قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: ahmatjantarimi

كىرورانلىقلار كىملەر؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

25

دوست

5102

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   2.04%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1516
توردىكى ۋاقتى: 350
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 01:44:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mustabit يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 20:26
(5). دېمەك، بۇنىڭدىن ئارىيان دەپ ئاتالغان بۇخەلقنىڭ كۆپ  ...

خاتا چۈشىنىپ قاپسىز. ئاپتۇر بۇ تېمىدا باشقا مىللەتلەردىكى تارىخشۇناسلارغا ئوخشاش ئۆزى تەتقىق قىلغان تارىخنى زورلاپ تاڭماپتۇ. مەسىلەن ئېرانلىقلارغا قويۇپ بەرسىڭىز ئۇلار ئاللىقانداقتۇر ئېران خانلىقى ۋاقتىدا پالانى قەشقەرنىڭ پۇستانى يىزىسى بىزنىڭ ئىدى، ئۇيەر ئىراننىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دىگەن سەپسەتىنى سىزگە يىگۈزۈشكە باشلايدۇ.تارىخىنى زورلاپ تىڭىش دىگەن شۇ.ئەلۋەتتە زورلاپ تاڭغانغا ھىچكىم قايىل بولمايدۇ.
ئەمما بۇ تېمىدا ئاپتۇر ‹كرورانلىقلار كىملەر؟› سۇئال قويۇپ كىشىلەرنىڭ بۇ توغرۇلۇق بىلىمىنى ۋە كۆز قاراشلىرنى دىمگۇراتىك ئۇسۇلدا ئوتتۇرغا چىقىرىپتۇ. بۇنداق تېمىلارغا يۈزەكى قارىمىغۇلۇق.

14

تېما

1

دوست

4389

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   79.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 58
تۆھپە : 1510
توردىكى ۋاقتى: 248
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 13:56:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   تەڭرىقۇت ئاتلىق قېرىندىشىمىزنىڭ ماقالىنى چۈشەنگىنى ۋە چۈشەنگىنى بۇيىچە ئىنكاس بىلدۈرگىنى مېنى سۆيۈندۈردى .ئەلۋەتتە ، مەنمۇ مۇستەبىت ئاتلىق قېرىندىشىمىزنىڭ (گەرچە ئۇنىڭ  مېنى تىللىغۇسى كەلگەن بولسىمۇ ، مەن يەنىلا قېرىندىشىم دەي، بەلكىم سىز  مەندىن كىچىكتۇرسىز  ياكى مەن  بىلەن  تەڭدۇرسىز ، مەنمۇ  سىزنى  دوراپ سىزدىن  ئاغرىنسام ، باشقا  خەلقلەر بىزگە ياخشى قېرىنداشلىقنى بەرمەيدۇ) ئىنكاسىنى كۆرگەندىن كېيىن كۆڭلۈم غەش بولغان ۋە بۇنىڭغا ئىنكاس يازاي دەپ ئويلىغانىدىم ، بىراق ئۇنىڭ ماقالىنى تولۇق ئوقۇپ چۈشىنىش ئىقتىدارى ۋە توردا مەدەنىي ھەم ئىلمىي ئىنكاس يېزىش ئەخلاقى گۇمانىمنى قوزغىغاچقا، ئاغزىمنى ئۇپراتماي دېدىم، شۇنداقلا شۇ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقاننى چۈشىنىدىغان بىرەيلەننىڭ ئىنكاس يېزىشىغا ئىشەنگەن ئىدىم. چۈنكى ، بۇ توردا ھېسىياتقا تايىنىپ يازما يازىدىغانلار بىلەن بىللە چۈشىنىپ تۇرۇپ مۇۋاپىق يازما يازىدىغانلارنىڭمۇ ھەم خېلى سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئۇزاقتىن بېرى ھېس قىلىپ كېلىۋاتىمەن. كۆز قاراشلار  ئەقىلگە مۇۋاپىق ھەم دەللىلىك بولسا ھامان بۇ توردىلا ئەمەس باشقا تورلاردىمۇ ھېسىياتنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ. ئىلىم ھېسىياتقا ئەمەس ، بەلكى قېدىرىشقا، دەلىللەشكە ، ھەر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاشقا تايىنىدۇ. بۇنى دېمىسەممۇ ھەر بىر ئەقىل ئېگىسى ئوبدان بىلىشى مۇمكىن . ئەمدى ، مۇستەبىت ئاتلىق قېرىندىشىم ، سىزگە شۇنى ئېيتاي:
   1. «ئەزەلدىن ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ياشاپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى ‹‹ بۇلار كىملەر›› ؟  دەپ ، تىرىپ - تۆشەپ پەلپەتىش بىرنىمە يازغان - يازىدىغان ئادەملەرنى   ئاغزىمنى بۇزۇپ ئەڭ سەت ئەپسانە گەپلەر بىلەن تىللغۇم كېلىۋاتىدۇ»دېگەن سۆزلىرىڭىز بىر ئىلمىي كىشىنىڭ ئاغزىدىن چىقىدىغان گەپ ئەمەس ، ئەگەر تىللىغۇڭىز كەلسە «تىللىغۇم كېلىۋاتىدۇ » دەپ ئولتۇرماي، ئارقىمدىن ئەمەس ،  يۈزتۇرانە تۇرۇپ ، نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭىزنىڭ  دەللىل - ئاساسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ تىللاڭ ، ئەگەر شۇنىڭغا  قايىل ھەم لايىق بولسام ، مەن بۇنىڭغا رەنجىمەيمەن.   بولمىسا،  تېخى تىللىمىغان بولسىڭىزمۇ ، مۇشۇنداق
ئويغا كەلگىنىڭىز ھەم بۇنى ئاشكارا ئىپادىلىگىنىڭىز ئۈچۈن جۈرئىتىڭىز بولسا ئاشكارا ئەپۇ سوراڭ.

2. «بولسا ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار كىملەر ؟ خوتەندىكى ؟ قەشقەردىكى ؟  ئاقسۇدىكى ئىلىدىكى؟ نەدىن كەلگەن ؟ مىللىتى نىمە؟  دەپ  ئۇلارنى مىللەتكە ئايرىپ ماقالا يازسا قارا قورسىقى بەكرەك تويىدۇ بەزەنلەرنىڭ».  قېرىندىشىم ، مەن ماقالىدە ھازىرقى بىرەر يۇرتنى ئەمەس بەلكى بۇنىڭدىن  نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى كروراندا ياشىغانلارنى كۆزدە تۇتتۇم ھەم ئوتتۇرىدىكى يىلتىزداشلىق مۇناسىۋەتنى يېڭى تېخنىكا ۋاسىتىسى بىلەن دەللىلەشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى كۆرسىتىپ ئۆتتۈم. بۇنىڭدىن ھېچ سىز دېگەندەك مەنا چىقمايدۇ.

3. ئالدىدىكى بىر ئىنكاستا ئوغۇزخان ئىسىملىك قېرىندىشىمىز گېن سىخېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، بۇ بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا چىققان، مەنمۇ بۇنى كۆرگەن. ماقالىدىكى مەسىلە، ئاشۇ كىروران گۆزىلى دەپ ئاتىلىۋاتقان، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن كېيىن تېپىلغان ھەم دەۋرى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن بولغان ، ياخشى ساقلانغان، تامامەن ئىنسانشۇناسلىق جەھەتتىن يېڭى  تېخنىكىلارنى  قوللىنىپ تەجرىبە قىلىغىلى بولىدىغان نۇرغۇن جەسەتلەرنىڭ د ن ئا سىنى تەكشۈرۈش ھەم بۇنى ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇش. مەسلىنىڭ مۇھىم تەرىپى مۇشۇ . مېنىڭچە بۇ خىزمەت ئىشلەنمىدى ياكى ئىشلەنگەن بولسىمۇ بىزگە مەلۇم بولمىدى ، ھېچ بولمىغاندا مۇشۇ ماقالەم مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغۇچە بولغان ئارىلىقتا شۇنداق.

4. مېنىڭ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويغىنىم، ئوتتۇرا ئاسىيا ، جۈملىدىن رايونىمىز ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن ياشىغان رايونلارنىڭ  بىرى  بولغانىكەن، يەنە كېلىپ بۇنىڭغا تېپىلىۋاتقان ئارخىئولوگىيەلىك تېپىلمىلار ، جۈملىدىن «ئاتۇش ئادىمى » نىڭ تاشقا ئايلانغان باش سۆڭىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاشقاتمىلار ۋە «كىروران گۆزىلى» دەك قۇرۇغان جەسەتلەر دەللىل بولۇۋاتقانىكەن، نېمە ئۈچۈن بۇ يەردىكى دەسلەپكى ئىنسانلار ياكى  غەربتىن كەلگەن، ھەتتا بەزىدە تېخى كۈلكىلىك ھالدا شەرقتىن كەلگەن دېيىلىدۇ؟ئۇلارنىڭ مۇشۇ زېمىندا پەيدا بولۇپ ياشاش ئېھتىمالى يوقمۇ؟ئۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك  ئارخىئولوگىيەلىك تېپىلمىلار ئۈزلۈكسىز تېپىلىدۇ؟ ئۇلارنىڭ  مەنبەسىنى غەربكە ياكى  شەرىققە باغلاش  ئەمەلىيەتتە دۇنيا  ئىلىم  ساھەسىدە  ئۇزاقتىن  بۇيان مەۋجۇت بولغان «غەرب ئەلالىقى » ۋە «شەرق ئەلالىقى » نەزەرىيەسىنىڭ ، مۇنداقچە ئېيتقاندا «مەدەنىيەت غەربتىن  تارقالغان » ياكى «مەدەنىيەت شەرقتىن تارقالغان» دېگەن نەزەرىيەنىڭ سارقىندىسى. بۇنىڭغا ھۇشيار تۇرۇش زۆرۈر. ئەلۋەتتە ، مەن بۇ توغرۇلۇق  «شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى» نىڭ 2000-يىللىق 1-سانىدا «تارىم رايونىنىڭ ئەسلى ئاھالىسى توغرىسىدا » ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلغان ئىدىم، قېرىنداشلار كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.

ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، بىرىنچىدىن ، توردا ئىنكاس يېزىش ئەخلاقىغا ئەھمىيەت بېرەيلى؛ ئىككىنچىدىن ، يەنە كېلىپ داۋاملىق تەكىتلەيدىغىنم، مەيلى بۇرۇن بولسۇن، ھازىر بولسۇن ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن، بىز ئۈچۈن تۈرلۈك مەپكۇرىلەردىكى ھەرخىل رەسمىي ۋە بىرەسمىي ئۇچۇرلار سەۋەبىدىن ئۆزىمىزنى توغرا تۇنۇيالماسلىقىمىز قانچە  زىيانلىق بولسا، يەنە مۇشۇنداق ئۇچۇرلار سەۋەبىدىن ، زىيادە ھېسىياتقا بېرىلىپ كېتىپ ، ھەممىنى ئۆزىمىزگە تارتىدىغان ۋە ھەممىدە ئۆزىمىزنى «جاھاندا بىر » دەيدىغان ئا كيۇ لارچە روھىي  غالىبىيەتچىلىك ئىدىيىسى تېخىمۇ زىيانلىق. بۇ بىزنى ئاقىۋەتتە تۇيۇق يولغا باشلاپ قويىدۇ.شۇڭا، توغرا تەپەككۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە توختىماي ئىلىم ئۆگىنەيلى!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

3

تېما

0

دوست

4638

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6986
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 368
تۆھپە : 1139
توردىكى ۋاقتى: 222
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 16:09:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئشقىلىپ مېنىڭ نەزرىمى ئەڭ تارتقان ھازىرقى مەسىلە  كىرورانلىقلارنى  بۇرۇن ياۋرۇپالىق دىگەن بولسا ھازىر  ئاسىيا ياۋروپالىقلارنىڭ ئارلاشمىسى دەپتۇ ،

3

تېما

0

دوست

4638

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6986
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 368
تۆھپە : 1139
توردىكى ۋاقتى: 222
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 16:11:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   281151976 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-23 16:12  
oghuzkhan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 11:22
بۇ خىزمەت ئىشلەنگەن ،
نەتىجە: كروراندىكى مۇمىيالارنى ...


ئوغۇزخان ئەپەندى مۇشۇ قىتىمقى گىن تەتقىقاتنىڭ ئويغۇرچە تەپسىلى ماتىريالى بولسا كۆرۇپ باققان بولساق بەك ياخشى بولاتتىكەن.
50% دە 50% ەەپسىز پەقەت مۇشۇ ئككى گىندىنلا تەركىپ تاپقانمىدۇ، كىرورەن ، ياكى باشقا ئارلاش گىننمۇ بارمىدۇ؟ ھىلىقى قازاقئىستانلىق ئۇيغۇر ئادەمنىڭ گىنى 100% ئارىئان گىنمىدۇ ئەمسە. ئۇ ئادەمنى ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئاتىسى دەپتىغۇ ؟

0

تېما

4

دوست

2269

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21877
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 668
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 18:37:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
oghuzkhan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 11:22
بۇ خىزمەت ئىشلەنگەن ،
نەتىجە: كروراندىكى مۇمىيالارنى ...

مېنىڭچە بۇ چوقۇم بىزنىڭ جايلاشقان جۇغراپىيەلىك ئورۇننىڭ  ئىشىمىكىن  . ھەمدە شەرتىن غەرپكە قاراپ ماڭساق  كۆز دىكى ھەم بۇرۇت ساقالدا پەرق بار .بەدەننىڭ تەقى تۇرۇقمۇ  بولىشى مۇمكىن .بۇ پەقەت مېنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم توغرىمۇ خاتامۇ بىلەلمىدىم

نىجات

3

تېما

0

دوست

3158

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9247
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 136
تۆھپە : 876
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 19:23:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادا ساپ مىللەت ئاز ئۇچرايدۇ، نۇرغۇن مىللەتلەر تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا باشقا مىللەتلەر بىلەن قوشۇلۇپ كېتىدۇ، ياكى باشقا مىللەتلەرنى قوشۇۋېلىپ زورىيىدۇ. تۇغلۇق تۆمۈرخان زامانىسىدا 160 مىڭ موڭغۇل ئىسلامغا كىرىپ بارا بارا ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەنگە ئوخشاش. شۇڭا ھەر قايسى يۇرتلاردىكى كىشىلەرنىڭمۇ چىراي ئىپادىسى ئوخشاپ كەتمەيدۇ.

0

تېما

0

دوست

252

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28388
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 76
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 13:31:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىقىندا بىر بۇرادەر بىزنىڭ ئۇيغۇر ئاتالغىنىمىزغا 1000يىل بولمىدى دەيدۇ .قايسى كىتاپتا دىسەم  ئىدىيە ئەخلاقتا دەمدۇ ئىش قىلىپ بىر دەرسلىك كىتاپتىكەن. مانى كۇرۇڭ


0

تېما

0

دوست

33

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30570
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 10
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-3 03:25:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق تېمېمېلانې يوللېغېچەبېرېپ ئشېكېڭنې باقساڭچۇ ،ئنكاس لانڭ مازلېقې .كېرورانلېقلانې ساپ ئۇيغۇر دېمېسەڭ   مەيلې ، مانامەن 0903  دېن  بېلېپ قال  0903  لېكلە ئۇيغۇرلانېڭ ساپ پاكېز ئەۋلاتلېرې سەنلە ھازېرئەتېراپېڭ غا قاراپ باققېن   كېمنڭ ساپ ئۇيغۇرلېقېنې ئاندېن بېلپ قالسىەن  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )