- تىزىملاتقان
- 2014-4-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4316
- نادىر
- 6
- يازما
- 126
ئۆسۈش
  77.2%
|
قېرىنداشلار، يىلنامىنى توغرا ئىشلىتەيلى ، مىلادى 1927 – يىلى ( داۋگۇاڭنىڭ يەتتىنچى يىلى) ئەمەس ، بەلكى مىنگونىڭ 15-يىلى بولىدۇ، بۇ ئەسلى مىلادىيە 1827-يىلى بولۇشى كېرەك، بۇ بەلكىم مەزكۇر يازمىنى يوللىغۇچىنىڭ ياكى مۇشۇ مۇنبەرگە چاپلىغۇچىنىڭ بىلىپ-بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قويغان سەھۋەنلىكىدۇ، بۇنى بىلگەنلەرغۇ توغرا چۈشىنەر، ئەمما بىلمىگەنلەر خاتا تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ. يازمىنىڭ بېشىدىلا كۆرۈلىدىغان بۇنداق يىلنامىنى 100 يىل پەرق بىلەن خاتا يېزىش بىرىنچىدىن ئەسلى ئاپتورغىمۇ، ئىككىنچىدىن تارىخ ئىلمىنىڭ ئەڭ ئاساسىي ۋە ئەقەللىرى تەلەپلىرىدىن بولغان تارىخىي ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىت، ئۇرۇن ۋە شەخسنى چىن يېزىش تەلىپىگىمۇ، ئۈچىنچىدىن مۇشۇ يازمىنى يوللىغۇچىنىڭ ئۆزىگىمۇ، تۆتىنچىدىن مەزكۇر باغداش تورىنىڭ يۈزىگىمۇ سەت بولىدۇ. مەن ئۇزۇندىن بويان تور بېكەتلىرىدىكى مۇشۇنداق تىل-يېزىق، تەلەپپۇز-ئىملا، ۋاقىت، ئۇرۇن ۋە شەخس ناملىرىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن، بۇنداق مەسىلىلەر بۇرۇنقىدىن ئازىيىۋاتقان بولسىمۇ ، لېكىن يەنىلا تۈزەلگىنى يوق، بەلكى يېڭىدىن يېڭى سەھۋەنلىكلەر كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بۇ يازمىدىكى سەھۋەنلىك پەقەت بۇلارنىڭ بىرى. ئىلتىماسىم شۇكى، باشقىلارنى دېمىگەندىمۇ ئەڭ مۇھىمى تۇرداشلارنىڭ توغرا ئۇچۇرغا ئېرىشىشىنى ھەم ئانا تىل -يېزىقنى توغرا ، ئۆلچەملىك ئىشلىتىشنى كۆزدە تۇتۇپ يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەرگە يازما يوللىغۇچىلار، توردىكى تەھرىرلەرنىڭ بەك نئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. |
|