- تىزىملاتقان
- 2014-6-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1131
- نادىر
- 0
- يازما
- 86
ئۆسۈش
13.1%
|
بۇ خەرىتىنىڭ ئاساسى بار.تۈركىيە جۇمھۇرىيتى ئىشلىگەن تۈرك تارىخى دىگەن فىلىمنى توردىن ئىزدەپ كۈرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.لىكىن بۇ رەسىمدىكى تاڭ سۇلالسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر خانلىقى ئەمەس بەلكى كۆك تۈرۈك خانلىقى دەپ ئاتىلىدۇ.ئۇيغۇر خانلىقى مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدەقۇرۇلغان بۈيۈك ئىمپىرىيە دۇر. كىيىن ئۇيغۇرلار مۇڭغۇل دالىسىدىن كۈچۈپ ھازىقى تەڭرىتاغ بويلىرىغا كەلگەندە ئاندىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى،كۆكتۈرۈك خانلىقى كىيىنچە بۈيۈك قارخانىيلار خانلىقىنى قۇرغان. قارقارخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە غەربتە قارخانىيلار،شەرقتە ئىدىقۇت خانلىقى،ئىدىقۇتنىڭ شەرقىدە گەنجۇ ئۇيغۇر خانلقى،ئۇنىڭ جەنۇبىدا سېرىق توپىلىق ئۇيغۇر خانلىقى بىرلىكتە مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.بۇ تۆت ئۇيغۇر خانلىقى ئىچىدە قارخانىيلار ۋە ئېدىقۇت بىرقەدەر كۈچلۈك ھېساپلىنىدۇ.بۇلۇپمۇ قارخانىيلار ئوتتۇر ئاسىيادىكى ئەڭ كۈچلۈك بولغان سامانىيلار خاندانلىقىنى ئاغدۇرغاندىن كىيىن بىراقلا كۈچۈيۈپ زىمىنى پايانسىز بۈيۈك ئېمپىرىيگە ئايلانغان.مۇڭغۇل ئىستىلاسىدىن كىيىن ئۇيغۇرلار دا نىسپى چىكىنىش بولسىمۇ لىكىن كىيىنكى سەئىدىيە خانلقى زامانىدا قايتىدىن گۈللىنىش بولغان.ئاپپاق خوجا زامانىدىن كىيىن مەزھەپچىلىك تەسىرىدىن نەچچە يۈز يىللىق قاراڭغۇلۇق دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ لىكىن بۇ دەۋرلەردە يەنىلا ئاز بولسىمۇ مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر بارلىققا كىلىپ تۇرغان. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەمەتئېلى ئەپەندى،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،لۇتپۇللا مۇتەللىپ،ئابدۇقادىر دامۇللام ۋەكىللىگىدىكى يېقىنقى زامان مائارىپچىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق ئۇقۇ ئۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار قىسقا لىكىن ئۇلۇغ بولغان ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان.مىنىڭچە ئۇيغۇر مىللىتىدىكى بۇنداق كىشىلەر تارىختىن بۇيان ئۈزۈلۈپ باقمىغان.شۇڭا دۇنيادا نۇرغۇن مىللەتلەر يوقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ (مەسىلەن بۈيۈك چىڭ سۇلالىسنى قۇرۇپ جۇڭگۇنى 300يىلغا يېقىن باشقۇرغان مانجۇلارنىڭ ھازىر تىلى يوق ) لىكىن بىز مۇشۇ ئالاھىدىلىكىمىز بىلەن تارىخ سەھنىسدىن چۈشۈپ قالمىدۇق.ئىشىنىمەن ھازىرقى تىنىچ ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ مائارىپقا ئۆزىمىزنى ئاتىساق گۈزەل كېلەچەك ھامىنى بىزگە قۇچاق ئاچىدۇ. |
|