- تىزىملاتقان
- 2013-4-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4007
- نادىر
- 1
- يازما
- 170
ئۆسۈش
  66.9%
|
ئاياللار—بالىلارنى ئالداپ ساتقان شۇنداقلا ئاياللارنى ئىپپەت نۇمۇسىنى سېتىشقا زورلىغانلارنى قانۇن بويىچە قانداق جازاغا تارتىش كىرەك؟
جاۋاپ:ئاياللار—بالىلارنى ئالداپ ساتقانلارغا بەش يىلدىن يۇقۇرى ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرىلىدۇ.قوشۇمچە ئون مىڭ يۇەن دىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئون يىلدىن يۇقۇرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بىرىلىدۇ،قوشۇمچە ئون مىڭ يۇەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىلىدۇ ياكى مال—مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛قىلمىشى پەۋقۇلاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بىرىلىدۇ ،قوشۇمچە مال مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.(1)ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ سېتىش گوروھىدىكى باش جىنايەتچىلەر؛ (2)ئۈچتىن ئارتۇق ئايال ۋە بالىنى ئالداپ ساتقانلار؛ (3)ئالداپ سېتىلغان ئاياللارنىڭ نۇمۇسىغا تەككەنلەر (4) ئالداپ سېتىلغان ئاياللارنى ئىپپەت نۇمۇسىنى سېتىشقا ئازدۇرغان،زورلىغانلار ياكى ئالداپ سېتىلغان ئاياللارنى باشقىلارغا سېتىپ بىرىپ ئۇلارنى ئىپپەت نۇمۇسىنى سېتىشقا زورلىغانلار؛ (5) ئالداپ سېتىلغان ئاياللار،بالىلار ياكى ئۇلارنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ئېغىر زەخمىلىنىشىگە ،ئۆلۈشىگە ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بولغانلار؛(6)ئاياللار ۋە بالىلارنى چىگرا سىرتىگە سېتىۋەتكەنلەر
ئاياللارنى ئىپپەت نۇمۇسىنى سېتىشقا زورلىغانلارغا بەش يىلدىن يۇقۇرى ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرىلىدۇ ،قوشۇمچە 10000يۇەن دىن تۆۋەن جەرىمانە قويىلىدۇ.تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئون يىلدىن يۇقۇرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بىرىلىدۇ .قوشۇمچە 10000يۇەن قەرىمانە قويىلىدۇ ياكى مال مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ قىلمىشى پەۋقۇلاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بىرىلىدۇ،قوشۇمچە مال–مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:
(1)14ياشقا توشمىغان نارەسىدە قىزلارنى ئىپپەت نۇمۇسىنى سېتىشقا زورلىغانلار؛(2)نۇرغۇن ئاممىنى ئىپپەت نۇمۇسىنى سېتىشقا زورلىغان ياكى باشقىلارنى ئىپپەت نۇمۇسىنى سېتىشقا نۇرغۇن قېتىم زورلىغانلار؛(3)باسقۇنچىلىق قىلغاندىن كىيىن ئىپپەت نۇمۇسىنى سېتىشقا زورلىغانلار؛(4)ئىپپەت نۇمۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلاپ جىسمانى جەھەتتە ئېغىر زەخمىلىنىش、ئۆلۈش ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلار.
|
|