- تىزىملاتقان
- 2012-6-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12630
- نادىر
- 57
- يازما
- 150
ئۆسۈش
  6.58%
|
ئىلاۋە: ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تورلىرىنىڭ سەرخىلى بولغان باغداش تورىغا رەھمەت. چۈنكى، مەن باغداش ئارقىلىق سىلەر بىلەن تونۇشۇش، پىكىرلىشىش پۇرسىتىگە ئىرىشتىم. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە سىلەرنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرىڭلارنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. يازغانلىرىمنى ئۇقۇغانلار مىنىڭمۇ ئىچىمدىكى گۈرۈلدەپ كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ ھارارىتىنى ھىس قىلدىڭلار.، بەلكىم. بۈگۈن مەن سىلەرگە بىر نەچچىمىز قۇرغان شىركەت ھەققىدە تونۇشتۇرۇش ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق، باغداش ئوقۇرمەنلىرىگە كەڭ قۇچاق ئاچىدىغانلىغىمىزنى جاكالىماقچى.
سەمىمىلىك بار يەردە ئىشەنچ بولىدۇ، ئىشەنچ بار يەردە دوستلۇق.تىرىشچانلىق بار يەردە گۈللىنىش بولىدۇ.
************************************************
كۈندىن كۈنگە تىز ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ بىزگە ئىلىپ كىلىدىغىنى -خىرىس، خەتەر، بىسىم ۋە شۇ ۋەجىدىن پۇرسەت! سىز قولىڭىزدىكى پۇلنىڭ قىممىتىدىكى ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلدىڭىزمۇ؟ بولۇپمۇ بۇ كۈنلەردە ھەر بىر كۈنلۈك تۇرمۇشنى ئۆتكۈزۈش نەقەدەر تەس-ھە؟ "قارا ماۋۇ قوي گۆشىنىڭ قىممەتلىكىگە" دىسە ھاتەم، "تامباللىق رەختنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتتى" دەپ قاخشايدۇ پاتەم.
دىمەك پۇل پاخاللىغى يۈز بىرىۋاتىدۇ دىگەن گەپ. مۇشۇنداق شارائىتتا، ئاران تەستە بايلىق توپلىغان قادىر، نىمە قىلىشى كىرەك قىلماسلىغى ئۈچۈن خاتالىق سادىر؟
سىز پەرزەنتىڭىزنىڭ ئېسىل سۈپەتلىك مۇئارىپ بىلەن تەربىيىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان ۋە شۇ ۋەجىدىن ئۇنى چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىرىش ئارزۇيىڭىز بار مەسئۇلىيەتچان بىر ئاتا. بالىڭىزنى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ دەپ چەتئەلگە يولغا سىلىپ قويسىڭىزلا بولمايدۇ. "پارقىرىغاننىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئەمەس"!سىز بۇ ھەقتە سەمىمى سۆزلەرنى ئاڭلىشىڭىز ۋە مەسلىھەت بىلەن ئىش كۆرمىكىڭىز لازىمدۇر!
سىز تىجارىتىنى خەلقئاراغا كىڭەيتىشنى ئويلايدىغان كارخانىچىمۇ؟ سىز كارخانىسىنىڭ ئايلىق، پەسىللىك ۋە يىللىق كېرىم ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتا ئۈزلۈكسىز تۈردە نىشانغا يىتەلمەي كىلىۋاتقان شىركەت ئىگىسىمۇ؟ سىز شىركىتىڭىزنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىغا ئۇچىنچى بىر تەرەپنىڭ ئوبىكتىپ يوسۇندا دىئاگنوز قويۇپ بىقىشىنى ۋە مۇناسىپ مەسلىھەتلەرنى بېرىشىنى ئارزۇ قىلامىسز؟
ۋە ياكى ھەممە تۇخۇمنى بىر سۆۋەتكە سالماسلىق نەسىھەتىنى توغرا تاپقان بىرسى بولسىڭىز، بايلىقىڭىزنىڭ بىر قىسمىنى چەتئەلدىن زىمىن سىتىۋىلىش ئارقىلىق خەتەرنى تۆۋەنلىتىشنى خالامىسز؟
سىزنىڭ ۋە سىزگە ئوخشاش مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان سەگەك، يىراقنى كۆرەر ئەدەملەرنىڭ مانا مۇشۇنداق يۇقۇرىدىكىدەك ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بىز ئامىرىكا، ياپونىيە، ئاۋستىرالىيە ۋە كانادادا مۇئارىپ تەربىيىسى ئالغان ۋە خىزمەت تەجىربىسىگە ئىگە بىر نەچچىمىز - باش ئورنى ئاۋستىرالىيەدە بولغان بايبول شىركىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق.پېقىر، قەيسەر مىجىت شىركەتنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرسى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن شىركەت مۇدىرىيەت يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، شىركىتىمىزنىڭ دۇنياغا كەلگىنىنى زور ئۈمىد ئىچىدە جامائەتكە رەسمى يوسۇندا جاكالەيمەن!
بىزنىڭ شىركىتىمىزنىڭ خاراكتىرى مانا مۇنۇ ئۈچ جۈملە سۆز بىلەن ئۆزىنىڭ ھازىردىكى ئەمىليەت ۋە كىلەچەككە بولغان ئارزۇلىرىنى ئىپادىلەيدۇ!
ئاۋسترالىيەدە كۆز ئاچتى، شىمالى ئامىرىكىدا يېتىلىدۇ، دۇنياغا قەدەم باسىدۇ.
بۇنىڭ ھەممىسى سەن ئۈچۈن، سىز ئۈچۈن ۋە شۇنداقلا سىلەر ئۈچۈن سەمىمىلىك بىلەن خىزمەت قىلىش ئۈچۈندۇر!
شىركىتىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېتى "baybol.net" بولۇپ بىزنىڭ سىز بىلەن بولغان تىجارەت مۇناسىۋىتىمىز مۇشۇ تور بېتىدىكى مۇنۇ ئادرىس بىلەن ئالاقە قىلىش ئارقىلىق بولىدۇ. شىركىتىمىزنىڭ ئېنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە مەخسۇس تور بەتلىرى پات يېقىندا جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. ھەر قانداق سۇئالىڭىزغا 24 سائەت ئىچىدە جاۋاپ قايتۇرىمىز!
ئېلخەت ئادرىسىمىز: :baybolboston@gmail.com
|
|