- تىزىملاتقان
- 2014-1-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 266
- نادىر
- 0
- يازما
- 14
ئۆسۈش
  88.67%
|
ئاران 180مىڭ يۈەن ئېلىپ پايدىسى شۇنچە يۇقىرى يەرنى تەستىقلاپ بىرىپتۇ، ئۇنىڭدىن ئارتۇق قانداق قىلىپ بەرسە بولاتتى سىزگە، ئەگەر دوستىڭىز شۇ پۇللارنى ئېلىپ يوقاپ كەتمەي، يېرىمىنى سىزگە بۆلۈپ بەرگەن بولسا سىز ئۇنى يەنە ئەرز قىلارمىدىڭىز؟ سىز ئۆزىڭىز قانداق ئويلىغان؟ ئون تىيىن پۇل خەجلىمەي ئالغىلى بولىدۇ دېگەنما؟ئۇنتۇپ قالماڭ، ھاجەتكە كىرسىڭىزمۇ بىركوي ئالىدىغان زامان ھازىر. ئىچكىرىدىن چىققان تائىپىلەر نېمىشقا چىقىپ ئىككى يىلغا قالمايلا بىيىپ كېتىدۇ، ئۇلار دەل ئەمەلدارلارنىڭ كانىيىنى بىقىپ ياخشى تۈرلەرنى ئىلىۋالغاچقا بىيىپ كېتەلىگەن، سىز بىلەن بىز دوستىمىزدىكى پۇلىمىزنى ئالالماي، باشلىقنى تۇتۇپ بىرىپ يۈرسەك، يەنە كىم بىزنىڭ ئىشىمىزنى قىلىدۇ؟ ئىشنى قالايمىقانلاشتۇرماي، ئەڭ ياخشىسى ئاش بەرگەنگە مۇشت بەرگەن دوستىڭىزنى ئىزدەڭ، مېنىڭچە باشلىق شۇ يېگەن ئاقچىسىغا لايىق ئىشنى قىلىپ بىرىپتۇ، ئاقچىڭىزنى ئىلىۋىلىپ قىلىپ بەرمىگەن بولسىمۇ كاشكى. كومپىيوتىر يىزىق بىرتەرەپ قىلىشتا مەسىلە كۆرۈلگەچكە ئىملا خاتالىقى بولسىمۇ يىزىۋەردىم. توغرا چۈشىنىڭ. |
|