- تىزىملاتقان
- 2011-6-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8126
- نادىر
- 0
- يازما
- 349
ئۆسۈش
  62.52%
|
ھەرقانداق بايرام،كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە تەشكىل ئارلاشتىمۇ ،بولدى ئىشنىڭ تۈگىگىنى شۇ . رەڭۋازلىق ،شەكىلۋازلىققا لىققىدە تويۇنۇپ ئاخىرى بېرىپ يا پارتىيە بايرىمىغا ئايلىنىدۇ ،ياكى بولمىسا تەشۋىقات فىلىمى ئىشلەشنىڭ ياخشى ماتىريالىغا ئايلىنىدۇ .
ئىشەنمىسەڭلار قاراپ بېقىڭلا بۇ يىللىق ‹‹ روزى ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكى ›› گە . ئاشۇمۇ بىر كېچىلىك بولدىما ؟ مىڭەم سەل چىڭقىلىپ قېلىۋاتىدۇ ، مەن دەم ئالاي
ھە راس موشۇ قوغۇننىڭ بايرىمى توغۇرلۇقمۇ كىچىككىنە سۆز قىستۇراي . پەقەت پۇلنىلا مەخسەت قىلغان ، پۇلنىڭ كۈچى بىلەنلا ئۆتكۈزىلىۋاتقان مەيلى ئۆتكۈزىلىش شەكلى جەھەتتىن بولسۇن ياكى مەھەلە مۇھىتى جەھەتتىن بولسۇن بىر قارىماققىلا ساختىلىق چېنىپلا تۇرىدىغان بۇنداق غەيرى ‹‹ بايرام ›› لارنىڭ كىشىگە نىسبەتەن بېرىدىغان خوشاللىق تۇيغۇسىدىن بەكرەك ھارغىنلىق ،ئېچىنىش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولىدىكەن . ئاڭلىسام شەھەر تەۋەسىدىكى قىسمەن سودىسى ئىتتىك ئاشخانا ، پۇشرۇق دۇكانلىرى قانداقتۇ نەچچە كۈنلۈك ‹‹ ئىتىك ›› سودا ئۈچۈن ئەمەس ، ئاشۇ نەچچە كۈن ئۈچۈن بېرىلىدىغان تولۇقلىما پۇل ئۈچۈن شۇ بازاردا تۇرۇپ بېرىدىكەن . بازار قىزىپ كەتكەندەك تۇيغۇغا مەجبورەن سۆرەيدىكەن .
ئەمىليەتتە توپىسى ئۆرلەپ تۇرىدىغان ‹‹ مال بازىرى ›› ، ‹‹ پىت بازار ›› لىرنىڭ ئالدىدا يىلدا بىر يوسون ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ، نەچچە مىليون پۇل سەرپ قىلىنىۋاتقان ‹‹ قوغۇن بايرىمى ›› نىڭ ئاۋام ئۈچۈن موچەنلىك قىممىتى يوق . ئاۋام پەقەت سەھنىدىكى ئارتىس خالاس .
‹‹ دېھقانغا بازار يوقمۇ ؟ ›› تېمىسىدا يازمام پات ئارىدا تورداشلارنىڭ ھوزورىغا سۇنۇلماقچى . كۆپچىلىك بىرلىكتە قىسمەن مەسىللەر ئۈستىدە ئورتاقلاشقايمىز . |
|