- تىزىملاتقان
- 2013-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4908
- نادىر
- 0
- يازما
- 473
ئۆسۈش
  96.93%
|
Zapar916 يوللىغان ۋاقتى 2014-7-30 20:11 
ئاياللامۇ روزا ھىيىت نامىزى ئۆتەمدۇ ؟ بەزى دۆلەتلەرنى ...
ئىبادەت ھەر بىر ئەر ئايال ئۈچۈن پەرز .
بىزنىڭ دىيارىمىزنى، ئافغانىستاننى، ۋە بەزى مۇسۇلمانلار رايونىلىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا دۇنيادىكى ھەممە دۆلەتتىكى مەسچىتلەرنىڭ ئىچىدە ئايرىم ئاياللار بۆلىمى بار.ئاياللارمۇ كىلىپ ناماز ئۆتەيدۇ،جۇمە خۇتبىلىرنى ئاڭلايدۇ.
بىزدە نىمىشقا ئۇنداق ئەمەسلىكىگە كۆڭلىمىز ھەقىقەتەنمۇ يىرىم.شۇنداقلا بۇنىڭ سەۋەبىمۇ يوق ئەمەس. ئەسلى ئىسلام ئەخلاقىدا ئاياللارنىڭ مەرتىۋىسى ئۇستۇن ئورۇندا تۇرۇدۇ.ئەھلى سۈننەتتىن چەتنىگە شەكلى ئۆزگەرگەن تەرىقەت سۈلۈكى ئوتتۇرا ئاسيادىن بىزنىڭ دىيارىمىزغا ئېقىپ كىرگەندە ئەسلىدىكى ئىسلام ئەقىدىلىرىدە ئۆزگۈرۈش ھاسىل بولغان.كىشىلەر دىنى ئەقىدىلەرنى كىتابىي مەنبەدىن ئۈگەنمەي سوپى ئىشانلارنىڭ ۋەز تەبلىغلىرىگە تايىنىپ ئۈگۈنىشكە مەجبۇر بولغان.ھەرقانداق سوپىنىڭ ۋەزىگە قۇلاق سالسىڭىز ئەپسانە رىۋايەتلەرنى كۆپ سۆزلەيدۇ،ئەسلىدىكى ئىلمىي ئاساسى بولغان قۇرئان ئايەتلىرى قۇرئان تەپسىرلىرى،ۋە ھەدىسى شەرىپلەرنى شەرھىلىيەلمەيدۇ.دىنىي ئولىمالارنى ئۇلۇغلاپ ئىلاھلاشتۇرۋالىدۇ.مانا بۇ كىتاپتىن چەتنىگەن غەيرى تەبىئى ئىتقاد. بۇنداق ئىتقادتا ئاياللارنىڭ دەرجىسى ئىنتايىن تۆۋەن تۇرۇدۇ.ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە ئورنى بولمايدۇ،مەسچىتكە ئەمەس بەزىدە سىرتقا چىقىشنىمۇ چەكلەيدۇ.ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق خۇراپاتلىقنى 300 يىلدىن كۆپرەك باشتىن كەچۇردى.ھازىرغىچە شۇ كونا ئوتتۇرا ئەسىر ئىڭىدە ياشايدىغانلارمۇ خىلى سالماقنى ئىگەنلەيدۇ.باشقا دۆلەتلەردە مۇسۇلمانلار ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىپ ئەسلىدىكى ئىسلام ئەقىدىسگە قايتتى. بىزدە بولسا ئاستا ئاستا قايتىۋاتىدۇ. |
|