- تىزىملاتقان
- 2014-1-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2683
- نادىر
- 0
- يازما
- 154
ئۆسۈش
  22.77%
|
مۇقىملىققا سالغان مەبلەغنى باراۋەرلىككە سالسا بولمامدۇ باراۋەرلىك بولسا مۇقىملىق تەبىئىلا بۇلىدۇ ئەمەسمۇ ئۇ چاغدا ئۇنداق ھەربىر ئائىلىگە كالتەك تارقىتىش قۇڭغۇراق ئورنىتىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ باراۋەرلىك بولمىسا مۇقىملىق قۇرۇق شۇئار بۇلۇپ قالىدۇ.ھازىرقى يولغا قويغان بەزى بىر تۇزۇملەر.مەسىلەن يېڭىدىن يولغا قويغان ‹پۇخرالار قولايلىق كارتىسى›بۇنى ھۇكۇمەت ياخشى نىيەت بىلەن يولغا قويغان بۇلىشى مۇمكىن لىكىن بەزى بىر ئاداملار ئۇچۇن پايدا ئېلىش پۇرسىتى بوپتۇ بەزى شەھەر ناھىيەلەردە ‹ئەسلى ھەقسىز› مۇلازىمەت يەرلىك سىياسەت دەپ ھەقلىق مۇلازىمەتكە ئايلىنىپ قاپتۇ .يەنە بۇ سىياسەت شىنجاڭدىلا بولغاچقا ئىچكىردىن چىققان يولداشلارنىڭ كۇلكىسىگە قالىدىغان ئىشلار بۇلىۋاتىدۇ بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە بىز شىنجاڭلىقلار ناچار بولغاچقا ئۇزىمىزنىڭ يۇرتىغىمۇ سىغمايدىكەنمىز ئۇلار تېخىمۇ بىزنى كوزگە ئىلمايدىكەن .بۇ يەردىكى يەنە بىر مەسىلە مەجبۇرى يۇرتىغا قايتۇرۇلغان ئاشۇ شىنجاڭلىقلار يۇرتىغا بارغاندىن كىيىن سىرىتتىن كەلگەنلەرگە ئوچمەنلىك قىلسا جەمىيەت مۇقىملىغىغا تەسىر يەتمەسمۇ ئەسلى قانۇن ئالدىدا ھەممە پۇخرا باراۋەر بولسا سىياسەت مەملىكەت بۇيىنچە ھەممە ئادەمگە باراۋەر بولسا ئاندىن ئىتتىپاقلىق مۇقىملىق تەبىئى ئەمەلگە ئاشاتتى. ھازىرقى يېڭى سىياسەت تۇزەيمەن دەپ بۇزۇش چاپىغىنى ئالىمەن دەپ قارىغى قىلىش بۇلىۋاتىدۇ؛ |
|