالىسىمۇ، ئەمما شۇ خۇلاسەياكى شۇ ھۆكۈمدىكى خەۋەرنى رەت قىلىش ئاساسنى ئىنكار قىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ۋاستىلىق ھالدا ئۆزى بىلەن زىتلىق پەيدا قىلىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، ھىچقانداق لوگىكىلىق دېدۇكسىيە مۈمكىن بولمايدۇ. ھەقىقىي ياكى سېنتېتك ھۆكۈم پەقەت ئىندۇكسىيە بىلەنلا پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ، بىر سېللوگىزىمنىڭ يەكۈنى ھەردائىم ئانالىتىك بولىدۇ دىگەن قاراشقا ستۇئارت مىل ئەپچىللىك بىلەن رەددىيە بەرگەن ۋە ئالېكساندىر بېيىن ئۇنى ئۇستىلىق بىلەن چۈشەندۈرگەن.

          △ مۇستافا سەبرېنىڭ تەنقىدى:

مۇكەممەل مەۋجۇتلۇق بولمىسا مۇكەممەللىكنى تەسەۋۇرقىلغىلى بولمايدۇ دىگەن قاراشنى قوبۇل قىلالمايمىز. بىر مۇكەممەل مەۋجۇتلۇقنى ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ھەتتا چۈشەنچىدىن سرىت مەۋجۇتلۇقى بىلەن بىللە چۈشەنچىدىلاتەسەۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. باشقىچە قىلغاندا، ئۇنى ئۇنىڭ سرىتقى مەۋجۇتلۇقى بىلەن بىللە تەسەۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئۇقۇم بۇ خىل بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئورنىدۇر. بىر-بىرىگە مۇھتاج بولىدىغان مەۋجۇتلۇق ۋە مەۋجۇتسىزلىق ياكى ئىككى مەۋجۇت بولمىغان نەرسىگە ئۇقۇمدابوشلۇق مەۋجۇتتۇر. ئەمما مۇكەممەل بىر نەرسىنىڭ سرىتقى مەۋجۇتلۇقى بىلەن بىللە چۈشەنچىدە پەيدا بولۇشى شۇ نەرسىنىڭ راستىنلا سرىتتا مەۋجۇت  ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. بىزنىڭ مەنتىقىچىلىرىمىز ئادەمنىڭ چۈشەنچىسىدىكى ئۇقۇمنىڭ چىكى يوق دەپ چىڭ تۇرىدۇ. ئادەمنىڭ چۈشەنچىسى سرىتقى مەۋجۇتلۇق ئۇقۇمىنى مۇكەممەللىك ئۇقۇمىغا قىتىشقا مەجبۇر بولۇشى مۈمكىن، چۈنكى خۇدا مۇكەممەل مەۋجۇتلۇق دەپ تەسەۋۇر قىلىنىدۇ. شۇڭا بىرلەشتۈرۈلگەن ھەقىقىي مەۋجۇتلۇق بىلەن چۈشەنچىدىكى مەۋجۇتلۇقنىڭ رىياللىقتا زۆرۈر ھالدا تەسىرى بولۇشىدىن مۇستەسنا ھالدا، مۇكەممەل مەۋجۇتلۇق رىياللىقتىمۇ مەۋجۇت دەپ قارايدۇ.

يۇقىرىدا ئېيىتقىنىمنى يەنىمۇ چۈشەندۈرەي: "خۇدا مۇكەممەللىك خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە مەۋجۇتلۇق" دىگەن ھۆكۈمنىڭ ھەقىقىلىكىدە شەك يوق. ئەمما، دېكاردىن بۇرۇن ۋەكىيىن مۇشۇ خىل مۇنازىرىنى قوبۇل قىلغانلار يۇقارقى ھۆكۈم ئارقىلىق خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدىغانلىقىدەك پاكىتتىن بىخەۋەردۇر. باشقىچەقىلغاندا، "خۇدا مۇكەممەللىك خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە مەۋجۇتلۇق" گەرچەراست بولسىمۇ، ئەمما خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاشقا ئاساس بولالمايدۇ. ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشىنىدىغانلارغا نىسبەتەن بۇ ھۆكۈمنىڭ ھەقىقى ئىكەنلىكىنىڭ سەۋەبى مۇشۇ. ئەمما، خۇداغا ئىشەنمەيدىغانلارغا نىسبەتەن ئۇنداق ئەمەس. ئۇلارغا نىسبەتەن ئۇ مەۋجۇت ئەمەس، مۇكەممەللىك خۇسۇسىيەتلىرىگىمۇ ئىگە ئەمەس. خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان ھەرقانداق ئادەم ئېنىق ئىسپات تېپىشتىن بۇرۇن خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقى ياكى ئۇنىڭ مۇكەممەللىك خۇسۇسىيەتلىرىنى تەسەۋۇر قىلماسلىقى كىرەك. بىز ئىككىلەنمەيلا مۇكەممەللىكنى ئۇنىڭ (خۇدا) غا تەۋە قىلىمىز، چۈنكى بىز ئالدى بىلەن ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشىنىمىز. بىزنىڭ ئىشەنچىمىز ئونتولوگىيەلىك مۇنازىرىدىن باشقا ئىسپات ئاساسىغا تۇرغۇزۇلغان، شۇڭا ئېنىقكى "خۇدا مۇكەممەللىك خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە" دىگەن ھۆكۈم ھەقىقىيدۇر.  بۇ ھۆكۈمنىڭ ھەقىقىتى ھۆكۈمنىڭ سوبېيكىتى يەنى خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تايىنىدۇ. چۈنكى بۇ قەدىمقى لوگىكا تەلەپ قىلغان شارائىتتۇر.خۇدانىڭ مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەيدىغانلار ۋە ئۇنىڭ مۇكەممەللىك خۇسىيەتلىرىدىن ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلىشنى خالىمايدىغانلار، ياكى ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلىدىغان ۋە مۇكەممەللىكنىڭ دەلىلى ئارقىلىق ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلمەيدىغانلارغا ئىسپاتلاپ بەرمەكچى بولغانلار شۇنى بىلىشى كىرەككى ئۇلارنىڭدەلىلىدە ئىشلىتىلگەن "خۇدا مۇكەممەل" دىگەن ھۆكۈم مۇئەييەنلەشتۈرگۈچى ھۆكۈمدۇر. بۇ ھۆكۈمنىڭ ھەقىقىيلىكى مەنتىلىقىلىق ھالدا ئۇلار دەلىللەشكە تىرىشىۋاتقان سوبىكىتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تايىنىدۇ. شۇڭا بۇ بىر سۇئال تىلەيدىغان مۇنازىرە بولۇپ مەنتىقىچىلەر تەرىپىدىن خاتا دەپ قارالغان.

لوگىكىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرگۈچى ھۆكۈم سوبىكتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى شەرت قىلىشىدەك بۇ تەرىپى، گەرچە بۇ ئىنكار قىلغۇچى ھۆكۈملەر ئۈچۈن تەلەپ قىلىنمىسىمۇ، نەقەدەر نازۇك ھە! مەسلەن، "سۇمرۇغ ئۇچىدۇ" دىگەن ھۆكۈمھەقىقى ئەمەس، "سۇمرۇغ ئۇچمايدۇ" دىگەن ھۆكۈم ھەقىقىيدۇر. شۇنداق بىرقۇش مەۋجۇت بولمىغانلىقى ئۈچۈن مۇئەييەنلەشتۈرۈش تەرىقىسىدىكى ھەرقانداق بايان ساختا، ئىنكار قىلىش تەرىقىسىدىكى ھەرقانداق بايان ھەقىقىيدۇر. دىمەكچى بولغىنىم،بۈگۈنكى مىسىر زىيالىلىرىنىڭ  كۆزگەئىلماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، بۇ لوگىكىنىڭ يەنى كونا فورمال لوگىكىنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنىڭ بىرى.

لۇغەتلەردىكى "سۇمرۇغ تەسەۋۇردىكى بىر زورقۇش" دىگەن ھۆكۈملەردە ھىچقانداق سەۋەنلىك يوق. بۇ بىز باشتا تىلغا ئالغانمۇئەييەنلەشتۈرگۈچى ھۆكۈم ئۆز سوبىكتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىسىز ھەقىقىي بولالمايدۇ دىگەن لوگىكىلىق قائىدىگە زىت كەلمەيدۇ.چۈنكى لۇغەتلەردىكى ھۆكۈملەر سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرىدىغان بايانلاردۇر. مەنتىقىچىلەر بۇندا تەسۋىرىي بايانلارنى لوگىكىلىق ھۆكۈم دەپ قارىمايدۇ. ئەمما سىز ئۇنى باشقا ھەقىقىي ياكى ساختا لوگىكىلىق ھۆكۈملەرگە ئوخشاش مۇئەييەنلەشتۈرگۈچى، لوگىكىنىڭ ئۇنىڭ سوبىكتىنىڭ ھەقىقىي بولۇشى ھەققىدىكى تەلىۋىدىن قەتئىينەزەر ئۇنى ھەقىقىي ھۆكۈم دەپ چىڭ تۇرسىڭىز، جاۋاپ شۇكى لۇغەتلەردىكى "سۇمرۇغ بىر قۇش" دىگەن تەسۋىرىي بايان "سۇمرۇغ"دىگەن سۆزنىڭ بىر قۇشنىڭ نامى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى جەزىملەشتۈرۈشتۇر.  شۈبھىسىزكى، "سۇمرۇغ" دىگەن سوبىكىتمەۋجۇت بولمىسىمۇ ئەمما تىلدا "سۇمرۇغ" دىگەن سۆز بار. شۇڭا شۇ قۇشنىڭنامى مەۋجۇت بولۇپ ئۆزى مەۋجۇت بولمىسىمۇ بۇ جەزىملەشتۈرۈش ھەقىقىيدۇر.

خۇلاسىلىغاندا، مەنتىقە ۋە ئۇنىڭ نازۇكلۇقى سەۋەبىدىن بۇمۇھاكىمىدىن ئۈچ نۇقتىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ:

1.   مۇئەييەنلەشتۈرگۈچى ھۆكۈمدىكى سوبىكىت چوقۇم مەۋجۇتبولۇشى كىرەك. ئەمما ئىنكار قىلغۇچى ھۆكۈملەردە بۇنداق بولۇشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.
2.   تەسەۋۇردىكى نەرسىنىڭ راست ياكى ھەقىقىي بولۇشىدىنقەتئىينەزەر، ئىنسان تەسەۋۇرىنىڭ چىكى يوق
3.   تەسۋىرىي بايانلار مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت بولمىغانئۇقۇملارنى چۈشەندۈرىدۇ دەپ قارىلىدۇ. مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت بولمىغان ئۇقۇملارقارىماققا مۇئەييەنلەشتۈرگۈچى ھۆكۈملەردەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما ئۇلارغا نىسبەتەن ئادەمتەسەۋۇرىنىڭ چىكى يوق

يۇقارقىلارنىڭئىچىدىكى ئىككىنچى نۇقتا ئونتولوگىيەلىك مۇنازىرىنى ياقلىغۇچىلارنى ئازغاشتۇرۇپقويغان. ئەسلىدە بىرىنچى نۇقتا ئۇلارغا ئونتولوگىيەلىك مۇنازىرىنىڭ توغرائەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشى كىرەك ئىدى.

12

تېما

16

دوست

3207

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   40.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21614
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 1028
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 19:45:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىن بىلەن پەلسەپەنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇنازىرە قىلىش ناھايىتى قىززىقارلىق ۋە مۇرەككەپ بولىدۇ.خۇدانىڭ مەۋجۇتلىقىنى پەلسەپەنىڭ ھۆكىمى بىلەن قارارلاشتۇرۇش تەڭرىگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك ھىساپلانمايدۇ.خۇدانىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساپ ئەقىل بىلەن سىزىمەن دىگۈچىلەر ئۈچۈن پەلسەپەدىنمۇ بىۋاستە چىقىش يولى يوق دەپ قارايمەن.
چۈشەنچىدىكى مەۋجۇتلۇق رىئاللىقتىكى مەۋجۇتلۇقنى ئىسپاتلىيالمايدۇ.چۈشەنچىمىزدە تەڭرى بولغانلىقى ئۈچۈن رىئاللىقتا تەڭرى مەۋجۇت دىيىش ھەقىقەتەن بىمەنىلىك.چۈشەنچىمىزدە ئۇلۇغلۇقنى چەكلىك دائىرىدە تەسەۋۋۇر قىلالايمىز بۇنى خاتا دىمەيمەن.ئەمما چۈشەنچىمىزدىكى ئۇلۇغلۇقنىڭ تىخىمۇ ئۇلۇغ بولىشى ئۇچۇن ئۇ رىئاللىق چۈشەنچىمىزدىكى ئۇلۇغلۇقتىن ئۇلۇغ بولغان نەرسە چۈشەنچىمىزدىكى ئۇلۇغلۇقتىن ئۇلۇغ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ مەۋجۇتلۇق دەيدىغان سەۋەپ نەتىجە مۇناسىۋىتى مىنى قايىل قىلالمىدى.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

182

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   60.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30531
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 23:56:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چۈشىنىپسىز، ھەم ئۆزگىچە تەسىر ئاپسىز، رەھمەت.

2

تېما

4

دوست

7462

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   49.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3054
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1131
تۆھپە : 1531
توردىكى ۋاقتى: 449
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-2 12:36:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parangqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-2 12:39  

ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغراقىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان بىر مەۋجۇتلۇق- ئەڭ ئالىي مەۋجۇتلۇق. ئۇ، (1)چۈشەنچىدە مەۋجۇت- ئۇ  ھەم چۈشەنچىدۇر. (2) ئوبېكتىپ مەۋجۇتتۇر- ھەم چۈشەنچىلا ئەمەستۇر.  (بۇ يەردىكى ئوبكتىپ مەۋجۇتلۇق ‹ماددىچىلىق › كاتىگورىيىسىدىكىسى  بولىدىعان بولسا، شەيئىنى كۅرسىتىدۇكى، ئۇ ھەرگىزمۇ ئەڭ ئالىي ئەمەس. ئەڭ ئالىيسى پەقەتلا دىندا دىيىلىدىعان ئاللاھتۇر.)

‹...  شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغراقىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان بىر مەۋجۇتلۇق چۈشەنچىدىلا مەۋجۇت بولمايدۇ. ئۇنى چۈشەنچىدىلا مەۋجۇت دەپ قارىساق،ئۇنى رىياللىقتا مەۋجۇت دەپ تەسەۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. ئۇ تېخىمۇ ئۇلۇغدۇر...› _ ئانسېلىم

چۈشەنچىدە مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈن رېئاللىقتا مەۋجۇت دەپ تەسەۋۇر قىلغىلى بولىدۇ- يانىلا تەسەۋۇر، چۈشەنچىدە مەۋجۇت بولغان ئالىي مەۋجۇدات رېئال كىشىلەرنىڭ تەسەۋۇرى بولۇپ قالدىغۇ؟
رىياللىقتا مەۋجۇت دەپ تەسەۋۇر قىلغىلى بولىدۇ، دىيىلگىنىگە دىققەت!

...‹  شۈبھىسىزكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغراقىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان بىرمەۋجۇتلۇق بار ھەم ئۇ چۈشەنچە ۋە رىياللىقتا مەۋجۇتتۇر.›    ‹ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغراقىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان بىر مەۋجۇتلۇق چۈشەنچىدىلا مەۋجۇت بولمايدۇ. ئۇنى چۈشەنچىدىلا مەۋجۇت دەپ قارىساق،ئۇنى رىياللىقتا مەۋجۇت دەپ تەسەۋۇر قىلغىلى بولىدۇ.›        ـــــ ھەم  مەۋجۇت،  ھەم مەۋجۇت دەپ تەسەۋۇر قىلغىلى بولىدۇ،
مەۋجۇتلۇقى ئىنساننىڭ تەسەۋۇرىغا باغلىق، دىمەكچىمۇ؟  

2

تېما

4

دوست

7462

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   49.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3054
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1131
تۆھپە : 1531
توردىكى ۋاقتى: 449
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-2 12:43:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغراقىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان مەۋجۇتلۇق. شۇڭا خۇدا چۈشەنچىدىلا ئەمەس بەلكى رىياللىقتىمۇ مەۋجۇتتۇر.
ـ حۇدا ئەڭ ئالىي مەۋجۇتلۇق، شۇنىڭ ئۉچۉن چۈشەنچىدىلا ئەمەس بەلكى رىياللىقتىمۇ مەۋجۇتتۇر.
قانداق مەنتىقىدۇر بۇ؟

2

تېما

4

دوست

7462

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   49.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3054
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1131
تۆھپە : 1531
توردىكى ۋاقتى: 449
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-2 12:47:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغراقىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان مەۋجۇتلۇق، دەپ ئالدىن ھۅكۉم قىلىنعان ئىكەن، يەنە نىمە دەپ  ‹ئىسپات›لاش زۅرۉر بولۇپ قالدى؟

2

تېما

4

دوست

7462

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   49.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3054
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1131
تۆھپە : 1531
توردىكى ۋاقتى: 449
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-3 12:53:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغراقىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان مەۋجۇتلۇق چۈشەنچىدىمۇ ، رىياللىقتىمۇ  مەۋجۇت بولغان مەۋجۇتلۇقنى كۆرسىتىدىغان بولسا،  خۇدا  ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغراقىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان مەۋجۇتلۇق دىيىشنىڭ ئۆزىلا خۇدا مەۋجۇتتۇر دىيىش بولىدۇ. ئۇنداقتا،   ‹ خۇدا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغراقىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان مەۋجۇتلۇق. ئۇ ھىچ بولمىغاندا چۈشەنچىدە مەۋجۇت. ئەمما چۈشەنچىدىلا مەۋجۇت نەرسىدىن ئۇلۇغراق بىر مەۋجۇتلۇقنىڭ رىياللىقتىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تەسەۋۇر قىلىشقا بولىدۇ. شۇڭا خۇدا مەۋجۇتتۇر › دىيىش گەپ ئوينىتىش بولماي نىمە؟

2

تېما

4

دوست

7462

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   49.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3054
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1131
تۆھپە : 1531
توردىكى ۋاقتى: 449
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-3 13:08:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹ خۇدانى خۇدانىڭ ئۆزى ئارقىلىق بىلگىلى بولمايدۇ. ئوخشىتىش ئارقىلىقمۇ خۇداتوغرىلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ھىچقانداق نەرسە خۇداغائوخشىمايدۇ›


خۇدانى خۇدانىڭ ‹كىتابى› - ‹‹قۇرئان›› ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ.  بۇ، مەلۇم مەنىدە خۇدانى خۇدانىڭ ئۆزى ئارقىلىق بىلىش ھېساپلىنىدۇ.

خۇدانىڭ ئوخشىشى يوق-بۇ دۇرۇس ئېيتىلما.  بىر مۇسۇلمانغا نىسپىتەن  خۇدانى تونۇشتا قۇرئاننى ئىخلاس بىلەن ئوقۇشتىن باشقا يول يوق. ‹تەبىئەت ›نى ئوقۇش قۇرئاندىكى ‹ئەمەل› تۈرىگە كىرىدۇ.   شۇنىڭ بىلەن بىللە خۇدانى ئىسپاتلاشقا بېرىلىشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق، چۈنكى ‹‹قۇرئان››دىن ھالقىغان ياكى ئايرىلغان ئىسپاتلاشنىڭ زۆرۈرىيىتى خۇداغا ئىشەنمەسلىكنى ياكى بۇ ھەقتىكى گۇماننى مەنبە قىلغان بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )