ئىلاۋە: بۈگۈن ئىدارىدە يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن باشقا بۆلۈمگە بارغان ئىدىم. سەل بۇرۇن بىرىپ قاپتىمەن. بۆلۈمنىڭ تېمىغا ئىسىلغان مۇنۇ سۆزلەر دىققىتىمنى تارتتى.
ئاپتورى نامەلۈم بۇ يازمىنى ئۇيغۇرچىغا ئاسسىمىلاتسىيە قىلىۋەتتىمغۇ!، بوپتۇمۇ، بولماپتىمۇ؟
ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن كۈتكەنلىرى...
***********************
ئۈگۈتۈڭلار ماڭا سۆيۈشنى،
ئاۋال مىنى ئۆزۈڭلار سۆيۈپ.
قەدىرلەيمەن ئۆزۈمنى قانداق،
تەربىيلەڭلار مىسال كۆرسۈتۈپ.
ئۆزۈڭلارنىڭ ھەركىتى كىرەك،
ئەمىليەت يوق سۆزلەركى ئۆلۈك.
ماڭا دائىم كۆڭۈل بۆلۈڭلار،
شاتلىنىڭلار مەۋجۈتلۇغۇمدىن.
مەن ھىس قىلاي قالتىسلىغىمنى،
مېھىر بىلەن سۆيۈلگۈنۈمدىن!
قۇلۇغۇڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا،
ساداسىنى مىنىڭ قەلبىمنىڭ.
كىچىك كۆرمەي ئوينا مەن بىلەن،
قىسلىغىدا تاتلىق پەيتىمنىڭ.
ماختاپ قويغىن توغرا ئىش قىلسام،
رىغبەت ئالاي كۈچەي تېخىمۇ.
دىمە ھەرگىز ئىرەڭسىز قاراپ،
مىنىڭ بالام كىچىك بالىغۇ.
ئىيتىپ بەرگىن ئۆزۈڭ ھەققىدە،
بىلىپ قالاي ئارزۇلىرىڭنى.
مىنى كۆرگىن دوستۇڭ ھەم بالاڭ،
تۆكۈۋەرگىن قايغۇلىرىڭنى!
|