- تىزىملاتقان
- 2012-7-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14879
- نادىر
- 19
- يازما
- 608
ئۆسۈش
  12.2%
|
istikamat يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 16:29 
تەبىئىي پەندە ئاجىز بولۇشۇمغا قارىماي مۇشۇنداق ساھەل ...
بىر ئالمىدەك تۆمۈر شارەكنى بىر تال چىگە بىلەن باغلاپ، ئۇنى قولىڭىز بىلەن بېشىڭىزنىڭ ئەتىراپىدا چۆرۈپ بېقىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، شارەك سىزنىڭ قولىڭىزدىن چىقىپ، يىراقلاپ كېتىشكە ئۇرىنىدۇ. ئەمما قولىڭىزدىكى چىگە ئۇنى ئۆزىڭىزگە قارىتىپ تارتىپ تۇرىدۇ.
خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى يۇقىرىقىغا ئوخشايدۇ. يەنى، ئۇ پونكىت بىلەن يەر شارى ئوتتۇرىسىدىكى تارتىش كۈچى سىز بىلەن شارەك ئوتتۇرىسىدىكى چېگىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. خەلقئارا ئالەم پونكىتىنى ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدىكى توغرىلىق بىلەن ھېسابلاپ چىققان ئوربىتىدا بىر قېتىم قاتتىق ئىتتىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى بىلەن ئۆزلىگىدىن يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر يېقىلغۇ كەتمەيدۇ. بۇ يەردە پونكىتنىڭ ئېغىرلىقى، ئوربىتىنىڭ چوڭلىقى، پونكىتنىڭ ئايلىنىش تېزلىكى قاتارلىقلار ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە تەڭپۇڭلاشتۇرۇلغان بولىدۇ.
ئەمما، يەر يۈزىدىن 415 كىلومېتىر ئىگىزلىكتىمۇ ئىنتايىن ئاز مىقتاردا ھاۋا بار بولغاچقا، ئاشۇ ھاۋانىڭ توسقۇنلۇقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ ئوربىتىسىنى ئارىلاپ-ئارىلاپ تەڭشەپ قويۇشقا، يەنى كىچىكلەپ كەتكەن ئوربىتا دىيامېتىرىنى چوڭايتىپ ئەسلىگە ئەكىلىپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئاشۇنداق تەڭشەش ئۈچۈن ئىنگلىزچە «onboard thruster» دەپ ئاتىلىدىغان، ئوت ياكى گاز ئېتىلىپ چىقىدىغان ئۈسكۈنىلەر ئىشلىتىلىدۇ.
خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ تېزلىكىنىڭ يۆنىلىشى بىلەن ئۇ ئۇچرايدىغان يەر شارى تارتىش كۈچىنىڭ يۆنىلىشى ئۆز-ئارا تىك بۇلۇڭ ياسايدىغان بولۇپ، بىر قىسىم فىزىكىلىق قانۇنىيەتلەر بويىچە، پونكىتنىڭ ئىچىدىكى ئادەملەر ئۆز ئېغىرلىقىنى يوقاتقان بولىدۇ. ئەگەر سىز ئاشۇ پونكىتنىڭ ئىچىدە بولسىڭىز، بىر چوڭ ماشىنىنى بىر قولىڭىز بىلەن كۆتۈرەلەيسىز.
|
|