مەن بۇ ئەسىرىمنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن چىققان چەتئەلدىكى تۈنجى ئالىي مەكتەپ پەخرىي مۇدىرى ، ماتىماتىكا ئالىمى تاشپولات روزى ئەپەندىگە ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن .
شۇڭقار بولۇپ ئۇچتىڭىز يىراقلارغا ت.روزى ،
ئۈمۈدىڭىز شىۋىرلار قۇلاقلارغا ت.روزى ،
ئىلھام بېرەر نامىڭىز ئوماقلارغا ت.روزى ،
ھەسەل-شەربەت تۆكتىڭىز بۇلاقلارغا ت.روزى ،
جاۋاب بەردى ئەمەلىيەت سىناقلارغا ت.روزى ،
يەر شارىدا بەش قىتئە ھاياتىقنىڭ ماكانى ،
ئۇيغۇر ناملىق مىللەتنىڭ ئاسىيادا بار كانى ،
ياراتماقتا گۈللىنىش تەرەقىيات زامانى ،
خاسلىقىڭىز ياراتتى ئامىرىكىدائېرپاننى ،
چوغلىرىڭىز كۈچ بەردى چىراقلارغا ت. روزى.
روزى دېھقان ھاسىدا بىر ئەسىرنى ئۆرىدى ،
بالا ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھارماي تۈگمەن چۆرىدى ،
خەلقى ئۈچۈن سۈت بېرىپ ئەڭ مۇلايىم مۆرىدى ،
ئەۋلاد ئۈچۈن ئەر –ئايال نۇرغۇن بەدەل تۆلىدى ،
چىدىمايدۇ ئاتىلار پىراقلارغا ت.روزى ،
تاشپولات ۋە قۇرۋانجان ئۈمۈدلەرگە ياقتى شام ،
شەجەرىنىڭ تېمىغا ئويۇپ بېرىپ ياخشى نام ،
تۆھپەڭلەردىن ھەر قاچان پەخىرلەنسۇن دوست-ياران ،
ئىلى، تارىم، يۇرۇڭقاش ئۆركەشلىسۇن زەرەپشان ،
سۇ بەردىڭىز چاڭقىغان قىياقلارغا ت.روزى .
يەكلىدىمۇ بەزىدە ئۆزگە ئەلنىڭ سۇلىرى ،
سەپەرلەردە بەزىدە قىينىدىمۇ يۇللىرى ؟
نەتىجەڭلەر ھەققىدۇر چەت دۆلەتنىڭ دوللىرى ،
ياخشى نامغا ئېرىشەر بىلىم ھېكمەت موللىرى ،
ئۈلگە بولۇپ كەلدىڭىز سىياقلارغا ت.روزى .
نوتۇق سۆزلەش ئاسانمۇ ساپ ئىنگىلىز تىلىدا ،
باش كۆتىرىش مۇششەققەت يۈز ئالىملار خىلىدا ،
قوللىرىدىن تەتقىقات چىقىپ تۇرار يىلىدا ،
جاۋاب بەردى يۈز كېلىپ ئەجداتلىرى قېنىغا ،
قويۇپ بەردى يۈز نومور ساناقلارغا ت.روزى .
ئېيتىپ قويۇڭ ئاسىرسۇن ش. مۇتەللىپ تېنىنى ،
قەۋمى ئۈچۈن دۇنياغا ئاققۇزماقتا قېنىنى ،
كەشپىياتقا چىڭقالدى بۇ دەۋىرنىڭ يىلىنى ،
ئۇلۇغ خەلق كەڭ تۇتقاي كۆڭلى دەريا ئېنىنى ،
قېرىنداشلار چىدامدۇ پۇراقلارغا ت.روزى .
ئالى مەكتەپ مۇدىرى ئارزۇيىڭىز نىمىكىن ؟
ئىنسانىيەت ئۈمۈدى نوبىل ماڭغان يولمىكىن ؟
سىلەر تۇتقان مەشئەللەر قاراڭغۇدا نۇرمىكىن ؟
سىزگە ئاتاپ يازغىنىم پەقەت ئاددىي قۇرمىكىن ؟
سېغىنغاندا ياش كېلەر چاناقلارغا ت.روزى .
ھۆرمەت بىلەن قەلەم تەۋرەتكۈچى يۇرتدىشىڭىز،ئىنىڭىز : ئابلەت مۇھەممەت