دادامنىڭ قول ياغلىقلىرى شەۋكەت ھامۇت بىر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلسەم،كىچىك قىزىم دادامنىڭ قول ياغلىغىنى كىسىپ قونچىقىغا كىيىم تىكىپ ئويناۋېتىپتۇ. شۇئان ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپ، ئىچىم ئېچىشىپ كەتتى.قىزىم كىچىك گەپ قىلمىدىم.بىراق بۇ قول ياغلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمنى سېغىنىش بىلەن ئەسلىدىم. ئارىدىن 40 يىل ئۆتۈپ كىتىپتۇ.ئويلىسام ،دادام قول ياغلىق تۇتۇشقا بەك ئەھمىيەت بىرەتتى.ۋاقتى چىقسىلا قول ياغلىقلىرىمنى يۇيۇپ،شاماللىق جايغا ئېسىپ قۇرۇتۇپ،چىرايلىق قاتلاپ بىرەتتى. ئىچكىردىكى چوڭ شەھەرلەرگە بارساق ئالدى بىلەن ماڭا چىرايلىق قول ياغلىقلارنى تاللاتقۇزۇپ، ئالاتتى. دادام دائىم:<< قول ياغلىق تۇتۇش ئادەمدە ياخشى تازلىق ئادىتىنى يىتىلدۈردۇ، بالام قول ياغلىق تۇتۇشنى ئادەت قىل، تەن ساغلاملىقىڭ ھامان تازلىق ئادىتىڭگە باغلىق بولۇدۇ >> دەپ تەكىتلەتتى.
شۇ چاغلارنى ئويلىسام، قومۇلدا جۈجەملەر مەي باغلاپ پىشقان ياز ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئىدى،بىز مەھەلىدىكى بىر نەچچە بالا ئەتىگەندىلا قۇدۇق بېشىدا كۆمۈر توپىسىدىن لاي ياساپ ئوينىدۇق،ئاندىن چۈش بولاي دىگەندە جۈجەم يىدۇق،ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا ئارلىقتا سۇ ئىچكىلى ئۇچقاندەك يۈەۈرۈپ ئۆيگە كىردىم-دە سۇنى ئىچىپسىرتقا يۈگۈردۈم.شىرەدە كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇرغان دادام قولۇمدىكى قارا لاينى كۆرۈپ قالغان چېغى،مېنى دەرھال توختۇتۇپ:<<بالام مۇشۇ مەينەت قولۇڭ بىلەن ئۇيات قىلمايجۈجەم يىدىڭمۇ؟ بولە، قولۇڭنى سوپۇنداپ يۇيۇپ،تۆنۈگۈن مەن بەرگەن قول ياغلىق بىلەن سۈرت!>>دەپ ماڭا بۇيرۇق قىلدى. مەن قولۇمنى يۇيۇپ،قول ياغلىقنى يانچۇقۇمدىن دەرھال ئالالمىدىم، قارىسام دادام ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ:<< قول ياغلىقنى نەدە يۈتۈرگەن بولساڭ، بۈگۈن شۇ يەردىن تېپىپ كىلىسەن، مەن سېنى ئۆيدە ساخلاپ ئولتۇرىمەن،ئەگەر تېپىپ كىلەلمىسەڭ مەسئۇلىيىتىڭنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىمەن ..>> دىدى.مەن ئەسلىدە بالىلارنىڭ :<< ئوغۇل بالا قول ياغلىق تۇتسا ئايلاخان بولۇدۇ >> دىگەن سۆزلىرىگە ئىشىنىپ،ئۆزەم جىملا تاشلىۋەتكەن ئىدىم، دادامنىڭ شۇنداق قىستىشى بىلەن ئاخىرى قول ياغلىقنى تاشلىۋەتكەن يېرىمدىن تەستە تېپىپ كەلدىم.
بىراق بۇ ئىشنى دادام قويۇۋەتمىدى،ئالدى بىلەن دادام ماڭا:<< بىرىنجىدىن ،نىمە ئۈچۈن مەن بەرگەن قولياغلىقنى تاشلىۋەتتىڭ؟ مېنىڭ قىلغان تەربىيەم، ھۆرمىتىم،ئىشەنچىم قېنى؟ ،ئىككىنچىدىن،نىمە ئۈچۈن ماڭا مەسلەھەت سالمايئۆزەڭ بىلىپ تاشلىۋەتتىڭ؟ نىمە ئۈچۈن ماڭا ئىشەنمەيسەن؟ ،ئۈچۈنچىدىن، بۇ قول ياغلىق بىكارغا كەلگەنمۇ؟ پۇل تېپىش بىزگە ئاسانمۇ؟، تۆتىنچىدىن ،قول ياغلىق كىر بولسانىمە ئۈچۈن يۇيۇپ تۇتۇشنى ئويلىمايسەن؟ ئىقتىسات قىلىشنى بىلەمسەن؟،بەشىنچىدىن ،ئوغۇل بالىدا مۇھەببەت ،مەسئۇلىيەت بولمىسا ،ئۇ نىمە بولۇدۇ؟ >> دىگەن سۇئاللارنى قويۇپ، مېنىڭ بۇ ھەقتە ئويلۇنۇپ،بىرمۇ بىر جاۋاپ بېرىشىمنى كەسكىن تەلەپ قىلدى. ئاشۇ قول ياغلىقنى بولسا ،ماڭا ئۈچ كۈن قايتا -قايتا يۇغۇزدى، ئاشۇ ئۈچ كۈن ھاياتىمدا
خۇددى مەھبۇستەك بىر نۇختىدىن ئايرىلماي،دادامنىڭ نازارىتىدە تەكرار - تەكرار قول ياغلىق يۇيۇش،قۇرۇيۇش، دادامنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش،تونۇشۇمنى سۆزلەش بىلەن ئۆتكەن ئەڭ زېرىكىشلىك،ئەڭ ئېغىر كۈنلەر بولغان ئىدى.
ھازىر ئويلىسام ،ئەينى ۋاقىتتا دادام ناھايىتى توغرا قىلىپتۇ،ماڭا ئەڭ ياخشى پىسخىك مەسلەھەتچى بولۇپتۇ.ھامان <<نەسىھەت ئاچچىق، مىۋىسى تاتلىق >> بولىدىكەن.دادامنىڭ ياغلىق مەسىلسى تۈپەيلىدىن ماڭا بەرگەن تەربىيەلىرى كېيىن مېنىڭ تۇرمۇشقا بولغان تونۇش -بىلىش سەۋىيەمنى ئۆستۈرۈپ،تەپەككۈرۈمنى ئۆزگەرتىپتۇ،قىممەت ئېڭىمنى تۇرغۇزۇپتۇ، مۇستەقىللىغىمنى كۈچەيتىپ، قەلبىمدە ئەستايىدىللىق، مەسئۇلىيەتچانلىقتىن ئىبارەت
ئىقتىدارنىڭ يىتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپتۇ.
مەن ھازىر دادامنى سۆيۈنۈش بىلەن ئەسلەيمەن، دادامنىڭ قول ياغلىقلىرىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەيمەن.چۈنكى ئۇ قول ياغلىقلاردا مۇھەببەت ۋە مەسئۇلىيەت بار!.
2013-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى. |