- تىزىملاتقان
- 2012-4-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2067
- نادىر
- 0
- يازما
- 112
ئۆسۈش
  2.23%
|
ھەقىقەتەن ئېسىل پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپسىز.
ئۇيغۇر تورچىلىقى ھازىر تېخى بوۋاق باسقۇچىدا. ئۇنى پەپىلەپ، پەرۋىشلەپ تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ياكى بۈشۈكىدا ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش پۈتۈنلەي مۇنبەر ئازالىرى ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ توردا قانداق پىكىر قىلىش ۋە مۇنبەرنى قانداق باشقۇرۇشىغا باغلىق بولۇپ قالدى.
يازمىڭىزدا ئوتتۇرىغا قويغاندەك ھازىر نۇرغۇن زىيالىلىيلار ئۇيغۇر تور بەتلىرى بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىگە قەدەم باسمايدۇ. ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالىمايدۇ. پەقەت مۇنبەرنى سىرتتىن كۆرۈش بىلەنلا چەكلىنىۋاتىدۇ.
مەن خېلى كۆپ زىيالىلارنى مۇنبەرلەرگە كىرىپ ئۆز ئىلىمىنىڭ زاكىتىنى ئاز بولسىمۇ تورداشلارغا بېرىشكە دەۋەت قىلدىم. بىراق كۆپىنچىسىنىڭ پىكرى يازمىڭىزدا ئوتتۇرىغا قويغانغا ئوخشاش. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تور چۇپرەندىلىرىنىڭ ئۆز يازمىسىنى بۇلغاپ ئۆزىنى بالاغا تىقىپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەيدىكەن. زىيالىيلىرىمىز نۇرغۇن ئەجىر بىلەن بىر ياخشى ماقالىنى ئوتتۇرىغا قويسا تور چۇپرەندىلىرىدىن بىر ئىككىسىنىڭ ئۆز ھېسسىياتى بويىنچە يازمىغا مۇناسىۋەتسىزلا يازغان ئىنكاسى تەسىرىدە مۇنبەرمۇ ۋە شۇ ماقالىنىمۇ يازغۇچى ئاپتورمۇ ‹‹ياغلىق قاپاق››لىقتىن قۇتۇلالمىسا كىممۇ مۇنبەرگە ئەسەر بېرىشكە جۈرئەت قىلالىسۇن. شۇڭا مۇنبەرگە كىرمىگەن زىيالىيلاردىنمۇ ئاغرىنىشقا بولمايدۇ.
|
|