- تىزىملاتقان
- 2011-3-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4345
- نادىر
- 10
- يازما
- 138
ئۆسۈش
  78.17%
|

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ozturuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-2 11:38
ھەريىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كۆپلىگەن كىشىلەر دىققەت قىلدىغىنى بۇ يىلقى ئەلىيۇلئەلا زادى كىم ؟ ئالدىنقى يىلى پەخرىيە ماتىماتىكا ئىمتىھانىدا تولۇق نومۇر ئېلىپ ئەلىيۇلئەلا بولۇپ زىلزىلە قوزغىدى . بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەلىيۇلئەلا مەيدان كېلىدۇ . ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھەرقايسى تاراتقۇلار تۆۋەنكىدەك خەۋەر ئېلان قىلدى :
شىنجاڭنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەبىئىي پەن (قوش تىل سىنىپ): ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئالىي ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى كامىران ۋە شىنجاڭ تەجىربە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئابلىكىم ئوخشاشلا 645 نومۇر ئېلىپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تەبئىي پەندە ئەليۇلئەلا بولدى. شىنجاڭ تەجىربە ئوتتۇرا مەكتىپى تولۇق 3-يىللىق 18-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى شەھىدە ئابلا 628 نومۇر ئېلىپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە قوش تىل ئىجتىمائىي پەندە بىرىنچى بولدى. ئەسمايىم 617 نومۇر ئېلىپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە قوش تىل ئىجتىمائىي پەندە ئىككىنچى بولدى.
يوقىرىقى مۇنەۋەر ئوقۇغۇچىلارنى ئەلۋەتتە ئالاھىدە تەبرىكلەشكە ئەرزىيدۇ ،شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىشىنى ھەممە كىشى ئۈمىد قىلىدۇ ،لېكىىن يوقىرىقى خەۋەر ئېلان قىلىنىپ نەچچە كۈن ئۆتمەي ئۈندىداردا تۆۋەنكى نارازىلىق خېتى تارقالغان : مەزمونى تۆۋەنكىدەك :
بۇ يەردە يوقىرىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ شان شەرىپىنى چەتكە قېقىش مەقسەت ئەمەس ، ئەگەر يوقىرىقى نارازىلىق خېتىدىكى ئەھۋال توغرا بولسا بۇ مائارىپ نازارىتى ۋە ھەرقايسى تاراتقۇلاردىكى سەۋەنلىك بولىدۇ . بۇنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئېنىق چۈشەنچە بېرىش زۆرۈردۈر .
بۇ يىلقى ئەلىيۇلئەلا زادى كىم ، بۇنى يەنە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئېنىق چۈشەنچىسى ئارقىلىق بىلەلەيمىز . مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بۇ ھەقتە تەكشۈرۈپ دەللىللەپ ئېنىق چۈشەنچە بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز ! |
|