- تىزىملاتقان
- 2012-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5451
- نادىر
- 0
- يازما
- 338
ئۆسۈش
9.02%
|
Pishamshan يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 21:36
تېلېۋىزوردا جۇڭگودا ئىشلەنگەن كارتون-فىلىملەرنى قويم ...
ئالدى بىلەن تېما ئىگىسىنىڭ مەزكۇر تېمىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتۈشتىكى مەقسىدىنى تولۇق قوللايمەن، تولىمۇ ياخشى پىكىردىن بىرنى قىلىپسىز قېرىندىشىم!
مەنمۇ كىچىك ۋاقىتلىرىمدا بىرقىسىم كۆپچىلىكلىرىمىزگە ئوخشاشلا ئەشۇ ئۇنتۇلماس كارتۇن فىلىم «مىم» نى كۆرۈپ چوڭ بولغان، كېيىنچە «خېيمەن» قاتارلىق كارتۇنلارمۇ چىقتى، ئەمما قەلبىمدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قوزغىغان ئەشۇ «مىم» ھەر ۋاقىت ماڭا ئىلھام ئاتا قىلىپ كەلدى. تەبىئەتتىكى نۇرغۇنلىغان سىرلار، ھور ماشىنىسى، پويىز، ئايروپىلانلارنىڭ دۇنياغا كېلىشى... قاتارلىق نۇرغۇنلىغان بىلىملەر بالىلىق قەلبىمدە پەن- تېخنىكىنىڭ كۈچ- قۇدرىتىنى نامايەن قىلىپ، مىنى ئۈزلۈكسىز تىرىشىشقا ئۈندەپ كەلدى، شۇ سەۋەبلىك مەن ئەشۇ بالىلىق ۋاقىتلىرىمدىن تارتىپلا دۆۋە- دۆۋە كىتابلار ئارىسىغا چۆكىدىغان، قانداقتۇر ئېلېكتر ئەسۋابلىرى، تۆمۈر- تەسەكلەر بىلەن ھەپىلىشىدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈردۈم. ھالا بۈگۈنكى كۈندە مەن جەمئىيەتتە بىر ئالاھىدە ئادەم سانالمىساممۇ، زامانىۋى پەن- تېخنىكا سارايلىرىدا ئىشلىمىسەممۇ، ئاق ياقىلىق ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى بولۇپ «ئالىم» بولالمىغان بولساممۇ بىراق بىرقىسىم زامانداش- تەڭتۈشلىرىمدىن ھەر نېمە بولسا بىر ئاز بولسىمۇ پەرقلىق ھالدا ياشاپ كەلمەكتىمەن. بىرقانچە ئاينىڭ ئالدىدا مەن تور دۇنياسىدىن بالىلىق ۋاقىتلىرىمدا ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر بەرگەن ئەشۇ «مىم» نى چۈشۈرۈپ، پەرزەنتلىرىمگە قويۇپ بەرگەندىن كېيىن ئۇلاردا ئايروپىلان، پويىز، لامپۇچكا، تېلېۋىزور قاتارلىق پەن- تېخنىكا كەشپىياتلىرىغا باشقىچە قارايدىغان بولدى. مەن ھەر قېتىم بالىلىق ۋاقىتلىرىمدا ئەشۇ «مىم» سۆزلەپ بەرگەن كەلگۈسىدىكى بىرقىسىم ئىلىم- پەن ھاسىلاتلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە تۇرمۇشىمىزدا قوللىنىلىۋاتقانلىقىدىن ھاياجانغا چۆكىمەن.
كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ، بىر پاتمان ھاياجان بىلەن بۇنداق تەسىراتلىرىمنى سۆزلەپ، ئاخىرلاشتۇرىدىغان پەيتمۇ كەلگەندەك. مەنمۇ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇناسىۋەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىنىڭ بالىلىرىمىزنى ساغلام بولغان ئىلىم- پەن روھى، مىللىي كىملىك روھىغا ئۈندەيدىغان، تۇرمۇشقا يېقىن نادىر پروگراممىلارنى ۋۇجۇتقا چىقرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە كۆپچىلىكنىڭمۇ بۇ ھەقتە بىرلىكتە ئىمكانىيەتلىرىمزىنىڭ بارىچە كۈچەپ بېقىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن. بۈگۈنكى بالىلارمۇ ئەشۇ بىزنىڭ بالىلىق چاغلىرىمىزدىكىدەك ساغلام ھاياجان كۈلكىلىرى ئىلكىدە چوڭ بولسۇن! |
|