تاشبالىقتىكى سىرلىق ماكان-ئاقتاغ
-ئەركىم
قومۇل شەھىرىنىڭ 90 كىلومېتىر شەرقىگە جايلاشقا بىر گۈزەل مەنزىرىلىك خىلۋەت زىمىن بار، بۇ يەرنىڭ ئىسمى تاۋېلىق دەپ ئاتىلىدۇ. مەنىسى تاش شەھەر دېگەنلىكتۇر. تاشبالىقنىڭ كۈنچىقىش تەرپىدە بىر سىرلىق ماكان بولۇپ -يەرلىكلەر ئاقتاغ دەپ ئاتىشىدۇ. تاغنىڭ تۈزىلىشى ئەتىراپىدىكى پەلەكنى سۆيگەن تاغلاردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ. ئاسقىلىق تاشلار* (قەدىم ئۇيغۇر تىلىدا-پەلەمپەيسىمان، ئويمان-چۇقۇر تاشلىقنى كۆرسىتىدۇ، قومۇل شىۋىسىدە بۇ مەنىسى بىلەن ئۆز پېتى ساقلانغان)بىلەن قاپلىنىش نىسپى يۇقىرى. تاغ، قىيا تاشلاردا ئاجايىپ سىپتا سىزىلغان قىيا تاش سىزمىلىرى كۆزىڭىزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ، بۇ يەرگە كەلگەن كىشى ئۆزىنى خۇددى ئاجايى-غارايىپ چۆچەكلەر دۇنياسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك ھېسياتقا كېلىپ، چەكسىز ھاياجانلىنىدۇ. قېنى ئەمىسە بۇ گۈزەل كۆرۈنۈشلەردىن بىرلىكتە بەھىرلىنەيلى!...
بالىلىرىمىزغا ئۆز زىمىنلىرىمىزنى تونۇشتۇرايلى
ئۇلارغا بۇۋىسىنىڭ، بوۋىسىنىڭ بۇ يەرلەردە ياشىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەيلى...
بالىلىرىمىز بۇ تەبىئەت كارامەتلىرىنى كۆرسە ۋە يۇرتى ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى ئاڭلىسا تېخىمۇ ئەقىللىق چوڭ بولىدۇ...
تاشبالىقتىكى ئاقتاغقا كەلمىگەنلەر بۇ قەدىمىي يۇرتنىڭ نىمە ئۈچۈن تاشبالىق دەپ ئاتىلىپ قالغانلىقىنى چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن...
ئەنە ئاۋۇ ئاسقىنىڭ ئىچىدە نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇنقى ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان ئىزنالار بار...
ئاقتاغ بۇلاق
سۇدىكى تاغ شۆلىسى
بالىلارنى كۆپرەك ساياھەت قىلدۇرۇش كېرەك، بالىلىق، ياشلىق كۆزنى يۇمۇپ ئۆتكۈچە كېتىپ قالىدۇ، ئىزچىلىرىمىزنىڭ قەلىبىدە ئاتا-ئانىسى بىلەن باسقان كۆڭۈللۈك دەملەر ساقلىنىپ قالسۇن! كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا يۇرت،ۋەتەننى سۆيۈشنى ئەتىراپىمىزدىن باشلايلى، قۇربىمىز ئۇلارنى چەتئەللەرگە ئاپىرىشقا، چەتئەللەردە ئوقۇتۇشقا يەتمىسىمۇ ئۆز ئىشىك ئالدىمىزدا ئۆزگە ئەللەردىن مەڭگۈ تاپقىلى بولمايدىغان ئەڭگۈشتەرلىرىمىز كۈرمىڭلاپ يېتىپتۇ....
2014-يىلى7-ئاينىڭ25-كۈنى قومۇل
|