- تىزىملاتقان
- 2012-8-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6372
- نادىر
- 0
- يازما
- 483
ئۆسۈش
  27.44%
|
arkali يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 14:50 
مۇستاپا كامال بەك ئەسكى نىمىكەن، قاراپ تۇرۇپ بىز ئۇيغۇ ...
تەنە گېپىڭىزنى چۈشەندىم ئەمما ئەردوغان بىلەن كامال ئاتا تۈرك رەھبەرلىك قىلغان دەۋىردىكى سىياسى شەرتلەر ئوخشىمايدۇ ، ئىككىسىنىڭ ئالى مەقسىتىمۇ ئوخشىمايدۇ . ئاتا تۈرك يېڭىدىن قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنىڭ ئورنىنى مۇقىملاش ۋە ئۇنى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ زەربىىسىدىن ساقلاش ئۈچۈن كۈچىدى ، ئۇ چاغدىكى دۇنيا ۋەزىيىتىدە ئامېرىكا سوۋىتلەر بىلەن سوغۇق ئۇرۇش قىلىۋاتقان بولغاچقا تۈركىيەمۇ ئامېرىكا سېپىدە يەر ئېلىپ سوۋىتنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئارلىق ساقلىدى . ئەردوغان بولسا سوغۇق ئۇرۇش دەۋرى ئاخىرلىشىپ دۇنيا كۆپ قۇتۇپلاشقان ۋەزىيەتتە تۈركىيەگە رەھبەرلىك قىلدى . ئۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ خەلقئارادا سۆز ساھىبى بولغىدەك چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى تىكلەش ۋە ئەتراپتىكى خوشنىلىرى بىلەن بىرلىق ھاسىل قىلىپ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ . ئەلۋەتتە سىياسىدا ھەقىقى دوستلۇق بولمايدۇ ، ئەردوغاننىڭ دوستلىقىمۇ خۇددى بەشىر ئەساد بىلەن قېرىنداش بولۇپ كېيىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىگەندەك ۋاقتى كەلسە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ . |
|