- تىزىملاتقان
- 2011-1-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8209
- نادىر
- 0
- يازما
- 348
ئۆسۈش
  64.18%
|
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى yuzbexiدە2011-07-11 18:16يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئاپامنىڭ ئاغزىدىن ..
بۇرۇن بىر يالغۇز موماي ئۆتكەنىكەن ،ئۇنۇڭ ئىككى تال ئۆچكىسىدىن باشقا ھىچنىمىسى يوق ئىكەن . ئۇ موشۇ ئىككى ئۆچكىسىگە سۇتىگە تايىنىپلا ھايات كەچۇرىدىكەن . موماي موشۇ دۇنيالىقتا بىر ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدىكەن ،ئىشىنىدىكەنيۇ بىراق ياراتقۇچىغا قانداق شەكىلدە باش ئۇرۇش ،نىمىنى تەسبىھ قىلىپ ئوقۇشنى بىلمەيدىكەن .بىراق ئۇ بىلمەسلىك بىلەن توختاپ قالماي بىر ئۆمۇر ياراتقۇچىغا باش ئۇرۇپ << ئۆچكە مايىقى ،قوي مايىقى ،ئۆچكە مايىقى قوي مايىقى >> دەپ ئالەمدىن ئۆتۇپتۇ . كېيىن خۇدا بۇ ئىخلاسمەن بەندىسىنىڭ ئىبادىتىنى قوبۇل قىلىپ مومايغا جەننەت ئاتا قىلىپتۇ .
ئادەمدە قانداقلا بولمىسۇن ،مەيلى ئۇ توڭگۇزغا باش ئۇرىدىغان ئىش بولسىمۇ ئېيىقىدىغان ،غايىبانە قورقۇدىغان بىر مەۋھۇم كۈچ بولىشى كېرەك .
مەنمۇ ئاڭلىغان بۇرۇن چوڭلاردىن. مېنىڭ ئاڭلىغىنىم مۇنداق: بۇرۇن بىر جۈپ بوۋاي-موماي بار ئىكەن ئۇلار بىر ئۆمۈر مال بېقىپ ئۆتكەنىكەن، ئۇلارنىڭ بالىسىمۇ يوق ئىكەن. ئۆيى مەھەلىنىڭ سىرتىدىكى بىر جاڭگالدا ئىكەن، ئۇلار ئاللاھغا تائەت- ئىبادەت قىلىشنى ئويلىسىمۇ لېكىن ھېچنىمىنى بىلمەيدىكەن، لېكىن دىلىدا ئاللاھنى يات ئېتىدىكەن، شۇڭا دائىم ئۆچكە مايىقى ،قوي مايىقى دەپ تەسبىھ سېرىپ يۈرىيدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىر كۈنىدە مەھەلىنىڭ ئىمامى ئۇ يەرگە كىلىپتۇ ۋە بۇ ئىككى قېرىنىڭ ئۆچكە مايىقى، قوي مايىقى دەپ تەسبىھ سېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئڭلارغا سىلەر بۇنداق دىسەڭلار قانداق بولىدۇ، خۇداغا ئغزىمىزغا ئىمان كەلتۈرۈپ تائەت -ئىبادەت قىلىمىز، سىلەرنىڭ بۇ دىگىنىڭلار ئاللاھقا شەك كەلتۈرگەنلىك بولمامدۇ دەپ ئۇلارنى چەكلەپ قويۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ،تەسبىھ سېرىشتىن توختاپ قاپتۇ. بىر كۈنى ئىمان چۈش كۆرۈپتۇ ۋە چۈشىدە غايىپتىن بىر ئاۋاز كىلىپ، ئاللاغا چىن ئىخلاسى بىلەن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئىككى مۆمىن بەندىنى سەن توختۇتۇپ قويدۇڭ دەپلا يوقاپ كىتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىمام توۋبە ئىستىغپار ئوقۇپ دەرھال ھېلىقى بۇۋاي-موماينىڭ يېنىغا كىلىپ ئۇلارغا "لائىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇن رەسولۇللاھ" نى ئۆگىتىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ بىر جۇپ بوۋاي بىلەن موماي ئاغزىدىن ئىماننى چۈشۈرمەي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ ۋە بىيىشكە كىرىپتۇ. |
|