خەنزۇلارنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى يۈچيۇيۈ ئەپەندىم ئامېرىكىلىق سىياسىي تەھلىلچى سەيمىل خانىڭتوننىڭ « مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى » نەزەرىيەسىگە رەددىيە بەرگەندە ئوخشىمىغان مەدەنىىيەت توپىغا تەۋە كىشىلەر ( يەنى ئوخشىمىغان مىللەتلەر) ئوتتۇرىسىدا تارىختا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلارنىڭ ھازىر قايتا تىلغا ئېلىپ يۈرۈشنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنداق بولمىغاندا ئەسلىدە تىنچ بولغان مۇناسىۋەتكە تەسىر يېتىدۇ. ھازىرقى شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا تارىختا يۈز بەرگەن ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلارنى مەيلى قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قايتا بازارغا سېلىشنىڭ زىيىنى بولسا باركى مىس موچەنلىك پايدىسى يوق.
|