- تىزىملاتقان
- 2010-12-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 12574
- نادىر
- 28
- يازما
- 230
  
ئۆسۈش
  100%
|
hukumran يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 17:18 
ئىچى پۇشۇپ قالغانلار قاچىلاپ يەنە يۇيۋىتىپ يەنە قاچىل ...
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ، باغداشقا كۆيۈنگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت . تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە تەشەككۈر .
بىلوگلارنىڭ كۈندىلىك زىيارەت سانىنىڭ 200 مىڭدىن ئاشقانلىرى بولسا بۇ ھەقىقەتەن ئالەمشۇمۇل ئەھۋالكەن ، تور بېكتىمىز تور ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقىلى 5-6 يىل بولدى ،تېخى بىرەر تور بېكەتنىڭمۇ زىيارەت سانىنىڭ 200 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى بىلمىدۇق .
ئادەتتە تور بېكەتلەرنى ئىككى خىل ئەھۋال بويىچە چۈشەندۈرىمىز : بىرسى ئادەم قېتىم سانى يەنى بىرسى چېكىلىشى ،. چېكىلشى دېگىنىمىز بىر ئادەم باغداشقا كىرىپ ئون تېما كۆرگەن بولسا ،ياكى تورنى قايتا قايتا ئاچقان بولسا بۇنىڭ ھەربىرىنى ھېساپلاپ ماڭىدۇ ،بۇنداق بولغاندا باغداشنىڭ زىيارەت سانىمۇ 200 مىڭدىن خېلىلا ئاشىدۇ ، يەنە بىرى بولسا ئادەم قېتىم ، بۇ خىل ھېساپلىغاندا ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر تور بېكىتى تېخى بۇ سانغا يەتكىنى يوق . بۇ چۈشىنىشلىك بولسۇن .
ئەپ دېتاللىرىنىڭ چۈشۈرىلىشىنى ھېساپلايدىىغان مەخسوس ھېساپلىغۇچ بار، بۇ ھەرگىزمۇ سىز دىگەندەك چۈشۈرگەننىڭ ھەممىنى ھېساپلىمايدۇ ،چۈشۈرۈپ تېلفۇندا ئىجرا بولغاننى ھېساپلايدۇ ، مەسىلەن مەن تېلفۇنۇمغا 100 قېتىم قاچىلاپ 100 قېتىم يۇۋەتسەممۇ پەقەت سىتاستىكىدا بىرلا سان كۆپىيىدۇ . بۇمۇ چۈشىنىشلىك بولسۇن .
10 مىڭغا كەلسەك سىز ئۈچۈن ھېچقانچە سان بولمىغان بىلەن بىز ئۈچۈن تولىمۇ ياخشى ئەھۋال ، چۈنكى ئەپ دېتالىنى ئېلان قىلغىلى ئەمدى تېخى بىر ئايدىن ئاشتى ، يەنە نۇرغۇن كىشىلەر چۈشۈرۈشنى تولۇق بىلەلمەيۋاتىدۇ . ئىشىنىمىزكى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ .
بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىلدى . |
|