- تىزىملاتقان
- 2013-12-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 31
- نادىر
- 0
- يازما
- 1
ئۆسۈش
  10.33%
|
بىر ئوبدان تېمىنى پاخال قىلماي تېمىغا مۇناسىۋەتلىك گەپ بولسا قىلىڭلار مۆھتىرەم تورداشلار، ئۇلۇق ئاي، ئۇلۇق كۈنلەردە بىر-بىرىڭلارغا ئازار بەرمەي.
ئالدى بىلەن ئاپتورنىڭ ئىزدىنىشلىرىغا ۋە ئەجرىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت. دىيارىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن قىزلىرىمىزنىڭ پەخرى بولغان نوزۇگۇمنىڭ مەقبەرىسىنىڭ غۇلجىدا ئىكەنلىكى ھېچكىم ئىنكار قىلمايدىغان ھەقىقەت لېكىن ئورنىنىڭ ھازىرغىچە ئېنىق بولماسلىقى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. مەن نۇرتاي ھاجىم مەكتىۋىنىڭ 10-يىللىق خاتىرە كۈنىدە غۇلجىدىكى زىيالىلار بىلەن بىر قېتىم ھەمسۆھبەت بولغان ئىدىم، ئىلى پىداگوكىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئەكپەر ئاكىمىز شۇ قېتىملىق سۆھبەتتە غۇلجا دۆڭ مەھەللە ئەتراپىدا تۇل خوتۇن مازىرى دەيدىغان بىر مازارنىڭ بارلىقىنى ئەينى ۋاقىتتا نوزۇگۇم ئۆلتۈرۈلگەن جاينىڭ ھازىرقى ياشلار كوچىسى سودا بازىرى ئورنىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى باقىنىڭ نوزۇگۇمنىڭ جەسىدىنى ئاتقا مىندۈرۈپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ئورنىنىڭ ئۆزى ئىسمىنى ئاتىغان تۇل خوتۇن مازىرى دېگەن تەرەپكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن، ئاپتورنىڭ نوزۇگۇمنىڭ مەقبەرىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشلىرى ھەقىقەتەن كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ، مۈمكىن بولسا ئاپتورنىڭ غۇلجىدىكى تېخىمۇ كۆپ زىيالىلار بىلەن ئىزدىنىپ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ پەخرى بولغان نوزۇگۇمنىڭ مەقبەرىسى ئۈستىدە قايىل قىلارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلاپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا سۇنۇپ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىگە تىلەكداشمەن. |
|