ئۇيغۇرغا بار سۆزلىرىم
مەمەتتۇرسۇن ئابدىريىم ئوغلانى
تەبرىكى دىلدىن تارار كۆڭلى ئاق لالە سەن ئۇيغۇر . ئەقىلىدىن زۇمرەت تامار ئۇلۇغدىن دانە سەن ئۇيغۇر. مەجھۇلى (1) مەلەك(2) سۆزى ئەيلىمىگەي سېنى ھەيران . شەرىپىڭ ئۇندىن ئىسىل، مىسال پەرۋانە سەن ئۇيغۇر.
****** بىرلىرىڭ قاقشاپ ياشاپ ئاچچىقلىدىڭ دۇنياغا بەك ، ئاڭلىساق شۇ دۇنياغىمۇ شۇ سەۋەب كۆز تەگكۈدەك . ئۇنۇتمىغىن ئوغلۇڭ ساڭا پۇت ـ قولۇڭدىنمۇ ھوزۇر ، ئوغلۇڭ كېلىپ بىركۈن سېنى بېشىدا كۆتۈرگۈدەك.
****
دائىما قىسمىتى دولقۇن دۇنياغا كەلگۈندىنىڭ ، ھۆرمىتى ھەم يەكسانى بار ھاياتنى تەرگۈندىنىڭ ، جاسارىتى، جاپالىدىن قىلسا باغ بوستانى ئۇ، سەبرە بىرلە ھالۋا پۈتەر كۆڭۈلنى بەرگۈندىنىڭ .
**** تاشلىما قېرىندىشىم ئۈمىدنى سەن دىل تۆرىدىن ، ۋەيرانە سەن قىلماي نېرى نىيەتنى خەس (3)چۆلىدىن، تاشلىساڭ توغرا قەدەم يورۇتۇپ قەلبىڭنى ھەم ، پاراسىتىڭ قىلار سېنى مىسالى كۆك بۆرىدىن .
2014-06-29
تىيەنجىن
(1)مەجھۇل : نائىنىق (2)مەلەك : مالائىكە
(3)خەس: يىراق جاڭگالدا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك
|