ئارتۇچ دەرىخىنى قۇتقۇزىۋالايلىقەدىرلىك قىرىنداشلار ؛
ئارتۇچ دەرىخى ئەسلى ئاتۇشتا ئۆسىدىغان پۇراقلىق دەرخ بولۇپ ھازىرقى ئاتۇش نامى دەل مۇشۇ دەرەختىن ئىتمىلوگىيەلەنگەن.بىز ئاتۇش دىيارىدىن يۇقاپ كەتكىنىگە 70-80 يىللار بولۇپ قالغان. بۇ تارىخى دەرخنى ئىزدەش مۇساپىسىدە دەرخنىڭ بىر قانچە جايدا ھىلىمۇ تىمەن ئۆسىۋاتقانلىقىنى بايقىدۇق. ئالدى بىلەن قۇدىرەتلىك ئىگىمىزنىڭ ئاندىن قىرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆڭۈل بولىشى بىلەن بۇ دەرخنى ئىزدەش قۇتقۇزۇش گوروپپىمىزدىكى ئەزالار كىلەر ھەپتە دەرخ بىلەن ئۇچىرىشىش ۋە بۇ ھەقتە تەتقىقات ئىلىپ بىرىش ئۈچۈن نەچچە مىڭ كىلومىتىر يىراقتكى رايۇنىمىز تاغلىرىغا يولغا چىقماقچى.بۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەر:-دەرخنى ئىزدەپ تىپىش،ئۇ جايلاشقان ئورۇننى تەتقىق قىلىش،ھاۋا كىلىماتىنى ئانىلىز قىلىش،دەرخ ھەققىدە ياشانغان بوۋاي-مۇمايلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش،بۇ ھەقتە رادىئو پىروگىراممىسى ئىشلەش ۋە تەتقىقات ماقالىسى يىزىش ، ئەھۋالغا قاراپ بۇ ئەزىز دەرخنى ئاتۇشقا يۆتكەپ كىلىش.قىسقىسى شۇنچىلىك خەيرلىك ئىشقا تۇتۇش قىلغىنىمىزدىن ئۆزىمىزنى تولمۇ بەختلىك ھىس قىلىۋاتىمىز، ئەمما قىيىنچلىقلارمۇ يوق ئەمەس.بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى داۋاملىق يۇللاپ تۇرىمىز.بۇ دەرخنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قىزىقىدىغان ھەر بىر قىرىندىشمىزنىڭ ھەر جەھەتتىن بىزنى قوللاپ تۇرىشى بولۇپمۇ كىنىدىك قىنى ئاتۇشقا تۆكۈلگەن قىرىنداشلىرىمىزنىڭ قولدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىشىنى چىن دىلىمىزدىن تىلەيمىز!
ئارتۇچ دەرخىنى ئىزدەش،قۇتقۇزۇش گورۇپپىسى ئالاقىلاشقۇچى : ئارتۇچ مۇئەللىم Tel: 18709082755, 13899198079 |