- تىزىملاتقان
- 2013-5-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1700
- نادىر
- 0
- يازما
- 61
ئۆسۈش
  70%
|
سەبىر قىلىڭ ھەمشىرەم، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ،تۇرمۇش سىزگە كۈلۈپ باقىدىغان كۈنلەرمۇ كېلىدۇ، مۇھتاجنىڭ دەردىنى بېشىغا كەلمىگەن كىشى بىلمەيدۇ، مۇھتاجلىقتا قالمىغان بولسىڭىز، ئىچىڭىز دەرتكە توشمىغان بولسا بەلكىم بۇ گەپلەرنىڭ بۇ يەرگە يېزىپمۇ ئولتۇرماس بولغىيدىڭىز، ئاللاھ سىزگە ئاتا قىلغان ئوماق ئىككى پەرزەنتىڭىز باركەن، شۇلار ئۈچۈن بولسىمۇ ،ھەر قانچە جاپا چەكسىڭىزمۇ تۇرمۇشقا كۈلۈپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىڭ، ئۇرۇق-تۇققان، قېرىنداشلىرىڭىزمۇ ھامان بىر كۈنى سىزنى چۈشىنىدۇ، مەيلى باشقىلار سىشنى نېمە دېسۇن پەقەت كۈلۈپلا قويۇڭ، ئۇلارغا چۈشەندۈرىمەن دېگەنسىرى ئۆزىڭىزمۇ چېچىلىپ قالىسىز، كەيپىياتىڭىزغىمۇ تەسىر قىلىدۇ، مۇنداق بىر گەپ بار، سېنى چۈشەنگەن ئادەمگە ئۆزەڭنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ئورنى يوق، سېنى چۈشەنمىگەن ئادەمگە تېخىمۇ بىھاجەت دەپ، ئوماق بالىلىرىڭىز ئۈچۈن غەيرەتلىك بولۇڭ، كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، چوقۇم بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشىڭىز يا'خشى بولۇپ كېتىدۇ، بۇنىڭغا ئىشىنىڭ، ئاخىرىدا سىز ۋە بالىلىرىڭزغا سالامەتلىك، ھەم بەخىت سائادەت تىلەيمەن. |
|