- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11408
- نادىر
- 23
- يازما
- 365
ئۆسۈش
  100%
|
ئەسسالام ئەلەيكۇم باغداش تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ۋە باغداش تورىنىڭ بارلىق ئەزالىرى، روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! مەن 7-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە ئامېرىكىغا ساق-سالامەت يېتىپ كەلدىم. سىلەر ۋەتەندىكى ھەرقايسى يەرلەردە مېنى قىزغىن قارشى ئالدىڭلار سىلەرگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت! بۇ قېتىمقى ۋەتەن سەپىرىمدە باغداش باشقۇرغۇچىلىرى ۋە ئەزالار بىلەن سۆھبەتلىشىشى ھەم بىرگە تاماق يېيىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىمدىن كۆپ خوشالبولدۇم. ئۈرۈمچىدىكى ۋاقتىمنىڭ بەكمۇ قىس بۆلىشى ۋە ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشىمنىڭ بەكمۇ زىچ بولغانلىق سەۋەبىدىن يەنە كۆپلىگەن قېرىنداشلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولمىدى. مەن بۇنۇڭ ئۈچۈن سىلەردىن ئەپۇ سورايمەن! بۇ قېتىم خەلقىم ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلۇقىنى ھېس قىلدىم. مەن بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ خەلقىمنىڭ مېنىڭدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن. سىلەر ئۈچۈن ئامېرىكادا بېجىرىشكە تېگىشلىك ئىشلار بولسا تارتىنماي خەت يېزىڭلار كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە سىلەرگە ياردەم قىلىمەن.
ئاخىرىدا بارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ تېنىڭلارنىڭ سالامەت بۆلىشىنى، خىزمەت ۋە تەتقىقاتلاردا ئۇتتۇق قازىنىشىڭلارنى، سىلەرگە بەخت مەڭگۈ يار بۆلىشىنى چىڭ كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن!
ھۆرمەت بىلەن تاشپولات روزى
تۆۋەندىكى رەسىملەر باغداش تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ۋە ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشقان ۋاقىتتا تارتىلغان.
|
|