قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 18090|ئىنكاس: 83
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئالىم تاشپولات روزى بىلەن ئۆتكەن ئۇنتۇلماس بىر كۈن

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

17

دوست

3697

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   56.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1190
توردىكى ۋاقتى: 161
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 16:47:42 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر

(ماتېماتىكا ئالىمى، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى ئەنتولوپ ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى،
دوكتور تاشپولات روزىنىڭ خەلقىمىزگە يەتكۈزمەكچى بولغانلىرىدىن نادىر ئەستىلىكلەر)

دانىشمەننىڭ سۆزلىرىگە ئېرىشسەڭ، ئۇنى ئاش – تاماق دەپ بىل.
                      ـــ يۈسۈپ خاس ھاجىپ
ئالىم ـــ ئەلنىڭ چىرىغىدۇر، قاراڭغۇ كېچىنى يورۇتقۇچى ئايدۇر.
                       ـــ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللا خاراباتى

دانىشمەن، ئالىملارنىڭ ئىلمى خەلققە مەشئەل بولۇپ، يولىنى يورۇتىدۇ، كېچىدە مەشئەل يورۇسا، يولۇچى ئازمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ سۆزىنى قەدىرلەپ، بىلىمىنى ئۆگىنىپ، ئەمەلدە ئىشلىتىشىمىز لازىم. خوش، تاشپولات روزى دېگەن ئىسىمنى تۇنجى قېتىم مىرازات مۇسا يازغان «ئامېرىكىدىمۇ تاشپولات ئىسىملىك ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ مۇدىرى بار ـــ ئانا تىل كۆۋرۈكىدىن ئامېرىكا ئالىي مەكتەپ مۇدىرلىقىغىچە» ناملىق يازمىدىن بىلگەنىدىم، شۇنىڭدىن بۇيانقى بىر يىلغا يېقىن مەزگىلدە تاشپولات روزى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى تورلاردىكى تۈرلۈك يازمىلىرىدىن خەۋەر تېپىپ تۇردۇم، ئامېرىكىدىكى تاشپولات ئىسىملىك ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ مۇدىرى، دىيارىمىزدىكى كاتتا ئىلىم مەرىپەت ئوچىقى بولغان، ئانا مەكتپىم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھازىرقى مەكتەپ مۇدىرى تاشپولات تىيىپنىڭ ئىسمىگە تەڭداش ھالدا ئېسىمدە مەھكەم ساقلىنىپ كەلگەنىدى. قىزىق يېرى، ئامېرىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى تاشپولات روزىنىڭ خانىمىنىڭ ئىسمى «مۇنىرە» بولسا، دىيارىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ مۇدىرى تاشپولات تىيىپنىڭ خانىمىنىڭ ئىسمى «ۋىنىرە» ئىكەنلىكى، بۇ ئىككى تاشپولات ئائىلىسىنىڭ قۇيۇق بېرىش كېلىش قىلىدىغانلىقى بولدى. گەرچە تاشپولات تىيىپ مۇئەللىم بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشۈپ باققان بولساممۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە تاشپولات روزى ئاكا بىلەن دىدارلىشىپ قالارمەن دېگەننى ئويلاپ باقمىغانىكەنمەن.
ئىككى كۈن بۇرۇن باغداش تورىنىڭ قۇرغۇچىسى، بۇرادىرىم ئەكبەرجان ئەسەت باغداش ماڭا تېلېفون بېرىپ: «تاشپولات روزى ئاكا ۋەتەنگە كەلگەنىكەن، سىز ئىشخانامغا كەلسىڭىز، ئۇنى باغداش تورىدا زىيارەت قىلىۋالغان بولساق، زىيارەت سوئاللىرىنى سىز چىقىرىپ بەرگەن بولسىڭىز» دېدى. پەخىرلىك ئالىممىزنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئىلغار ئىدىيەسىنى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرىدىغان بۇ خەيرىلىك ئىشقا مەن خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدۇم. شۇنداق قىلىپ، مەن 18 – ئىيۇل ئەكبەرجان باغداشنىڭ ئىشخانىسىغا باردىم ھەمدە سوئال چىقىرىشقا تۇتۇش قىلدىم. بىر ئازدىن كېيىن، كۆزگە كۆرۈنگەن تور يازغۇچسى ئابدۇرېھىم ئابلەتخان يېنىمىزغا كىرىپ كەلدى، شۇنداق قىلىپ بىز ئۈچ – تۆتىمىز تاشپولات روزىنى زىيارەت قىلىدىغان سوئاللارنى بار مەسلىھەت بىلەن تەييارلاپ چىقتۇق.
19 – ئىيۇل سەھەر، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يەنئەن يولىغا جايلاشقان باغداش تورىنىڭ ئىشخانىسىدا، ئالىمىمىز تاشپولات روزىنىڭ كېلىشىنى زارىقىپ كۈتتۇق، ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 9 لاردا ئىشىكتىن چاقماق كۆڭلەك كىيگەن، كۆزئەينەك تاقىۋالغان، ئوتتۇرا بوي بىرەيلەن كىرىپ كەلدى، مەن بىر قاراپلا ئۇنىڭ بىز دىدارلىشىشقا تەشنا بولغان تاشپولات روزى ئاكا ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم. تاشپولات روزى ئاكا بىلەن ئىككىمىز ئىلگىرى بىرەر قېتىممۇ كۆرۈشۈپ باقمىغان بولساقمۇ، مەن بىلەن بىر كۆرۈشۈپلا مېنى تونۇپتۇ، ئۇ ماڭا:
ـــ سىز ھېلىقى ‹رەئىسلەر ھوزۇرىدىكى ئۇنتۇلماس دەملەر›قاتارلىق تېمىلارنى يازغان ئىنىمىز ئەلسۆيەرغۇ، مەن سىزنى بىر قاراپلا تونۇۋالدىم، يېقىندىن بۇيان تورغا ياخشى تېمىلارنى يوللاۋاتىسىز،ـــ دېدى.
ـــ ماڭا ئىلھام بەرگىنىڭىزگە رەھمەت، مەنمۇ سىز يازغان يازمىلارنى قالدۇرماي كۆرۈپ كەلدىم، سىز ھەقىقەتەن بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر، زىيالىلىرىمىزنىڭ ئۈلگىسى ئىكەنسىز، سىز بىلەن كۆرۈشكىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن،ـــ دېدىم مەن.
2.jpg

تاشپولات روزى ئاكا بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن تەييارلانغانلاردىن، باغداش تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەرجان ئەسەت باغداش، كۆزگە كۆرۈنگەن تور يازغۇچىسى ئابدۇرېھىم ئابلەتخان، شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ داڭلىق مۇخبىرى مۇھەممەت ئابلىمىت، شېۋىتسىيە ئاتلاس كوپكو سانائەت گۇرۇھى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مۇلازىمەت ئېنژىنېرى ئابدۇلئەزىز ئىسكەندەر ۋە باغداش تورىنىڭ خىزمەتچىلىرى  بار ئىدۇق. تاشپولات روزى ئاكىنىڭ بىزگە بەرگەن تۇنجى تەسىرى ئۇنىڭ تولىمۇ كەمتەر، چىقىشقاق، خۇشپىچىم خاراكتېرى بولدى. بىز تەبەسسۇم ئىلكىدە، باغداش تورىدا ئىشلىنىدىغان فىلىمىمىزنى سۈرەتكە ئېلىشقا باشلىدۇق، بۇ سۆھبەتكە مەن رىياسەتچىلىك قىلدىم. سۆھبىتىمىز ئالاھەزەل بىر نەچچە سائەت داۋاملاشتى، بۇ جەرياندا، ئۇنىڭ يېڭىلىققا تولغان تەپەككۇرى بىزنى چۇڭقۇر زەرەتلەندۈردى.
تاشپولات روزى ئاكىنىڭ ۋەتەنگە كەلمىگىنىگە 15 يىل بولغان بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىم تۇغقان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن دىيارىمىزغا كەلگەنىكەن، ئۇنىڭ يۇرتى توققۇزتارادا بولۇپ، ئاتىسى بۇ يىل 84 ياشقا كىرىپتۇ.
ـــ تاشپولات ئاكا، سىزنىڭ بۇ قېتىم ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئېرىشكەن تۇنجى تەسىرىڭىز نېمە بولدى؟،ـــ دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن پاراڭ ئارىلىقىدا.
ـــ ئۈرۈمچىنىڭ 15 يىل ئىلگىرىكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى ھېس قىلدىم، مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا يېڭى كەلگەندە بىر يىل تەييارلىق ئوقۇغانىدىم، شۇ چاغلاردا دائىم ئۈرۈمچىدىكى «ھايۋانلار باغچىسى» غا كىرىپ خەنزۇ تىلى ئۆگىنەتتىم، ھازىر بۇ ئەتراپقا ھەيۋەت بىنالار قاتۇرۇلۇپتۇ، دىيارىمىزنىڭ بۇ دەرىجىدىكى تېز تەرەققىياتىنى كۆرۈپ دىلىم سۆيۈندى، ئىشەنچىم ئاشتى،ـــ دېدى ئۇ.
6.jpg


تاشپولات روزى ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، يەنى 16 – ئىيۇل ئۈرۈمچىدىكى زىيالىلار ئۇنىڭغا جەنۇبىي تاغدا داستىخان ھازىرلاپتۇ، بۇ داستىخانغا تاشپولات روزىنىڭ يېقىن دوستى ھازىرقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، جۇغراپىيە ئالىمى تاشپولات تىيىپ بارغاندىن باشقا، بېيجىڭدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن دورىگەرلىك ئالىمىمىز زەپەر ئابلېز تاشپولات روزى بىلەن كۆرۈشۈشكە 5000 كىلومېتىر يولنى بېسىپ، ئاتايىتەن بېيجىڭدىن كېلىپتۇ. تاشپولات روزىنىڭ 16 – ئىيۇلدىكى جەنۇبىي تاغ پائالىيىتى ۋەتەندىكى دوست – بۇرادەر، قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتۈپتۇ.
مەن زەپەر ئابلېز ئاكىنىڭ 5000 كىلومېتىر يول بېسىپ، شۇنچىلىك ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن بىر كۈن ئاجىرىتىپ تاشپولات روزى بىلەن كۆرۈشكىلى بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە كەلگىنىدىن ئۇنىڭ قېرىنداشلىق ساداقىتى ۋە ئادىمىي پەزىلىتىگە ئاپىرېن ئېيتسام، يەنە بىر تەرەپتىن تاشپولات روزى ئاكىنىڭ دوست – بۇرادەرلىرى ئالدىدىكى يۈز – ئابرويىنىڭ نەقەدەر چوڭلىقىنى ھېس قىلدىم.
1.jpg


تاشپولات روزى ئاكا بىلەن بولغان پارىڭىمىز بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقىۋاتاتتى، پاراڭ ئارىلىقىدا تاشپولات روزى ئاكىدىن ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئالىملىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىماي سوئال سورىۋىدۇق، ئۇمۇ ئېرىنمەي جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى:
ـــ ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان تۇرسۇنجان يېنىمغا كېلىپ ئۇيغۇر ئالىمەسى مايسەم مۇتەللىپ (ئۇيغۇرلاردىنمۇ كىيۇرى خانىم چىقىدۇ ناملىق يازمىغا قاراڭ) نىڭ دۇنياۋىي نەتىجىلەرنى قازىنىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۇنى بىر زىيارەت قىلىپ خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇپ قويىشىمىزنىڭ لازىملىقىنى ئېيتقانىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن مايسەم مۇتەللىپنى ئىزدەپ، مۇشۇ ھەقتە پاراڭلاشتىم. مايسەم ماڭا «مېنىڭ نەتىجىلىرىمگە قارىغاندا ئاكام شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ قازانغان نەتىجىلىرى مول، شۇڭا ئاۋۋال ئاكامنى تونۇشتۇرغان بولساق» دېگەن پىكىرنى بەردى. مەن مايسەمنىڭ پىكىرى بويىچە شۆھرەت مۇتەللىپكە مەقسىتىمنى ئېيتىۋېدىم ئۇ خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى، شۇنداق قىلىپ، دۇنياۋى ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنى ئۇيغۇر خەلقىگە تۇنجى قېتىم تونۇشتۇرۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇم.

QQ图片20140723131913.jpg

مەن تاشپولات روزى ئاكىنىڭ خۇددى «تۇلپارنى بايقىغۇچى» غا ئوخشاش، پەخىرلىك ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنى خەلقىمىزگە تۇنجى بولۇپ تونۇشتۇرۇشقا زور تۆھپە قوشقانلىقىدىن خەۋەرلىنىپ، ئىنتايىن سۆيۈندۈم، مۇبادا تاشپولات روزى ئاكىنىڭ تىرىشچانلىقى بولمىغان بولسا، بەلكىم بۈگۈنكى كۈنگىچە شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئىش – ئىزلىرىدىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار خەۋەرسىز قالاركەن دەپ ئويلىدىم. دېمىسىمۇ، دۇمباق ھەرقانچە چوڭ بولغىنى بىلەن ئۇنى چالىدىغانغا چوكا بولمىسا، دۇمباق بىر مەخپىيەتلىك سۈپىتىدىلا تۇرۇپ قالاتتى خالاس.
ـــ مەن ئامېرىكىدىكى دوكتۇر قەيسەر مىجىت بىلەنمۇ يېقىن دوست، بىز دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرىمىز.،مەن يېقىندا ئامېرىكىدىكى بىر قانچە ئۇيغۇر دوستۇم بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىغا چىقىشىغا ياردەم قىلىدىغان بىر شىركەت قۇرماقچى بولۇۋاتىمىز. گەرچە جۇڭگودىن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىقىرىدىغان باشقا شىركەتلەر بولسىمۇ، ئەمما بۇ شىركەتلەر خېرىدارلاردىن 30 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگىچە ھەق ئېلىپ مۇلازىمەت قىلىدىكەن. ئەمما بىزنىڭ شىركىتىمىز قۇرۇلسا، دىيارىمىزدىن ئامېرىكىغا چىقماقچى بولغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئەمەلىىي ئەھۋالغا ئاساسەن پۈتۈنلەي ھەقسىز مۇلازىمەت قىلماقچى،ـــ دېدى ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىندا قۇرماقچى بولغان شىركىتى ئۈستىدە توختىلىپ.
ـــ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ پات – پات يىغىلىپ تۇرامسىلە،ـــ سورىدىم ئۇنىڭدىن.
ـــ بىزنىڭ 12 كىشلىك بىر چېيىمىز بار، مۇشۇ 12 ئۇيغۇر دوست ئېيىغا بىر قېىتىم يىغىلىپ چاي ئۆتكۈزىمىز،ـــ دېدى ئۇ.
ـــ سىلەرنىڭ چېيىڭلارنىڭ شەكلى بەلكىم بىزنىڭ «ئىلىم چېيى» مىزغا ئوخشاپ كەتسە كېرەك،ـــ دېدىم ئۇنىڭغا چاق – چاق تەرىقىسدە.
ـــ ئىشقىلىپ، ئۇ چېيىمىزدا تۈرلۈك يېڭىلىقلار، كىتابلار، يېڭى مۇنازىرىلىك تېمىلار ئۈستىدە پاراڭلىشىمىز، سورۇنىمىز تولىمۇ كۆڭۈللۈك داۋاملىشىدۇ،ـــ دېدى ئۇ.
تاشپولات روزى ئاكا قىزى ۋە ئوغلى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
ـــ قىزىم بىر كۈنى ماڭا «ئاتا، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىم – مۇتەخەسسىلىرىمۇ بار ئىكەن، ئەمما دۇنياغا تونۇلغان بايلىرى يوق ئىكەن، بېل گايتىس ‹نامرات بولۇپ تۇغۇلۇشۇڭ سېنىڭ خاتالىقىڭ ئەمەس، بىراق نامرات پېتى ئۆلۈپ كېتىش سېنىڭ خاتالىقىڭ› دېگەنىكەن،  شۇڭا مەن كەلگۈسىدە دۇنياغا تونۇلغان باي بولۇپ، خەلقىمىزدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرىمەن» دېدى،  مەن قىزىمنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلدىم. ئوغلۇمنىڭ مەكتەپتىكى ھەرقايسى پەنلەردىكى نەتىجىسى ئۇدا بىرىنچى چىقىۋاتىدۇ، ئۇ يەنە ئامېرىكا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېزىقچىلىق مۇسابىقىسىدە ئامېرىكا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى % 10 ئوقۇغۇچىنىڭ قاتارىغا كىردى، ئايالىم ئىككەيلەن بالىلىرىمىزدىن پەخىرلىنىمىز ھەم ئۇلاردىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىمىز.
تاشپولات روزى ئاكىنىڭ ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىشنى 38 يېشىدىن باشلاپ ئۆگەنگەن تۇرۇقلۇمۇ، ھازىرقىدەك ئامېرىكىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بولغىدەك سەۋىيەگە يېتەلىشى نۇرغۇن كىشىلەرنى چۇڭقۇر ئويلاندۇرۇشى مۇمكىن. ئۇ ياش بىلەن بىلىم ئېلىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
ـــ ئەمەلىيەتتە، ياش بىلەن بىلىم ئېلىش ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق زىتلىق يوق، ئادەمنىڭ يېشى چوڭايغاندا بىلىم ۋە تەجرىبىسى موللىشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئادەمدە لوگىكىلىق تەپەككۇر چۇڭقۇرلىشىدۇ، بۇ چاغدا ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى توغرا ئىگىلەپ، بەلنى چىڭ باغلىغاندىلا ياش چېغىدىكىگە ئوخشاشلا تۈرلۈك بىلىملەرنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ، شۇڭا مەن ئۇيغۇر دىياردىكى قېرىنداشلىرىمنىڭ 30 ياشتىن ئېشىپلا قېرىۋالماي، ئۆگەنگىدەك بىلىملەرنى ۋاقىت چىقىرىپ ئۆگىنىشىنى، بولۇپمۇ ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى مائارىپ ئادەمنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ،ـــ دېدى.
108.jpg


ـــ تاشپولات ئاكا، بىز ئۇيغۇرلاردا ئۆزىنى ئىپادىلەشنى بىر خىل مەمەدانلىق قاتارىدا كۆرۈپ ياقتۇرمايدىغان، خۇددى  «كۆتۈرلۈپ قالغان مىخ بولقا يەيدۇ» دېگەندەك، ئۆزىنى ئىپادىلىگەنلەرنى كۆرسە، ئۇلارغا ئۆزىچىلا ئۆچ بولۇپ قالىدىغان، ھەتتا كەينىدىن سۆز – چۆچەك تاپىدىغان بىر خىل ھالەت شەكىللەنگەن، ئۆزىنى ئىپادىلەشنى مەيلى جەمئىيەت ئەخلاقى بولسۇن ياكى ئائىلە تەربىيەسى بولسۇن ئىختىيارسىز چەكلەپ تۇرىدۇ، بۇ مەسلىگە قانداق قارايسىز،ـــ دەپ سورىغان سوئالىمغا ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:
ـــ ئەمەلىيەتتە، ئادەم مۇۋاپىق دەرىجىدە ئۆزىنى ئىپادىلەپ تۇرۇشى كېرەك، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ئىپادىلىمىسە، ئۆزىدە بار ئىقتىدار، تالانتلارنى باشقىلارغا ئۇقتۇرمىسا، قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن ئاۋامنى خەۋەرلەندۈرمىسە، ئۇ مەڭگۈ بىر مەخپىيەتلىك بولۇپ قالىدۇ – دە، ئۇنىڭدىن ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم پايدىلىنالمايدۇ. مەن نەچچە ئون يىللىق چەتئەل ھاياتىمدا شۇنى ھېس قىلدىمكى، چەتئەللىكلەر، بولۇپمۇ ئامېرىكىلىقلار ئۆزىنى ئىپادىلەشكە بەك ماھىر، ئۇلار پۇرسەت تاپسىلا ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ، نۇرغۇن ئىشلاردا «مەن قىلالايمەن» دەپ ئوتتۇرىغا سەكرەپ چىقىدۇ، ئۇلار تاتىنىپ، ياسالمىلىق قىلىپ ئولتۇرمايدۇ، بىلگىنىنى ئەلدىن ئايىمايدۇ، ئۇلار ھەر ۋاقىت ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، شۇڭا مەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭمۇ ئۆزىنى ئىپادىلەش مەسلىسنى دوگمىلىق بىلەن چۈشەنمەي، مۇۋاپىق پەيتتە دادىللىق بىلەن ئۆزىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
3.jpg

تاشپولات روزى ئاكا بىلەن يۇقىرىقىدەك نادىر تېمىلار ئۈستىدە پاراڭلىشىپ، بىر دەمدىلا كۈن كەچ بولاي دەپ قاپتۇ. باغداشتىكى سۆھبىتىمىز تۈگىگەندىن كېيىن تاشپولات روزى ئاكا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر كىتابخانىلىرىغا كىرگۈسى بارلىقىنى ئېيتتى، بىز ئۇنىڭ تەلىىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن «غالبىيەت» كىتابخانىسىغا قاراپ يول ئالدۇق. بىز كىتابخانىغا كىرگەندىن كېيىن، تاشپولات روزى ئۇيغۇرچە كىتابلارنى بىر باشتىن قولىغا ئېلىپ ۋاراقلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ماتېماتىكىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرچە كىتابلارنى سېتىۋېلىپ ئامېرىكىغا ئېلىپ كەتمەكچى ئىكەنلىكىنى، بۇ كىتابلارنى ئوقۇپ، تورغا ئۇيغۇرچە ئەسەر يازغاندا تەرجىمىدە پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ يەنە نەۋايىنىڭ يېڭىدىن نەشردىن چىققان بىر يۈرۈش كىتابلىرىنىمۇ سېتىۋېلىپ ئامېرىكىغا ئاچىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز كىتابخانىدىن چىققاندىن كېيىن تاشپولات ئاكا دۆڭكۆۋرۈكنى كۆرگۈسى بارىلىقىنى ئېيتتى، بىز ئۇنىڭ ئارزۇسى بويىچە خەلقئارا چور بازىرىغا قاراپ يول ئالدۇق. يولدا: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور مۇھەممەت ھوشۇر، فېللاندىيەدە تىلشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئىسمائىل ئابدۇرېھىم، شىنجاڭ پەن – تېخنىكا نەشرىياتىنىڭ مۇھەررى ئەمەتجان سەرقۇت قاتارلىقلار ئۇچراپ قالدى، ئۇلار تاشپولات روزى مۇئەللىمنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى ئېيتىشتى، بىز بىر دەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن، مەنزىلىمىزگە يېتىپ كەلدۇق. بىز دۆڭكۆۋرۈكتە تاشپولات روزى ئاكا بىلەن تاكى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 30 : 5 غىچە بىللە بولغاندىن كېيىن، بۇ پەخىرلىك ئالىمىمىزغا قىيالماسلىق نەزىرىدە ئۇنىڭ بىلەن خۇشلاشتۇق.
5.jpg


شۇنداق، ئالىملار گوياكى بىر توپ قوي پادىسىنىڭ ئىچىدىكى سەركىلەردۇر، سەركە بولغاندىلا قوي پادىسى توغرا يول تاپالايدۇ. ماتېماتىكا ئالىمى، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى ئەنتولوپ ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، دوكتور تاشپولات روزى ئاكا ئەنە شۇنداق سەركىلەرنىڭ بىرىدۇر، بىزدە «تىرىشقاننىڭ تېغى ئالتۇن» دېگەن گەپ بار، دېمىسىمۇ، تىرىشقانلار داۋان ئېشىپ، مۇناسىپ شان – شەرەپلەرگە نائىل بولىدۇ. شان – شەرەپ ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ دۈمبىسىنى پەلەمپەي قىلىش ھېسابىغا كەلمەستىن، جاپالىق ئەجرىنىڭ بەدىلىگە كېلىدۇ، تاشپولات روزى ئاك ئىزچىل ئىزدىنىش ئارقىلىق غورىدىن ھالۋا پۈتكۈزۈپ، قان تەرلىرى بەدىلىگە ئۆزى ۋە خەلقىگە شان – شەرەپلەرنى قۇچىۋاتقان ئەزىزلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر، بىز ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇھاجىرەتتىكى ھاياتىنىڭ تېخىمۇ خۇش – پۇراقلىق گۈللەرگە پۈركىنىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.

باغداش تورى ئىشلىگەن سۈرەتلىك زىيارەت فىلىم پات ئارىدا تورداشلار بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ
( 2014– يىلى 7 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېزىلدى)
ئاپتور: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئىجتىمائىي تېمىلار مۇلاھىزىچىسى،
«ئىلىم چېيى» نىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى



4.jpg (74.86 KB, چۈشۈرۈش سانى: 133)

4.jpg

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

11

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   25.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1576
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4567
توردىكى ۋاقتى: 1337
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 17:01:35 |ئايرىم كۆرۈش
مانا مۇشۇنداق بۇلىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدىم.باغداش تورى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بۇ ئىشنى رۇياپقا چىقىرىپتۇ.ئەلسۆيەر قېرىندىشىم ۋە باغداش تورىدىكى جاپاكەشلەرگە تەشەككۈر.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

160

تېما

10

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   60.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1720
نادىر تېمىسى: 16
مۇنبەر پۇلى: 6556
تۆھپە : 6173
توردىكى ۋاقتى: 1512
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 17:11:14 |ئايرىم كۆرۈش
ئالىملار گوياكى بىر توپ قوي پادىسىنىڭ ئىچىدىكى سەركىلەردۇر، سەركە بولغاندىلا قوي پادىسى توغرا يول تاپالايدۇ. ماتېماتىكا ئالىمى، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى ئەنتولوپ ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، دوكتور تاشپولات روزى ئاكا ئەنە شۇنداق سەركىلەرنىڭ بىرىدۇر، بىزدە «تىرىشقاننىڭ تېغى ئالتۇن» دېگەن گەپ بار، دېمىسىمۇ، تىرىشقانلار داۋان ئېشىپ، مۇناسىپ شان – شەرەپلەرگە نائىل بولىدۇ. شان – شەرەپ ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ دۈمبىسىنى پەلەمپەي قىلىش ھېسابىغا كەلمەستىن، جاپالىق ئەجرىنىڭ بەدىلىگە كېلىدۇ، تاشپولات روزى ئاك ئىزچىل ئىزدىنىش ئارقىلىق غورىدىن ھالۋا پۈتكۈزۈپ، قان تەرلىرى بەدىلىگە ئۆزى ۋە خەلقىگە شان – شەرەپلەرنى قۇچىۋاتقان ئەزىزلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر، بىز ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇھاجىرەتتىكى ھاياتىنىڭ تېخىمۇ خۇش – پۇراقلىق گۈللەرگە پۈركىنىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.

15

تېما

1

دوست

3972

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   65.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1198
توردىكى ۋاقتى: 303
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 17:38:51 |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت ئەسقەرجان.
زىيارەت سىنى قاچانراق ئېلان قىلىنار؟بولسا باشقا يۇرتتىكى قېرىنداشلارمۇ تاشپۇلات روزى
ئاكىمىز يۇرتۇڭلارغا بېرىپ قالسا كۆرۈشۈپ كېلەرسىلەر.

0

تېما

9

دوست

2231

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23638
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 654
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-22
5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 17:57:12 |ئايرىم كۆرۈش
زىيارەت فىلىمىنى كۆرۇشكە تەقەززامىز..

0

تېما

0

دوست

19

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30341
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-21
6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 17:58:39 |ئايرىم كۆرۈش
تاشپولات مۇئەللىمنىڭ قىسقىچە تارىخىنى بىلدىغانلار قىستۇرۇپ قۇياڭلا.......'

1

تېما

0

دوست

4198

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11458
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 575
تۆھپە : 909
توردىكى ۋاقتى: 203
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-26
7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 18:03:18 |ئايرىم كۆرۈش
تاش پولات ئاكىنىڭ تىنىنىڭ سالامەت ، ئۆمرىنىڭ ئۈزۈن بۇلىشىغا تىلەكداشمەن ! ئۇ ئۇيغۇرلارنى، دۇنياغا تۇنۇتقان پەخىرلىك ئوغلانىمىزدۇر .

1

تېما

2

دوست

5033

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   0.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16107
يازما سانى: 508
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1488
توردىكى ۋاقتى: 298
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 18:04:22 |ئايرىم كۆرۈش
ئالىمىمىزنىڭ قەدىمىگە مەرھابا، ئۈرۈمچىدىكى باشقا زىيالىلىرىمىز كۆرۈنمەيدىغۇ؟ بىر ناخشىچىنى قارىشى ئالغانچىلىكمۇ ئناۋىتىنى قىلماپتۇقمۇ نىمە ؟ ئەگەر خەقنىڭ مۇشۇنداق بىر ئامېرىكىدەك يەردە مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئالىمى بولسا ھەممە مەتبۇئات قايناپ كېتەر بولغىدى... خەقتىن ئۈمىد كۈتمەيمىز ، بىراق ئۆزىمىزمۇ بولسا بېشىمىزدا كۆتىرىپ ئىناۋىتىنى قىلساق بولاتتى ،تاشپۇلاتكا قەشقەر تەرەپلەرگە كېلىپ قالسىڭىز خەۋەرسىز قالمايلى .
بۇنداق موھىم ئۇچۇر  بىلەن تەمىنلىگىنىڭزدىن سۆيىندىم ئۇكام ،بولسا داۋاملىق خەۋەر بېرىپ تۇرارسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )