بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-14 13:22
1
تۈرمىنىڭ ئادەم بەدىنى خورىتىدىغان، روھىنى چىرىتىدىغان،چۈشكۈنلەشتۈرىدىغان تار ياتاقلىرى،قاپقارا تۆمۈر رىشاتكىلىرى ئەمدى مېنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ،مېنى دائىم ‹‹يېتىم ئوغلاق››دەپ بوزەك قىلىدىغان ،چوڭ تەرەت قىلغاندا كۆتىنى ئېرتقىلى قويىدىغان،ئىچى پۇشۇپ قالغاندا قولچوماقلىرىغا دەپ مېنى ئۇرغۇزۇپ ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىدىغان،باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىنى ماڭا ئارتىپ ،جازا ئۆتەشكە سالدىغان...ھېلىقى پىت كۆز ‹‹لاۋدا››مۇ ئەمدى مېنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ،مەن ئورۇق بەدىنىمنى تېخىمۇ تۈگەشتۈرىۋاتقان ،جېنىمغا ئىكەك سېلىۋاتقان،مېنى قىيناۋاتقان بۇ قەپەزدىن ئاخىرى قۇتۇلدۇم،ئەركىنلىككە چىقتىم،شۇ تاپتا ئىچ –ئىچىمدىن بىر يىغا تۇتىۋاتىدۇ،بۇقىلغان –ئەتكەنلىرىم ئۈچۈن قىلغان پۇشايمان يىغىسى ،ئەركىنلىككە چىقىش ئالدىدىكى خۇشاللىق يىغىسى،قۇللۇقتىن ھۆرلۈككە چىققان كىشىنىڭ ئازادلىققا بولغان ھاياجان يېشىغا ئوخشاپ كېتىدىغان يىغا ئىدى،مەن ئەركىنلىككە چىققان ئىدىم،تارتقان ئازابلىرىم،يېگەن تاياقلىرىم،كېچە –كېچىلەپ يىغلىغان يىغىلىرىم.ھەممىسى قاپقارا ھەم سۈرلۈك بولغان تۈرمە دەرۋازىسى ئىچىدە قالغان ئىدى،ئەمدى ئۇ ئازابلار مېنى قىينىيالمايتتى.
مېنى ئۇزۇتۇپ چىققان ئەترەت باشلىقىنىڭ ‹‹ئۇكام ،سەن تېخى ياش،ئىستىقپالىڭ ئالدىڭدا،بۇرۇنقى ئىشلىرىڭىنىڭ ھەممىسى ئۆتمۈشكە ئايلاندى،سەن بۇ يەردە ئۆزگۈرۈپ يېڭى بىر ئادەمگە ئايلاندىڭ،ئەمدى بۇ يەردىن چىقىپ ،ئىشلىرىڭىنى يېڭىباشتىن باشلا،ئىلگىرىكى يامان بالىلارغا، يامان ئىشلارغا ئارىلاشما،ئاتا –ئاناڭنىڭ سەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلا ....››دېگەن تەربىيە سۆزلىرىگە ئۈنسىز ھالدا بېشىمنى لىڭشىتتىم،ئىچىمدە بولسا‹‹ئىستىقبالىم ئالدىمدىمىش،مەندە ئىستىقپال نېمە ئىش قىلسۇن؟مېنىڭ ئىستىقبالىم مۇشۇ تۈرمىگە كىرىشىم بىلەن بىللىلا ئاللىقاچان گۆرگە كىرىپ كەتكەن ››دېگەنلەرنى ئويلۇدۇم.
تۈرمە دەرۋازىسى ئالدىدا ، مەن ئۈچۈن يۈرىكى سۇ بولغان ،ھەر قېتىملىق كۆرۈرۈش ۋاقتى كەلگەندە مەن ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ ئەكىلىدىغان، چاچ –ساقاللىرى ئۆسۈپ كەتكەن،كۆزلىرى ئىچكىرى كىرىپ كەتكەن،ئۈستېبىشىدىن نامراتلىق پۇراپ تۇرغان، بىچارە دادام مېنىڭ چىقىشىمنى ساقلاپ تۇراتتى،دادامنىڭ تۇرقىغا قاراپ ،ئۆزۈمنىڭ تۈرمىدىن چىققىنىمغا ئىچ ئاغرىتىشنى ئۇنتۇپ ،ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئېتىپ بوينىغا ئېسىلىپ ،ئىچ –ئىچىمدىن بۇقۇلداپ يىغلىدىم،دادامنىڭمۇ كۆز ياشلىرى مەڭزىنى بويلاپ ئاقتى. تۈرمدىن چىققاندا تۆت يىلدىن بېرى پەقەت بىر قېتىملا يوقلاپ باققان، كۆرۈشكە شۇنچىلىك زار بولغان ،كېچە –كۈندۈز خىىيالىمدىن چىقمىغان،سېغىنغان ئانامنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىنتىلگەن كۆزلىرىم ئۇنى كۆرەلمىدى،تۆت يىلدىن بېرى پەقەت بىر قېتىملا كۆرۈشكەن،يۈرەك باغرىنى يېرىپ چىققان پەرزەنتى تۆت يىلدىن بېرى قاراڭغۇ تۈرمىدە ياشاپ،ئەمدى ئىللىق قۇياش نۇرىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن شۇنداق بىر كۈندە ،ئانامنىڭ دىدارىنى كۆرسەتمەسلىكى كۆز ياشلىرىمنىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىشىغا سەۋەب بولدى.مەن دادامنى تېخىمۇ بەك پۇچلۇندۇرماسلىق ئۈچۈن كۆز ياشلىرىمنى زورىغا توختاتتىم –دە،ئۇنىڭغا قاراپ :
-يۈرۈڭ دادا،ماڭايلى،-دېدىم ۋە ئەترەت باشلىقىغا قاراپ :
-تۆت يىلدىن بېرى ماڭا ياخشى ئاتىدارچىلىق قىلدىڭىز،سىزگە كۆپ رەھمەت،مەن چوقۇم ئۆزگۈرۈپ،ياخشى ئادەم بولىمەن،خەير،ئامان بولۇڭ،ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ ،-دېدىم ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ..
-سەنمۇ ئۆزۈڭنى ئاسرا،ياشىنىپ قالغان داداڭغا ئوبدان قارا،خەير –خوش،ئامان بول ،- دېدى ئەترەت باشلىقى.
شۇنداق ئاددىيغىنا ئۇزۇتۇش ۋە كۈتىۋېلىش ئىچىدە تۆت يىللىق تۈرمە ھاياتى بىلەن خوشلاشتىم.
بۈگۈن ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىمگە بىر ھەپتە بولدى،خۇلۇم –خوشنىلىرىمنىڭ:
- تۈرمىدىن چىقىپتۇ- دە بۇ ئوغرى...
- يۈزىنى داپتەك قىلىپ يۈرەرمۇ يەنە بۇ يەردە...،-دەپ پىچىرلاشلىرى،بالىلىرىغا توۋلىغان بولۇپ :
- بالام،ئۆينىڭ ئىشىكىنى تاقىدىممۇ قاراپ باقە ماڭ،ئىشىك ئوچۇق قالسا ،ئۆيگە سوغۇق قول تەگمىسۇن يەنە،ھازىر ئارىمىزدا بىر شۇم بۇيا پەيدا بولدى قولىغا ئىلماشقاننى سۈپۈرۈپ ماڭىدىغان،ئېھتىيات قىلمىساق بولمايدۇ،-دەپ يۈزۈمدىن –يۈزۈمگە ۋارقىراشلىرى جېنىمدىن ئۆتكەچكە سىرتلارغىمۇ يۈرەكلىك چىقىپ باقمىدىم.بىر –ئىككى تۇققانلىرىمىزنىڭ ئەھۋال سوراپ كىرىشلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا مېنى كۆرگىلى كىرگۈدەك ئادەممۇ يوق ئىدى.ئوغۇل بالىغا نىسپەتەن يىغلاشنىڭ ئۆزى بىر نومۇسلۇق ئىش بولسىمۇ ،بۇرۇقتىمىلىق ئىچىدە نومۇس بىلەن يۇغۇرۇلغان بىرنەچچە يىل ۋاقتىمغا ئېچىنىپ ، بەزىدە ئۈنسىز ياش تۆكەتتىم،كۆز ياشلىرىم ئىچىدە بۇرۇنقى يۈرەكنى تىلغايدىغان ئەسلىمىرىم قوينىغا چۆمەتتىم.
2
ئەقلىمنى بىلسەم دادام ،ئانام ئۈچىمىز پاختا شىركىتىنىڭ ئالتە قەۋەتلىك بىناسىنىڭ كەينىگە مۆكۈنۈپ تۇرغان ئاددىيغىنا ئىككى ئېغىزلىق ئۆيدە ياشايتتۇق،دادامنىڭ چىراي –شەكلى ئادەتتىكىچە بولۇپ، پاختا شىركىتىنىڭ ئىشچىسى، ئانام بەكلا چىرايلىق ھەم جەزبىدار ئايال بولۇپ،ئۇستا تىككۈچى ئىدى،ئانامغا كىيىم تىككۈزگىلى كېلىدىغان قىز –ئاياللار خېلى كۆپ ئىدى، ،ھەر قېتىملىق ئاتا –ئانىلار يىغىنىدا مەن ساۋاقداشلىرىم ئالدىدا ئانامنىڭ چىرايلىقلىقىدىن بىر قېتىم پەخىرلىنىۋالاتتىم،بىراق مەن پەخىرلىنىدىغان بۇ چىراي كېيىنچە ئائىلىمىزنىڭ ۋەيران بولىشىنىڭ سەۋەبچىسى،مېنىڭ يېتىم بولۇپ قېلىشىمغا چوڭ دۈشمەن بولىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم.
دادام- ئانامنىڭ جىدەللىشىپ قېلىشى پات –پات كۆزۈمگە چېلىقىپ قالاتتى،ئۇ ۋاقىتلاردا كىچىك بولغاچقا ئانچە ئېرەنشىمەپتىكەنمەن،كېيىن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقۇرى يىلىققىغا چىققان يىلى ئۇلارنىڭ جىدەللىرى قۇرىمىدى،تازا زەن سالسام ،بۇ جىدەللەر دادامنىڭ ئانامنى كۈنلىشى ۋە ئانامنىڭ دادامنى‹‹ جىق پۇل تاپمىدىڭ ››دەپ ئەيىپلىشىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن،دەسلەپتە ئۇلار جىدەللىشىۋاتقاندا ئارىسىغا كىرىپ،ئايرىسام بېسىقىپ قالاتتى،كېيىنچە ئارىسىغا كىرسەم مېنى سىلكىپ ياكى تىللاپ بىر بۇلۇڭغا تىقىپ قويىدىغان بولدى.بۇنداق ئايىقى چىقماس جىدەللەر ئانامنىڭ دادامنى سەت تىللار بىلەن تىللاپ،ئۈن سېلىپ يىغلىشى،دادامنىڭ ئانامنى ئۇرىشى بىلەن ئاياقلىشاتتى،بارا –بارا بۇنداق ئايىقى چىقماس جىدەللەردىن بىزار بولىدىغان،ئۇلار تازا جىدەللىشىۋاتقاندا سىرتقا چىقىپ كېتىدىغان بولدۇم.
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەپتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا چىققان ۋاقتىمدا دادام -ئاناملارنىڭ جىدەللىرىنىڭ ئايىقىغا خاتىمە بېرىلىپ،مېنىڭ شۇنچە توسۇشلىرىم،يالۋۇرۇشلىرىم،كۆز ياشلىرىمغا قارىماي ئاجرىشىپ كېتىشتى، مەن ئانام بىلەن بىللە تۇرۇشنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلساممۇ ،بىراق ئانام مېنى ئېلىشتا قىزغىن بولمىغاچقا،سوتتىن مېنى دادامغا بۇيرۇپ بەرگەن ئىدى، ئانام بىزنى تاشلاپ كېتىپ قالدى، دادام بىلەن ئىككىمىز ئاددىي كولبىمىزدا قالدۇق،ئانام كەتكەندىن كېيىن ئۆيىمىزنى تېخىمۇ نامراتلىق، غېرىپلىق بېسىپ كەتتى،دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئانامنى ئىزدەپ بارسام،قولۇمغا ئانچە –مۇنچە پۇللارنى تۇتقۇزۇپ،كىيىم –كېچەكلىرىمنى ئېلىپ بېرەتتى،بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ماشىنچىلىق دۇكىنىغا بارساملا خام سېمىز بىر ئادەمنىڭ ئولتۇرغىنىنى كۆرەتتىم، قارىغاندا بۇ خام سېمىز ئانامنىڭ پېيىگە چۈشكەندەك قىلاتتى،بۇ خام سېمىز دادامنىڭ رىسقىغا چاڭ سالىدىغاندەكلا تۇيۇلۇپ ،كۆزۈمگە پەقەتلا سىغمىدى،كېيىن ئۇقسام ئۇ خام سېمىزنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بار ،قول –ئىلكىدە بار ئادەم ئىكەن، ئانام تىككۈچىلىك دۇكىنىنى بىراقلا تاقاپ ، خام سېمىز بىلەن مەخپىي نىكاھ ئوقۇتۇپ ،ئەر –خوتۇن بولۇشۇپ كەتتى،بۇلارنى ئۇققان ۋاقتىمدا ئاسمان يىراق،يەر قاتتىق بولۇپ نەچچە كۈنگىچە مەكتەپكىمۇ بارماي يىغلىدىم،ئانامدىن شۇنچىلىك نەپرەتلەندىم.بىراق تەقدىر شۇنداق بولغان ئىكەن، بۇنىڭغا ئامال يوق ئىكەن، كېيىنچە بۇنىڭغىمۇ كۆنۈپ كەتتىم.
مەنبە : ئۆز ئىجادىيىتىم
داۋامى بار |