- تىزىملاتقان
- 2014-4-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 774
- نادىر
- 0
- يازما
- 31
ئۆسۈش
  54.8%
|

2010 -يىلى 10-ئايدا توقسۇن ناھىيەدىكى مەلۇم شىركەت دۆلەتنىڭ بەلگۈلىمىلىرى بويىچە ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى يەرگە ئىشچى خىزمەتچىلەر مەبلەغ جۇغلاپ تۇرالغۇ سېلىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىتىپ 金世房地产 دەيدىغان ئۆي مۈلۈك شىركىتى بىلەن توختاملىشىپ 翠泉小区قۇرۇشنى كېلىشىپ جەمى يەتتە بىنا سېلىپ 3بىنا ئىشچى خىزمەتچىلەرگە 4بىنا تاۋار ئۆي قاتارىدا سىرىتغا سېتىلىش توغرىدا پۈتۈشۈپ ئىشچى خىزمەتچىلەر مەبلەغ جۇغلاپ ھەم تاۋار ئۆيلەر سېتىلىپ قۇرۇلۇش باشلانغان ئىدى.ئىككىنچى يىلى ئىچكى ئەھۋاللار نامەلۇم قۇرۇلۇش بەزىدە توختاپ بەزىدە قىلىنىپ ئەمگەك ماجرالىرى كۆپ قېتىم يۈز بەردى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ماسلاشتۇرۇپ قويغانمۇ بولدى .بىلىشىمىزچە مەبلەغ جۇغلاپ سېلىنىدىغان ئۆي بىلەن تاۋار ئۆيگە ئىشلىتىلىدىغان يەرنىڭ خاراكتىرى ئوخشىماسلىق تۈپەيلى يەنە بىرمۇنچە مەسىللەر كېلىپ چىقىپ رەسمىيەتلەر مۇرەككەپلىشىپ قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى،مەبلەغ سالغۇچى 金世房地产 ھەم قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلۈپ ناھىيلىك ھۆكۈمەت ،سوت مەھكىمىسى كۆپ قېتىم مۇرەسسە قىلىپ ماسلاشتۇرىشى بىلەن قۇرۇلۇش تاماملىنىىپ بولغان بولسىمۇ يەنە بىر قىسىم مەسىلە رەسمىيەتلەر بىجىرىلىپ بولمىغانلىقتىن ئۆي ئىشچى خىزمەتچىلەرگە تاپشۇرۇلمىدى نۆۋەتتە رەسمىيەتلەر قاچان پۈتىدۇ،قاچان ئۆي تاپشۇرىلىدۇ دىگەن مەسىلە ئېنىق ئەمەس يەنە كېلىپ بىنا تاپشۇرلمايلا تاشقى بىزەك سىرلىرى سويۇلۇپ سۈپەت مەسىللىرىمۇ كۆرۈلىۋاتىدۇ.ئۆي تاپشۇرۇش كەينىگىلا سۈرۈلىۋاتىدۇ .نۇرغۇن ئىشچى خىزمەتچى ۋە ئاھالىنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشقا ئىگە بولىدىغان ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان ئورۇن قېنى !ئازغىنە مۇئاش بىلەن تەستە سېتىۋالغا ئۆيگە كىرەلمىسە ئادىللىقمۇ؟مۇمكىن بولسا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇ قۇرۇلۇشنى قانۇنى تەرتىپ بىلەن تەكشۈرۈپ جەمىيەتكە ئېنىق جاۋاپ بەرسە ئۆيلەرنىڭ قانۇنى ئىگىلىرى قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئېرىشسە دىگەن ئۈمۈتتە ...
-ئاۋامنىڭ ساداسى
|
|