- تىزىملاتقان
- 2014-2-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2122
- نادىر
- 0
- يازما
- 161
ئۆسۈش
4.07%
|
بەزىلەر تۇنجى خىزمەت تۇنجى مۇھەببەتكە ئوخشايدۇ، ياكى جاپالىق بولىدۇ ياكى بەخىتلىك دىيىشىدۇ. كارخانىچىلارنىڭ تۇنجى خىزمىتىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇلارنىڭ باشقىچە بىرخىل ھېكايىسى بولغان بولىدۇ.سىز ئۇلارنىڭ ھازىرىنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا، ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشىنى قىياس قىلالمايسىز. ياپونىيەلىك ماگىنات تاداشى ياناينىڭ تۇنجى خىزمىتى بولسا دادىسى بىر ئامال قىلىپ ئۇنىڭغا تېپىپ بەرگەن خىزمەت. شىياڭگاڭلىق ماگىنات لى جىياچېڭ ئىلگىرى مەكتەپتىن توختاپ قېلىپ جەمىيەتتىكى ناتونۇش كىشلەر توپىغا سىڭىپ كەتكەن...ئەمىلىيەتتە كىشلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى مۇھىم بولغىنى باشلىنىش بولماستىن بەلكى بۇرۇلۇش. كەلگۈسى ئىستىقبالىنى ئۆز قولىدا تۇتقۇچى باشقىلار ئەمەس، بەلكى ئۆزى.
تۆۋەندە بىز بىرلىكتە « مۇتھەم درېكتور» لارنىڭ تۇنجى خىزمىتى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
تاداشى ياناي ياپونىيەلىك كارخانىچى، 2009-يىلىدىن باشلاپ ياپونىيەدىنى بىرىنچى بايغا ئايلانغان، زەنجىرسىمان كىيىم-كېچەك دۇكىنى UNIQLO غا تايىنىپ تىجارەت قىلىدۇ، ۋاسېدا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد فاكۇلىتىتىنى پۈتتۈرگەن. 2009-يىلى خۇسۇسىي بايلىقى 570 مىلىيارد ياپونىيە يىنىگە يەتكەن. 2013-يىلى فۇربېسنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى مىلىيارد ماگىناتلار رېتىدە 66-ئورۇنغا تىزىلغان.
تاداشى ياناينىڭ تۇنجى خىزمىتى بولسا دادىسى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ تېپىپ بەرگەن خىزمەت بولۇپ، ئىلگىرى ئۇ مىدىئالارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا، دادىسى ئۇنىڭ «تېخىچە نىمە ئىش قىلىشنى قارار قىلمىغانلىقى»نى ئاڭلاپ، دەرھاللا«Jusco غا بېرىپ ئىشلە» دىگەن. ئەسلىدە ئەينى ۋاقىتتا تاداشىنىڭ دادىسى دوستلىرى بىلەن بىرگە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، پارچە سېتىش كەسپىتىن Jusco دىكى مۇھىم ئەربابقا ئايلانغان، دوستلىرىنىڭ ئوغلىمۇ Jusco دا خىزمەت قىلىدىغان بولغانلىقتىن، تاداشىمۇ Jusco غا كىرىپ دادىسىغا ياردەملەشكەن.
تاداشى ئەينى ۋاقىتتىكى خىزمىتىنى ئەسلىگەندە، خىزمىتى باشلىنىپلا ئاشخانىنىڭ سېتىش بۆلىمىگە تەقسىملەنگەنلىكى، ئاساسلىق خىزمىتىنىڭ ئىسكىلات ۋە سېتىش ئورنى ئارىسىدا مال تولۇقلاشقا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. كېيىن ئەرلەرنىڭ كىيىمىنى سېتىش خىزمىتىگە يۆتكەلگەن، ئۇ تۇنجى قېتىم كىيىم ساتقاندا قارىسىغا سۆزلىگەن.
ئىنامورى كازو 27 يېشىدا فارفور شىركىتى قۇرغان، 52 يېشىدا ئېلىكتېر شىركىتى KDDI نى قۇرغان، بۇ ئىككى شىركەت دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا تىزىملىكىگە كىرگەن. ئىنامورى كازو « كارخانا تىجارىتى پىشىۋاسى» دەپ ھۆرمەتلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىنامورىچە مۇۋاپىقىيەت قازىنىش فورمۇلىسى: كىشلىك ھايات\\خىزمەت نەتىجىسى= تەپەككۇر شەكىلى × قىزغىنلىق × ئىقتىدار. ناۋادا سىز ئىنامورى كازونىڭ تۇنجى خىزمىتىنى چۈشەنسىڭىز، سىزدە ئازراق ھېسداشلىق بولىدۇ.
ئىنامورى كازو ياش ۋاقتىدا مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىدا مەغلۇپ بولغان، كۆڭلىدىكى مەكتەپكە ناھايىتى تەستە كىرگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان ۋاقىتتا دائىم شاللىنىپ كەتكەن. ئۇنىڭ تۇنجى خىزمىتى بولسا توكيودىكى بىر كىچىك شىركەت بولۇپ، ئۇ يەرنىڭ مۇھىتى ئادەمنى ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ، مائاشنى ھەمىشە كىچىكىپ تارقاتقان ھەم مۇكاپات يوق.
لى جىياچېڭ بولسا دۇنيادىكى ئەڭ باي جۇڭگولۇق مۇھاجىر، چاڭجىياڭ ئوقەتچىلىك گوروھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ لىدىرى. لى جىياچىڭ بۇرۇنلا مەكتەپتىپ توختاپ قېلىپ جەمىيەتكە سىڭىپ كەتكەن. لى جىياچېڭنىڭ تۇنجى خىزمىتى بولسا تاغىسى جۇاڭ جېڭيەننىڭ جۇڭنەن سائىتى شىركىتىدە چاي دەملەش، يەر سۈپۈرۈش قاتارلىق ئىش بولغان.
ساۋ دېۋاڭ فۇياۋ ئەينەك گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى، لىدىرى. ساۋ دېۋاڭ كىچىك ۋاقتىدا ئائىلىسى نامرات، پۇل بولمىغانلىقتىن، دائىم يەيدىغانغا بىر ۋاق تاپسا بىر ۋاق يوق دىگۈدەك چوڭ بولغان، توققۇز ياش ۋاقتىدا ئاندىن مەكتەپتە ئوقىغان، 14 ياش ۋاقتىدا مەكتەپتىن توختاپ قالغان، مەكتەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئانىسى ئىشلەپچىقىرىش ئەتىرىتىدىن بىر كالا بېقىشنى ئىلتىماس قىلغان، ساۋ دۋاڭ كالا بېقىش خىزمىتى قىلغان.
زوڭ چىڭخو خاڭجۇ ۋاخاخا گوروھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش لىدىرى. زوڭ چىڭخونىڭ جەمەتى نام چىقارغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ بوۋىسى جاڭ زولىنننىڭ قول ئاستىدا مالىيە مىنىستىرى بولغان، ئاتىسى گومىنداڭ ھۆكىمىتىدە ئەمەلدار بولغان. ئازادلىقتىن كېيىن، ئائىلىسى نامراتلىشىپ كەتكەن. تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئائىلە يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، زوڭ چىڭخو جۇشەندىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدا تۇز كولاش، تۇزنى ئاپتاپقا سېلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلغان.
مايۈن جۇڭگودىكى داڭلىق كارخانىچى، ئالى بابا گوروھى، تاۋباۋ تورى، پۇل تۆلەش گۆھىرىنىڭ قۇرغۇچىسى. 1988-يىلى مايۈن خاڭجۈ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىنڭ چەتئەل تىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خاڭجۇ ئېلىكتىر سانائىتى ئىنىستىتۇتىغا بېرىپ ئېنگىلىز تىلى ۋە خەلقئارا سودا ئوقۇتقۇچىسى بولغان.
مايۈن ناھايىتى تېزلا خاڭجۇدىكى مۇنەۋۋەر ياش ئوقۇتقۇچىغا ئايلانغان، شىخۇدىكى تۇنجى ئېنگىلىز تىلى كورنىرىنى باشلاپ، خاڭجۇدا تەرجىمانلىق ساھەسىدە نام چىقىرىشقا باشلىغان.
چېن تىيەنچىياۋ شېڭدا تور شىركىتىنىڭ لىدىرى ۋە ئىجرائىيە ئەمەلدارى. 1993-يىلى چېن تىيەنچىياۋ ئالاھىدە ئەلا نەتىجىسى بىلەن مۇدەتتىن بىر يىل بۇرۇن ئۇنۋېرسىتىتنى پۈتتۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئەمما ئۇ ئويلىمىغان يەردىن ئون ئايغا سوزۇلغان خىزمەت تاپالماسلىق «سۈكۈتى»نى كۈتىۋېلىپ، ئارقىدىن چېن جىيازۈي گوروھىغا تەقسىم قىلىنغان. ئۇنىڭ خىزمىتى بولسا ھەركۈنلىكى بىر كىچىك ئۆيدە گوروھنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ۋىدىئونى قويۇش بولغان، بىر قويۇشقا باشلاپ ئون ئاي قويغان.
ۋاڭشى ۋەنكې پايچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ھازىر گوروھ مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى. ۋاڭشى 1951-يىلى گۇاڭشى ياڭجۇدا تۇغۇلغان. شىنجاڭدا بەش يىل ماشىنا ئەسكەر بولغان، كەسىپ ئالماشتۇرغاندىن كېيىن لەنجۇدا بىر يىل ئىشلىگەن. ئاتىسى ياڭجۇ تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ رەھبىرى بولغانلىقتىن، ۋاڭشى لەنجۇ تۆمۈر يول ئىنىستىتۇتىغا كىرىپ دېھقان-ئىشچى ئوقۇغۇچى بولۇپ سۇنى چىىرۋېتىش كەسپىدە ئوقىغان.
رېن جىچىياڭ بېيجىڭ شەھەرلىك خۇايۈەن يەر مۈلۈك پايچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ لېدىرى. رېن جىچىياڭنىڭ تۇنجى خىزمىتى بولسا تۈرلۈك ماللار سېتىش بولۇپ، ئۇ بېيجىڭ تىيەنئەنمېننىڭ ئەتىراپىدىكى بىر پىيادىلەر يولى بويىدىن بىر ئېغىزلىق ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ توپ ۋە پارچە سېتىش بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن ئۆينىڭ ئىگىسى ئۆينى قايتۇرىۋالغان. 1982-يىلى رېن جىچىياڭ يىمەك-ئىچمەك كەسپىي بىلەن شۇغۇللىنىپ، پىلتە قۇيماق ساتقان.
لى شاۋخۇا شىياڭگاڭ خۇادا مەبلەغچىلىك گوروھىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى. 1975-يىلى لى شاۋخۇا بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىدىن بېيجىڭغا قوشقا بولغان خېبېي ئۆلكىسى جوشىيەن ناھيىسى يېزا ئەتىرىتىگە يۆتكىلىپ كەلگەن. 1978-يىلى ئاخىرى بېيجىڭغا قايتىپ، باشقىلارغا ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق، بىر پەن تېخنىكا تەتقىقات ئورنىدىن قازانغا ئوت قالايدىغان خىزمەت تاپقان، كېيىن سودا بۆلۈمى ئېكىسپورت بىناسىنىڭ ئاسپىزى بولغان، بۇ ۋاقىتتا لى شاۋخۇا 30 ياشتىن ئاشقان.
ۋاڭ جوڭجۈن خۇايى قېرىنداشلار پايچەك ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ لىدىرى. ۋاڭ جوڭجۈن تولۇقسىزنى پۈتتۈرمەيلا ھەربىي سەپكە قوشۇلغان، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ باقمىغان، 16 يېشىدا ھەربىيلىكتىن چېكىنگەندىن كېيىن، بىر چارلىغۇچى ئەسكەر بولغان. كېيىن دۆلەتلىك ماددىي ئەشيا باش ئىدارىسىدا قوغدىغۇچى بولغان.
شى يۈجۇ جۈرېن گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى. 1980-يىلى شى يۈجۇ پۈتۈن ناھيە بويىچە ئومۇمىي نومۇرى بىرىنچى بولۇپ، ماتىماتىكىدا 119 نومۇر( تولۇق نومۇر 120) نەتىجە بىلەن جېجىياڭ ئۇنۋېرسىتىتى ماتىماتىكا فاكۇلىتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەنخۈي ئۆلكىسى سىتاتىستىكا ئىدارىسىغا تەقسىم قىلىنغان.
|
|