قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4655|ئىنكاس: 24
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بىلىمخۇمار: ئىككى-ئۈچ ياشلىق بالىلار تەربىيىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

136

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 513
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1129
تۆھپە : 3717
توردىكى ۋاقتى: 1437
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 09:00:51 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بىلىمخۇمار

2014-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى

       مەن ئۆزۈمنىڭ ئالدىنقى ئىككى پارچە ماقالىسىدە 45 يىللىق تارىخقا ئىگە، بالىلار تەربىيىسى مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىل تاپقان «دەسلەپكى مەزگىللەر» [1] گۇرۇپپىسىنىڭ تور بېتىدىكى بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى تونۇشتۇردۇم. مەزكۇر ماقالە ئالدىنقى قېتىملىق ماقالىلەرنىڭ داۋامى بولۇپ، مەن بۇ قېتىم ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى بالىلار تەربىيىسى ھەققىدىكى تەۋسىيىلەرنى تونۇشتۇرىمەن.

      
1. ئىككى-ئۈچ ياشلىق بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ پايدىلىرى
        ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا بالىلار ئەستە قالدۇرغان سۆزلۈكلەرنىڭ سانى شىددەت بىلەن كۆپىيىپ ماڭىدۇ. گەرچە بالىڭىز ئۆز-ئارا سۆزلەشكەندە ئۇ سۆزلۈكلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئىشلىتىپ كەتمىسىمۇ، ئۇ 3 ياشقا توشقان ۋاقىتتا 400 گىچە بولغان سۆزلۈكنى چۈشىنىدىغان بولىدۇ. بۇ ياشتىكى بالىلارنىڭ سۆزلەش ئىقتىدارىدا ناھايىتى زور پەرقلەر بار بولىدۇ. يەنى نۇرغۇن بالىلار بىر قېتىمدا چوڭلارغا بىر-ئىككى تال سۆز بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغان بولسىمۇ، بەزى بالىلار قىسقا جۈملىلەرنى قۇراشتۇرۇشقا، ھەمدە بىرلىك ۋە كۆپلۈكنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنى، بۇرۇن، ھازىر ۋە كەلگۈسىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنى، ۋە ئالماشلارنى توغرا ئىشلىتىشكە باشلايدۇ.
        بۇ مەزگىلدە بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ تىل قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە مۇھىم ئورۇنغا ئۆتىدۇ. بالىنىڭ تەپەككۇر قىلىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، بالا ھېكايىنىڭ كونكرېت مەزمۇنىغا تېخىمۇ قىزىقىدىغان ۋە كىرىشىپ كېتىدىغان بولىدۇ، ھەمدە كىتابتىكى رەسىملەرنى چۈشىنىدىغان، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قاپىيىداش سۆز ۋە سۆز-ئىبارىلەرنى يادلىۋالىدىغان بولىدۇ. بالىڭىز 3 ياشقا توشقان ۋاقىتتا، ئۇ دائىم ئېلىپ بارىدىغان يېڭىلىقلارنى بايقاش جەريانىدىن ۋاقىتلىق ئارام ئېلىپ، سىز بىلەن بىللە بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، كىتاب ئوقۇيدىغان بولىدۇ. ھەمدە بالىڭىزغا بۇنداق كىتاب ئوقۇش ئىشى بىر خىل ھۇزۇرلىنارلىق ئىش بولۇپ تۇيۇلۇپ، بۇ ئىش سىز بىلەن بالىڭىز ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ.

       2. ئىككى-ئۈچ ياشلىق بالىلار تەربىيىسى ھەققىدە تەۋسىيىلەر
       بالىلار تەربىيىسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دېيىشىچە، بالىلارنىڭ ئېلىپبە ھەرپلىرى ھەققىدىكى بىلىملىرى ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىدارلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇشنى ئۆگىنىشىنىڭ ئاساسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككى ياشلىق بالىڭىزنى ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى تەشكىل قىلىدىغان ھەرپلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇش، بالىڭىزنىڭ ساۋاتىنى كىچىك ۋاقتىدىلا چىقىرىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئېلېمېنتتىن ئىبارەتتۇر.

       (1) ئاكتىپلىق بىلەن ئاڭلاش
        بالىڭىز رەسىم ۋە ھەرپلەرگە خېلىلا قىزىقىدىغان بولغاندا، سىز بالىڭىزنى بۇ ئىشلاردىن توسماي، ئۇنىڭ بىر ھېكايە ئېيتقۇچى بولۇشىغا يول قويۇڭ. شۇنداقلا سىز بالىڭىزنىڭ بىر ئاكتىپ ئاڭلىغۇچىسى بولۇپ بېرىڭ. ئۇنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاش بىلەن بىللە توختىماي ئۇنىڭدىن سوئال سوراپ، قىزىقارلىق جايلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، كىتابتىكى ۋەقەلىكلەرگە ھەر خىل قىلىقلار بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇڭ. بالىڭىزنىڭ ھېكايە ئېيتقۇچى ۋە سىزنىڭ ھېكايە ئاڭلىغۇچى بولۇشىڭىز، ھەمدە بالىڭىزنى داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشىڭىز بىلەن، بالىڭىزنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تەدرىجىي كۈچىيىپ، ئاخىرىدا ئۇ سىز دېمىسىڭىزمۇ ئۆزلۈكىدىن كىتاب ئوقۇشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلار قاتارىدا قىلىدىغان بولىدۇ.

       (2) ئەمەلىي ئىشلارنى چۈشەندۈرىدىغان رەسىملىك كىتابلار
       ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا بالىڭىز ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش قىلىش ئىقتىدارلىرىنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. قولىنى ئۆزى يۇيۇش، مۇنچا سۈيىنى ئۆزى ئېچىش، چېچىنى ئۆزى تاراش، كىيىمىنى ئۆزى تاللاش ۋە ئۆزى كىيىش قاتارلىق كىشىلەر ھەر كۈنى قىلىدىغان ئىشلارغا ئىنتايىن قىزىقىشقا باشلايدۇ. مۇشۇ مەزگىلدە بالىڭىزغا ئاشۇنداق ئىشلارنى ئۆگىتىدىغان رەسىملىك كىتابلارنى ئوقۇپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ مۇستەقىل ئىش قىلىش قابىلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىڭ.

        (3) بىر كىتابنى تەكرارلاپ ئوقۇش
        ئىككى ياشلىق بالا ئوخشاش بىر ئىشنى قايتىلاپ قىلىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. ئەگەر بالىڭىز ئوخشاش ئىككى-ئۈچ كىتابنى قايتا-قايتا ئوقۇشتا چىڭ تۇرۇۋالسا، ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ھەيران قالماڭ. بالىڭىزنى باشقا كىتابلارنى ئوقۇشقا زورلىماي، ئۇنىڭ قىزغىنلىقىغا يول قويۇڭ. گەرچە سىز ئوخشاش كىتابنى قايتا-قايتا ئوقۇشتىن زېرىكىپ قالىدىغان بولسىڭىزمۇ، بالىڭىز ئۈچۈن ئىش ئۇنىڭ دەل ئەكسىچە بولىدۇ. گەرچە بالىڭىز بىر ھېكايىنى بۇرۇن 20 قېتىم ئاڭلاپ بولغان بولسىمۇ، ئۇنى ھەر قېتىم قايتىلاپ ئوقۇغىنىدا ئۇنىڭدا يەنە يېڭى ۋە ھاياجانلىنارلىق نەرسىلەرنى بايقايدۇ. ھەمدە بالىڭىز ئۇزۇن ئۆتمەي ھېكايىدىكى قاپىيىلىك سۆزلەر ۋە سۆز-ئىبارىلەرنى ئەستە قالدۇرۇپ، كىتابنى سىز بىلەن بىللە ئوقۇشقا باشلايدۇ. بۇ يېڭىدىن باشلانغان ساۋات چىقىرىش ھەمدە ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتىش جەريانىدۇر.

        (4) پاسسىپ ئاڭلىغۇچى
        بەزىدە سىزنىڭ ئىككى ياشلىق بالىڭىز سىز ئوقۇپ بېرىۋاتقان كىتابقا قۇلاق سالمايۋاتقاندەك تۇيۇلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ كىتابتىكى مەزمۇننى سىز ئويلىغاندىن جىق ياخشى قوبۇل قىلىۋاتقان بولىدۇ. نۇرغۇن بالىلار ئوقۇپ بېرىلىۋاتقان كىتابنى باشقا بىر ئىش بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرۇپ ئاڭلىسا، ئۇنىڭدىكى مەزمۇننى ياخشىراق قوبۇل قىلالايدۇ. ئەگەر بالىڭىز بىر قېتىملىق كىتاب ئوقۇش ۋاقتىدا كىتابقا زېھنىنى يىغالمىسا، ئۇنىڭغا بىر بوياق بىلەن بىر پارچە قەغەز بېرىپ، سىز كىتاب ئوقۇۋاتقاندا ئۇنىڭغا رەسىم بويىتىڭ. شۇ چاغدا سىز ئۇنىڭ كىتابقا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ، كىتابتىكى مەزمۇنلار ھەققىدە سوئال سوراۋاتقانلىقىنى بايقايسىز.

        3. ساۋات چىقىرىشىنى تېزلىتىش
        ئىككى-ئۈچ ياشلىق بالا بىر بوۋاق ئەمەس، ئۇ ھەر بىر كۈننىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىدىيىگە، ھېسسىياتقا ۋە قابىلىيەتكە ئىگە بولغان بىر مۇستەقىل ۋە ئۆز-ئۆزىگە ئىشەنگەن كىشى بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. سىزنىڭ قانداق كىتابلارنى تاللىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش بالىڭىزنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئامىلدۇر.

        ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىغا كىتاب تاللاشتا، تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىڭ:
       (1) جۈپلەش ۋە تۈرگە ئايرىش: بالىڭىز ئاساسىي شەكىللەر ۋە رەڭلەر بىلەن تونۇشۇپ بولغان بولسا، ئۇ ئەمدى ئاشۇ قابىلىيەتلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئوخشىمىغان شەكىللەرنى جۈپلەشتۈرۈش، تۈرگە ئايرىش ۋە قارىمۇ-قارشىسىنى تېپىش ئىشلىرىدىن ناھايىتى ھۇزۇرلىنىدۇ.
       (2) تېپىشماق كىتابلىرى: تېپىشماق تېپىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك بولغان قوراللارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بالىلاردا قول-كۆز ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇش، شەكىل ۋە رەڭلەرنى تونۇش، ۋە كۈچلۈك دەرىجىدىكى مەسىلە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك رول ئوينايدىغانلىقى بايقالغان.
       (3) ھەرپ بىلەن سانلار: سىز ئالدىنقى يىلى باشلىغان ھەرپ ۋە سان ھەققىدىكى دەرسلەر ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى بالىلار ئۈچۈنمۇ داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. بالا ئۈچ ياشقا يېقىنلاشقاندا، ئۇ ھەرپلەر بىلەن تېخىمۇ ياخشى تونۇشۇپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ سۆزلىرىدىمۇ ئىشلىتىدىغان بولىدۇ. ئۇ ئېلىپبە ھەرپلىرىنى باشتىن ئاخىرغىچە دەپ بېرەلىشى، ھەمدە بىردىن 10 غىچە ساناپ بېرەلىشىمۇ مۇمكىن.
       (4) بەدەننىڭ تۈزۈلۈشى: سىزنىڭ ئىككى ياشلىق بالىڭىز ئۆزىنىڭ بەدىنىگە نىسبەتەن ئىنتايىن كۈچلۈك قىزىقىشىنى نامايان قىلىشى، ئۆزىنىڭ بۇرنى، قۇلىقى، كۆزى ۋە ئېغزىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن ئىنتايىن خۇشال بولۇشى مۇمكىن. بالىڭىزنىڭ مۇشۇنداق بىلىملىرىنى كۈچەيتىدىغان ۋە كېڭەيتىدىغان كىتابلارنى تاللاڭ. بالىلار كىتابى يازغۇچىسى ئەل پېركىنز (Al Perkins) يازغان بىر قىسىم ئاشۇنداق كىتابلار بار.
       (5) تەڭ پايدىلىنىش: ئىككى-ئۈچ ياشلىق بالىلار ئۈچۈن قىيىن ئۆتكەللەرنىڭ بىرى باشقا بالىلار بىلەن ياخشى ئويناش ۋە نەرسىلەردىن تەڭ پايدىلىنىشتىن ئىبارەت. بالىغا مۇشۇنداق چۈشەنچىلەرنى مەزمۇن قىلغان كىتابلارنى ئوقۇپ بەرسىڭىز، بالىڭىز باشقا بالىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشقاندا قائىدە-يوسۇنلۇق بولىدىغان بولىدۇ.
       (6) ئوبۇرنى ئىشلىتىشنى ئۆگىتىش: گەرچە ئوخشىمىغان بالىلارنىڭ يېتىلىش سۈرئىتى ئوخشاش بولمىسىمۇ، كۆپ ساندىكى بالىلار ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا ئوبۇرنىنى ئىشلىتىش ئۇقۇمىنى چۈشىنىدىغان بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر بالىلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئوبۇرنىنى ئىشلىتىشنى بالىلار ئۆزلىرىنىڭ سۈرئىتى بويىچە ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەمما بالىڭىزنى ئوبۇرنىنى قانداق ئىشلىتىدىغانلىقى ھەققىدىكى كىتابلار بىلەن ئۇچراشتۇرسىڭىز، بالىڭىز بۇنداق بىر يېڭىلىقتىن گاڭگىراپ قالمايدىغان بولىدۇ.
      
بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] Literacy Skills: Ages 2-3
<https://www.earlymoments.com/Pro ... velopment-Tips/>


c00_resim01.jpg (37.61 KB, چۈشۈرۈش سانى: 96)

1-رەسىم

1-رەسىم

c00_resim02.jpg (47.87 KB, چۈشۈرۈش سانى: 95)

2-رەسىم

2-رەسىم

c00_resim03.jpg (11.14 KB, چۈشۈرۈش سانى: 95)

3-رەسىم

3-رەسىم

c00_resim04.jpg (33.55 KB, چۈشۈرۈش سانى: 96)

4-رەسىم

4-رەسىم

c00_resim05.jpg (3.8 KB, چۈشۈرۈش سانى: 94)

5-رەسىم

5-رەسىم

2

تېما

0

دوست

1298

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   29.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29581
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 402
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 12:19:39 |ئايرىم كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن،بىلىمخۇمار ئاكىغا رەھمەت!ھەربىر ئاتا-ئانا بولغۇچى مۇشۇنداق تىمىلارنى كۆپلەپ كۆرۈپ،بالىلىرىمىزنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بىرەيلى...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

10

تېما

1

دوست

2372

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14439
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 742
توردىكى ۋاقتى: 208
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-22
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 12:25:12 |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت بىلىمخۇمار ئەپەندى،بىزگە ناھايتى پايدىلنىش قىمىتى يوقۇرى ، ھەم بىز ئىھتىياجلىق شۇنداقلا بىز  بالا تەربىيلەشتە سەل قاراۋاتقان نوقتىلارنى بىزگە كۆرستىپ ، ئىزدىنىپ بىزنىڭ پايدىلنىشىمىز ئۈچۈن يولىغان يازمىلىرىڭىزغا رەھمەت.

0

تېما

0

دوست

383

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   41.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30008
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 104
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 13:16:56 |ئايرىم كۆرۈش
توغرا بالا تەربىيلەش ئىنتايىن مۇھىم،تۆۋەندىكى رەسىمدىن نىمىلەرنى چۈشەندىڭىز
04524417_ssss.jpg

1

تېما

5

دوست

2809

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29382
يازما سانى: 344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 806
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 15:05:26 |ئايرىم كۆرۈش
پاھ ، پاھ ، نىمانچا ياخشى بولغان بالىلار تەربىيسىگە ئائىت مەزمۇن بۇ ، رەخمەت سىزگە ،
كەلگۈسىدە باللىرىمىزنى قانداق تەربىيلىسەك بولىدىغانلىقنى بىلىۋىلىشىمىزغا پايدلىق ئىكەن .

2

تېما

1

دوست

1211

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   21.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19005
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 394
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-8
6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 20:56:26 |ئايرىم كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە رەھمەت. «رەھمەت» دېيىشتىن باشقا ئىش قولىمىزدىن كەلمەيدىكەن بۇنداق ۋاقىتتا.

0

تېما

2

دوست

2482

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15597
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 741
توردىكى ۋاقتى: 183
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-5
7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 23:05:05 |ئايرىم كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى،ھەقىقى نەپ يەتكۈزىدىغان تېمىللىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي داۋام ئىتىۋاتقانلىقىدىن ھەقىقەتەن تەسىرلەندۇق...رەھمەت بىلىمخۇمار ئەپەندىم،.ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت،ئاسانلىق بەرسۇن!!!

0

تېما

2

دوست

2482

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15597
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 741
توردىكى ۋاقتى: 183
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-5
8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 23:12:58 |ئايرىم كۆرۈش
mayinxamalbiz يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 13:16
توغرا بالا تەربىيلەش ئىنتايىن مۇھىم،تۆۋەندىكى رەسىمد ...

ھەممە ئادەم ئاستا-ئاستا يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئىش ئۇقىدىغان بولىدۇ،سەنمۇ  شۇنداق چوڭ بولغان.سەن ئىش ئۇققىدەك بولۇۋىلىپلا ئىش ئۇقمايدىغان بالاڭغا ئالدىراپ چېچىلما...دىمەكچىمىكىن...
قارىسام ئادەمنىڭ بالىلىق،ئۆسمۈرلۈك،يىگىتلىك،ياشلىق،قىرانلىق دەۋرىنىڭ دەۋرىلىگىدەك قىلامدۇ قانداق؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )