- تىزىملاتقان
- 2011-10-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7121
- نادىر
- 0
- يازما
- 448
ئۆسۈش
  42.42%
|
ilimkuq يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 09:49 
تارىخى مەنبە بىلەن ماقالىنىڭ پەرقىنى بىلمەيدىغان بۇن ...
بۇنى تەرجىمە قىلغان بۇرادىرىمىزمۇ ئۆزىنى مەن ئالىم دەۋالماپتۇ. ئۆزى قىززىقىپ ئۆگۈنۈپ، ئۆزى قىززىققان مەنبەلەردىن تەرجىمە قىلىپ يوللاپتۇ.شىنجاڭدا فارس تىلىنى ئۆگەنگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۈچۈن ھىچقانداق خىزمەت ئورنى،ئىشلىتىش شارائىتىمۇ يوق.شۇنداقتىمۇ قىززىقىپ ئۆگۈنۈپتۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە فارىس ئەدەبىياتىنىڭ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى سىز يۇيۇپ تازىلىۋىتىمەن دېسىڭىز، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى چولاق ھالغا چۈشپ قالارمىكىن. ئۆزگە تىلدىن بىر ئابزاس ئەمەس، بىر جۈملىنى تولۇق،ئەينەن، مەنىسىنى روشەنلەشتۈرگەن ھالدا تەرجىمە قىلىش ئۈچۈنمۇ خېلى تىرىشچانلىق ۋە سەۋىرچانلىق كېتىدۇ. سىزگە يارىمىغانلىقى ئۈچۈنلا بىر تەرەپلىمە پىكىر يۈرگۈزۈپ باشقىلارنى ئەيىبلەشنىڭ نىمە زۆرۈرىيتى، ئەسلى مەنبەگە قاراپ باقسىڭىزلا بولمىدىمۇ؟ فارىسچە مەنبەدىن تەرجىمە قىلىپ يوللىغانلار فارس نەسەبلىك بولسا خەنزۇچە مەنبەدىن تەرجىمە قىلىپ يوللىغانلار خەن نەسىللىك ئوخشىمامدۇ؟
يۇقارقى ئىنكاسىڭىزدىكى تارىخ ،مەنبە، پەرق،مەرىپەت، پاساھەت، ئىبارە،ئىلمىي،بەزى، مەقسەت،مەلۇمات، ناھايتى، تالاش دېگەندەك فارىسچە ۋە ئەرەبچىگە ئورتاق بولغان ئاتالغۇلار ۋە بىلەرمەن دېگەن ئۇيغۇرچە بىلىش سۆزى بىلەن فارىسچە ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچىنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن سۆزلەرنى چىقىرىۋەتسەك بەلكىم ئىنكاسىڭىز چۈشۈنىكسىز بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىنمىكىن. |
|