- تىزىملاتقان
- 2013-2-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 444
- نادىر
- 0
- يازما
- 22
ئۆسۈش
  72%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uguzhan76 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-12 15:11
شۇ موللا موسا سايرامىنىڭ كىتاۋىنى ئوبدانراق ئوقۇپ كاللىڭىزنى سىلكىۋېتىڭ ، ئۇنىڭ نىمە مىللەتلىكىنى ئۆزى بىلەر ، بىرسى ئۆزبىك دەيدۇ بىرسى تاجىك .
تۆۋەندىكىلەرنى بىر ئويلىۋېتىڭ : شۇ خوجىلارنىڭ قولىدىن ئۇيغۇرغا قانداق ياخشىلىق كەلدى مازار سېلىشتىن باشقا ؟ قوزغىلاڭدىن بۇرۇن خەلق ئازاپ تارتقاندا ، قوزغىلاڭدا قان تۆككەندە ئۇ بۈزرۈك خوجا ، ياقۇپ بەگ ئۇ نەدە ئىدى ؟ ھاكىميەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن پايدىلانغان بۈزرۈك خوجا قېنى ؟ سىدىق بەگنىڭ تەقدىرى قانداق بولغان يەنى كىم ئۆلتەدى ؟ شىنجاڭدا ھاكىميەتنى ئېلىپ بىرىنچى بولۇپ توققۇز توققۇز باكىر قىز ، توققۇز توققۇز ئېرىغ مال ... لارنى قوقەند شاھىغا سوغا ئەۋەتكەن ئۇ ياقۇپ بەگئۇيغۇرلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ سالاھىيىتى توشامدۇ ؟ ئالىپ ئەرتۇڭا ، ئوغۇزخانغا ئوخشاش خەلققە كۆينەلەمدۇ ؟ بۇ يەردىكى خەلقنىڭ ئازاپ ئوقۇبەتلىرىنى چۈشنەمدۇ ؟ چۈشەنسە ، خەلققە ياخشىلىق قىلغان بولسا نىمىشقا ئازاپ تارتقان خەلقتىن تەشكىللىگەن 2500 كۇچا قوزغۇلاڭچىسى 50000 چىڭ سۇلالىسى ئەسكىرىنى يېڭىپتىكەن ، سوقۇشۇپ شىڭشىڭياغىچە بېرىپتىكەن ، خەلققە ياخشىلىق قىلغان ‹‹ ئۇيغۇر ›› ياقۇپ بەگ ھاكىميىتى خەلقپەرۋەر خەلق ھىمايە قىلدىغان ھاكىميەت بولسا نىمىشقا 70000 ياقۇپ بەگ قوشۇنىنىڭ 40000 زوزۇڭتاڭ قوشۇنى ئالدىدا جۇلۇقى چىقىدۇ ؟ ياقۇپ بەگ ھاكىميەتنى كىمنىڭ قولىدىن قانداق ئېلىپ كىمگە بەردى ؟ نېمىنى يوق قىلدى ؟ موللا موسا سايرامى كىتاۋىدا بۇ جەھەتتە نىمە دىدى ؟ ئالدى بىلەن كۇچالىقلار كۆتۈرۈلۈپ يولنى توسقاندىن كىيىن ئاندىن ئاياقتىكى سىدىق بەگ ، خوتەندىكى ھېبىبۇللا بەگ خاتىرجەم كۆتۈرۈلدى ، كۇچا يولباشچىسى راشىدىنبەگ غۇلجا ، خوتەن ، قەشقەرگە ئەلچىلەرمۇ ئەۋەتكەن ، بىراق شۇنىڭغا قارىماي ئاتايىن قوقەندكە پادىشا سوراپ بارسا باردىكى ئۆزى كۆمەكلىشەلمىدى ، چەتتە ياشاۋاتقانلارنىڭ پوقىنى ئۆزىمىزنىڭ ئادىمىدىن ئەلا بىلىپ ھەممىنى تۇتقۇزغانلىقىمىزدىن ئەمەسمۇ ؟ پادىشا ئەۋلىيا چەتتىن ، خەلق ، مۇرت ، دىدەك ، خوتۇن بىزدىن بۇلىشى كېرەكلىكى كىم بەلگىلىگەن ئەن قائىدە ؟ ئاقىۋەت ئۇ چىڭ سۇلالىسىدىنمۇ بەكرەك خەلقنى قاقشاتقانلىقتىن خەلقنىڭ ئاھۇ پەريادى تۇتتى ، شۇنداق ئەمەسمۇ ؟ يەنە موللا موسا سايرامىنىڭ كىتاۋىنى ئوقىسىڭىز قوزغىلاڭدىن كىيىن چىڭ ئوردىسىدا لى خۇڭجاڭ نىمە دىگەنلىكى ، زو زۇڭتاڭ بىلەن قانداق مۇنازىرە بولغانلىقى ، لى خۇڭجاڭ تەرەپدارلىرى ئۈستۈلۈكنى ئىگىلەپ تۇرغاندا ، ياقۇپ بەگ كىرگەندىن كىيىن قوزغىلاڭنىڭ خاراكتىرى قانداق ئۆزگەرگەنلىكى ، زو زۇڭتاڭ تەرەپدارلىرىنىڭ ئوردىدا قانداق ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ قوشۇن چىقىرىش قارار قىلىنغانلىقى ، خوتەندە ياقۇپ بەگ تەرىپىدىن قانچىلىك ئادەمنىڭ بوغۇزلانغانلىقى ھەممىسى بار ، كاللىڭىزنى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ .
ياقۇپ بەگ بۇ يەردىكى خەلققە نىمە ئىش قىلىپ بەردى ؟ ھىچنىمە قىلمىدى ، پەقەت ھاكىميىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈنلا مازار سالدى ، ئىككىنچىسى قورال ياراق جۈببەخانا قۇرۇپ قورال كۈچىنى زورايتتى ، ئەنگىلىيە روسىيەگە خوشامەت قىلدى ، ئوسمان تۈرك بىلەن ئالاقە قىلدى ، بۇلار ھەممىسى ئۆزىنىڭ ھاكىمىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ، ئۇنىڭدىن باشقىسى ئوپ ئوخشاش ۋە بەلكى خەلققە بولغان زۇلۇم ئېلگىرىكىدىنمۇ ئېغىر ، قەشقەرىيە ، يەنە پىرژۋالىسكىينىڭ بىر كىتىۋى بار ، تارىخىي ھەمدىينى ئوقىسىڭىز ھەممىسىدە ئوخشاش .
ھازىرقى مۇشۇ دەۋردىمۇ ئاشۇنداق گەپنى قىلىپ ئولتاساق ھە ؟ نىمە دىگەن ئېچىنىشلىق ، شۇ دەۋردە ۋە كىيىن ئۆلگەنلەرنىڭ خۇن قىساسى ، ئازاب چەككەنلەرنىڭ ، خورلانغانلارنىڭ ، تۇل يېتم يىسىر قالغان ئايال ، بالىلار نىڭ ئۇۋالىغا ياقۇپ بەگ مەسئۇل بۇلىشى كېرەك ، ئاخىرەتتە ئۇلارنىڭ تۆمۈر تىرنىقى ياقۇپ بەگنىڭ ياقىسىدا بولغۇسى . |
|