يۇلتۇزلار،قۇياش ۋە ئاينىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىش ئاساسىدا ئىنسانىيەتنىڭ ۋاقىتنى ئېنىقلاشتىن ئىبارەت نەتىجىگە ئېرىشىشى ئىلمىي ئاسترونومىيىنىڭ باشلىنىشىدىن دېرەك بەردى.قەدىمكى شۇمېر، بابىلدا تېپىلغان تاش پۈتۈكلەردە يىلنامىگە ئائىت ئاسترونومىيىلىك مەلۇماتلار بار. ئەنە شۇ مەلۇماتلارنى قەدىمكى يۇنان ئالىملىرى توپلاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ ئالەم ھەققىدىكى ئىلمىي ئاسترونومىيىگە ئاساس سالغانىدى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردە رودوس ئارىلىدا ياشىغان يۇنان يۇلتۇزچىسى رودوس ئارىلىدا ئەڭ دەسلەپكى يۇلتۇزلار تىزىملىكىنى ئوتتۇرىغاقويغان. مىلادىيە Ⅱ ئەسىردەياشىغان ئىسكەندەرىيىلىك مۇتەپەككۇر كلاۋرىي پېتولېمېي ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ھۆكۈمالارنىڭ بارلىق ئاسترونومىيىلىك مەلۇماتلىرىنى يىغىنچاقلاپ «مېگالې سىنتاكسىس» (ئۇلۇغ قۇرۇلما) ناملىق 13توملۇق كىتاب يازغان. بۇ ئەسەر مىلادىيە Ⅸ - Ⅷئەسىرلەردە ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ «ئەلمەدجىستى» (ئىنتايىن ئۇلۇغ) دېگەن نام بىلەن پۈتكۈل شەرق ئەللىرىگە تونۇشتۇرۇلغان. نەتىجىدە ئەرەب تىلىنى قوللىنىدىغان مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى بارلىق ئالىملار ئەنە شۇ كىتاب ئاساسىدا ئۆزىلىرىنىڭ ئالەم ھەققىدىكى ئىلمىي ئەسەرلىرىنى ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار پېتولېمېينىڭ كۆزقاراشلىرىغا ئىجادىي ياندىشىپ ۋە ئۇنىڭغا يېڭلىقلارنى كىرگۈزۈپ، ئاسترونومىيىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆز ھەسسىلىرىنى قوشتى. مەلۇمكى، ئوتتۇرا ئەسىردە غەربتە ئىلىم بىلەنمەدەنىيەت تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە، شەرق ئەللىرى، جۈملىدىن مەركىزىي ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆپلىگەن ساھەلەردىكى ئىلىم–پەن گۈللەپ ياشناپ، پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىگە جەلىپ قىلغانىدى. بۇ يەردە ياشاپ، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئالىم، مۇتەپەككۇرلەرنىڭ ئەسەرلىرى ئەرەب تىلىدا يېزىلغانلىقى ئۈچۈن، ياۋروپالىقلار ئۇ ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورلىرىنى ئەرەب (مۇسۇلمان) ئالىملىرى، دەپ ئاتىشاتتى. بىز شۇلار قاتارىدا مەركىزىي،ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان ئالىملاردىن مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىب،ئەل–فارابى، ئەل–خارەزېمى، ئەل–بېرۇنى، ئۇلۇغبەگ، ئىبىن سىنالار ناملىرىنى زور ئىپتىخار بىلەن ياد ئېتىمىز. دۇنيائاسترونومىيىسىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا زورئۈلۈش تۆھپە قوشقان ئالىملاردىن بىرىئەل–فارابىدۇر. ئاسترونومىيە تارىخىدا ئەبۇ نەسىر ئەل–فارابىنىڭ «ئەل مەدجېستقا ئىزاھ»، «ئەل مەدجېستقا قۇشۇمچە كىتاب»،«يۇلتۇز ھەققىدىكى ھۆكۈملەرنىڭ توغرىلىرى ۋە توغرا ئەمەسلىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۇماتېماتىكىلىق ئاسترونومىيە-ئاسمان جىسىملىرى بىلەن يەر شارىنى تەتقىق قىلىدىغان پەنگە ئاساس سالغۇچىدۇر. يەنەبىر ئۇلۇغ ئالىم ئەبۇ رەيخان ئەل–بېرۇنى(973–1048) بولۇپ، ئۇ «كانون مەسۇدە »،«ھىندىستان»، «يۇلتۇزلار ھەققىدىكى ئىلىم» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئارقىلىق پېتولېمېينىڭ «ئەل–مەدجېستى» دىكى قاراشلىرىغا ماس كېلىدىغان ھەم ئۇنى تاكامۇللاشتۇرىدىغان يەكۈنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەل–فارابى مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئىلھاملانغان ئۇنىڭ شاگرىتلىرىدىن ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا خارەزېمىدىكى«ماموئى ئاكادېمىيە» دە ئەل–بېرۇنى بىلەن ئاسترونومىيىگە كۆپلىگەن يېڭىلىقلارنى كىرگۈزگەن. مەركىزىي ئوتتۇرا ئاسىيادا ئاسترونومىينىڭ تەرەققىياتىغا ئەڭ بۈيۈك تۆھپە قوشقان شەخىسلەردىن بىرى سەمەرقەند ھۆكۈمدارى مۇھەممەد تاراغاي يەنى ئۇلۇغبەگ (1394– 1449) دۇر. ئۇ 1425-يىلى سالدۇرغان ئوبسېرۋاتورىيە(رەسەتخانا) كۆپلىگەن يۇلتۇزچىلارنىڭ ھەمكارلىقىدا 1019 دانە يۇلتۇزنىڭ كوردىناتلرى كۆرسىتىلگەن جەدۋەل تۈزگەن. بۇ تەتقىقاتلار ئاسترونومىيە تارىخىغا «ئۇلۇغبەگ زىدجى» دېگەن نام بىلەن كىرگەنىدى. «زىدجى» تېرىمىنى پارسلارنىڭ «رىگ» ياكى «زىك» دېگەن سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ،ئاسترونومىيىلىك تابلىتسا (جەدۋەل) لار توپلىمى دېمەكتۇر. «ئۇلۇغبەگ زىدجى» ھەرخىل كالېندار (يىلنامە) لار ھەققىدكى مەلۇماتلار؛ يۇلتۇزلار بىلەن يەر شارىدىكى جايلارنىڭ كوردىناتلىرىنى ئېنىقلاش ئۇسۇللىرى؛كۈن، ئاي ۋە سەييارىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرى؛ ماتېماتىكىلىق، ئاسترونومىيىلىك،جۇغراپىيىلىك تابلىتسا (جەدۋەل) لاردىنئىبارەت 4 جىلد (كىتاب) دىن ئىبارەتتۇر. كۆپ يىللاردىن بېرى، ئەرەب، ئىسلام ئالىملىرى، جۈملىدىن مەركىزىي ئوتتۇرا ئاسىياداياشىغان ئالىملارنىڭ ئاسترونومىيىلىك كەشپىياتلىرىنى كىشىلەر تۆۋەن مۆلچەرلەپ كەلگەنىدى. يېقىنقى يىللاردا ھەرخىل تەتقىقاتلار ئۇلارنىڭ كەشپىياتلىرىنىڭ ياۋروپادا ئىلىم – پەننىڭ گۈللىنىشىگەتۈرتكە بولغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا (ئابدۈشۈكۈر مەمتىمىننىڭ «ئۇيغۇر پەلسەپەتارىخى» ۋە ۋاڭ جىلەينىڭ «ئوتتۇرا ئاسيا تارىخى» 2-كىتابىدا بۇ ھەقتە تەپسلىي ماتېرىياللار بېرىلگەن). شەرق مەملىكەتلىرىدىكى ئاسترونومىينىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا ھەر خىل ئامىللار تەسىر قىلغان دېيىشكە بولىدۇ. مەسىلەن، ھەر قايسى دۆلەت خەلىقلىرىنىڭ ئۆز – ئارا باردى – كەلدى قىلىشلىرى، سودا–سېتىقنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ھەربىي يۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسدە يەر شارىدىكى جۇغراپىيىلىك ئورۇنلارنى بەلگىلەش، ئۇلارنىڭ ۋاقىت پەرقلىرى، يۈرۈش قىلىشنىڭ يۆنىلىشىنى توغرا بەلگىلەشنى بىلىش، مۇرەككەپ ئاي كالېندارىنى تۈزۈش ئۈچۈن ئاسترونومىيىلىك دەلىللىكىگە ئىگە يۇقىرى سۈپەتلىك ئەسۋابلار ئارقىلىق كۆزىتىش زۆرۈر ئىدى، شۇنىڭدەك، يەر شارىنىڭ ھەر قايسى قىتئەلىرىدە ياشايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقۇغاندا، مەسجىد سالغاندا مەككە، مەدىنە تەرەپنى ئېنىق بەلگىلەش، 5 ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى ئېنىق بىلىۋېلىش زۆرۈرئىدى. بۇلارنى پەقەت ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش ئارقىلىقلا قىلغىلى بولاتتى. ئوتتۇرائەسىردىكى شەرق ئالىملىرى ئەمەلىي ئاسترونومىيە ساھەسىدە ھەرخىل ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنى ئىجاد قىلدى. خەلىپە ئەل–مەئمۇن (Ⅸ ئەسرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ) زامانىسىدا بۇلۇڭلۇق ئۆلچەش ئەسۋابلىرى ئارقىلىق يەر شارى چوڭ قچەمبىرىنىڭ 1 گىرادۇسلۇق دوغىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۆلچەپ چىقىلغان. بۇ ئۆلچەشكە جەۋھەر(ھازىرقى قازاقىستاندىكى چىمكەنتنىڭ گەۋرتۆپە دېگەن يېرى) دە تۇغۇلغان غابباس جەۋھەرى بىلەن مۇھەممەت ئىبىن مۇسا خارەزېم دېگەن ئالىملار ئىشتىراك قىلغان.شۇ ئۆلچەشتە يەر شارى مېردىئاننىڭ 1 گىرادۇسلۇق ئۇزۇنلۇقى 110.5- 111.8 چاقىرىم چىققان. بۇ نەتىجە بۇ قىممەتنىڭ ھازىرقىزامانلىق ئۆلچىمى 111 چاقىرىمدىن كۆپ پەرق قىلمايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ تەتقىقاتىنىڭ ئىنتايىن توغرا، دەل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەنەشۇ ئالىملارنىڭ ئاجايىپ ئەمگەكلىرى نەتىجىسىدە كۆپلىگەن شەرق، غەربئەللىرىنىڭ شەھەر ۋە رايونلىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك كوردىناتلىرى قايتا ئېنىقلاپ تۈزىتىلىدى. ئۇلۇغبەگنىڭ ئېنىقلىشى بويىچەسەمەرقەند شەھىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك كەڭلىكى´17º 39ئىدى. ھازىرقى ئۆلچەشلەر ´40º 39 ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. بۇلار ئارىسىدىكى پەرقمۇ چوڭ ئەمەس. ئەجدادلىرىمىز شۇ زامانلاردا ئاسترونومىيىلىك ھەرىكەتچان ئۆلچەش ئەسۋابى،كۈن، قۇم ۋە سۇ سائەتلىرى قاتارلىقلارنى ياسىغان. ئەرەبچە «رۇخامېت» دەپ ئاتالغان كۈن سائىتىنىڭ ماتېماتىكىلق گىنومونىكا پېنىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغانلىقى شۈبھىسىزدۇر. ئۇنىڭ نەتىجىسىدە كونۇس ھەرىكىتىنىڭ نەزەرىيىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تانگېنىس بىلەن كوتانگېنىس فۇنكىسىيىلىرى دۇنياغاكەلدى. ترىگونومېتىرىيە ۋە سېفرالىق ترىگونومېتىرىينىڭ شەكىللىنىشىگە ئاسترونومىيەئىنتايىن كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى. ترىگونومېتىرىيىلىك فۇنكسىيىنىڭ ئاتالغۇلىرى دۇنياغا ھىندىلار بىلەن ئەرەبلەردىن تارقالغان، يەنى شەرقتىن دۇنياغا تارالغان. Ⅸ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بارلىق ئالمىت ترىگونومېتىرىيىلىك فۇنكىسيىلەر ئوتتۇرا مەركىزىي ئاسىياداھېسابلاشلاردا كەڭ قوللىنىلغان. ئەجدادلىرىمىز ئاي ھەرىكىتىدىكى يېڭى تەكشىسىزلىكتىن دەلىللىكى يۇقىرى ئەسۋابلار ئارقىلىق كۈن،ئاينىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبلىرىنى كۆزەتكەن. ئەل – بېرۇنى ئەسەرلىرىدە ئاينىڭ تۇتۇلۇشىنى كۆزەتكەنلىك ۋە ئۇنىڭ قاچان تۇتۇلىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىشكە بولىدىغانلىقى ھەققىدە خاتىرىلەر بار. يۇقىرىقىلاردىن ئوتتۇرا ئەسىردە ياشىغان ئەجدادلىرىمىز ئىنسانىيەتنىڭ ئالەمنى بىلىش، كائىناتنى تەتقىق قىلىش ئىشىغا غەربلىكلەردىن خېلى بۇرۇنلا تۇتۇش قىلغانلىقىنى ھەم بۇ ساھەدە شانلىق نەتجىلەرنى قولغاكەلتۈرگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى 1999- يىلى 6- ئاينىڭ 30 –كۈنى |